ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرى

ئۇيغۇر تېبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

«ئۇيغۇر تېبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى ئۇيغۇر تېبابىتى-دورىگەرلىكىگە ئائىت قەدىمىي ئەسەرلەرنى تور يۈزىدە ئىزدەش سۇپىسى» بولسا، ئۇيغۇر تىبابەت ۋە دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرىدۇر. يەنى ھازىرقى زامان ئۇچۇر تېخنىكىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر تىبابەت قەدىمىي كلاسسىك ئەسەرلىرىنى رەقەم ۋە سان-سىفىر شەكلىدە، تور ۋە ئوپتىك دىسكا قاتارلىق مەۋھۇم ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ساقلاش، تارقىتىش ۋە ئورتاق بەھىرلىنىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر تىبابەت قەدىمىي مىراسلىرىمىزنى كېيىنكىلەرگە ئۆز ئەسلى بىلەن ئەينەن يەتكۈزۈش ۋە داۋاملىق قوغداشنى ئاخىرقى مۇددىئا قىلغان، ئۇيغۇر تىبابەت تەرەققىياتىدا بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بولغان زۆرۈر يوللارنىڭ بىرىدۇر. مەزكۇر سىستېما ئارقىلىق ئۇيغۇر تىبابەت-دورىگەرلىك قەدىمكى ئەسەر مەنبەلىرىنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ يارقىن نامايان قىلغىلى بولىدۇ. بۇ خىزمەت «ئۇيغۇر تىبابەت ۋە دورىگەرلىك قەدىمىي ئەسەرلەر ئورتاق بەھىرىلىنىش سۇپىسى» قۇرۇش ۋە ئۇنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن نەزەرىيىۋى ئاساس ۋە مەشغۇلات مۇمكىنچىلىكى تەمىن ئېتىدۇ ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرجەميىتمىزنىڭ ماتېرىيال-ھۆججەتلەردىن ئورتاق پايدىلىنىش ۋە ھەمبەھىر مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇش سۈرئىتىنى تىزلىتىشكە ئۆز ھەسسىسىنى قوشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇندىن كېيىنكى قەدىمىي ئەسەرلەرنى قېزىش، رەتلەش، قايتا ھاسىل قىلىش تەتقىقات خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بەلگىلىك شارائىت بىلەن تەمىن ئېتىش ئىمكانىيىتى تۇغدۇرىدۇ. » ئۇيغۇر تېبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى » بولسا، نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ھەمكارلىق ئامبۇلاتورىيىسىنىڭ 2021 – يىللىق پەن-تېخنىكا ئۇل ئاساسى قۇرۇلۇشى پىلانىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئىقتىسادى ياردەمگە ئېرىشكەن بولۇپ، تەتقىقات گۇرۇپپىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەمگەك ئىجادىيىتىنىڭ مەھسۇلىدۇر. كەسىپداشلارنىڭ ۋە ئۇيغۇر تېبابىتىگە قىززىققۇچىلارنىڭ بىزگە ھەرجەھەتتىن ياردەمدە بولىشىنى ۋە شۇنداقلا سەمىمىي پىكىر- تەلەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، شۇ ئارقىلىق مەزكۇر سىستېمىنى كۈندىن-كۈنگە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىرىشىمىز. قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلىرىڭىزنى ھەرۋاقىت قوبۇل قىلىمىز،

بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ : ھەبىبۇللا ھاجىم (نۇرلۇق)

ئالاقىلىشىش تېلېفۇن نومۇرى: 05380176073

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى ۋە ئەسەرلەرنى تور يۈزىدە ئىزدەش سۇپىسى ۋە تەتقىقات گۇرۇپىسى


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button