داۋالاش بىلىملىرى

مۇرەككەپ كېسەللىكلەرنى داۋالاش پىرىنسىپىلىرى

مۇرەككەپ كېسەللىكلەر بىردىن ئارتۇق كېسەللىكلەرنىڭ بىرلىكتە كېلىشىنى كۆرسىتىدۇ. بىردىن ئارتۇق كېسەللىكلەرنى داۋلاش مۇرەككەپ كېسەللىكلەرنى داۋالاش بولۇپ، بۇنداق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا تۆۋەندىكى ئۇسۇللارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
ئەگەر ئككى خىل كېسەللىك قوشۇلۇپ كەلگەن بولۇپ، بىرىنچى كېسەللىك ئىككىنچى كېسەللىككە سەۋەپچى بولسا ئالدى بىلەن بىرىنچى كېسەللىكنى يەنى سەۋەپچى بولغان كېسەللىكنى داۋالاش كېرەك. مەسىلەن، جىگەرنىڭ قان ئىشلەش خىزمىتى ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن كەم قانلىق كۆرۈلگەن بولسا ئالدى بىلەن جىگەر خىزمىتىنى ياخشىلاپ ئاندىن قان تولۇقلىغۇچى دورىلارنى ئىستېمال قىلدۇرۇش كېرەك.
ئەگەر ئىككى خىل كېسەللىك بىرلىكتە كېلىپ بۇ ئىككى خىل كېسەللىكنىڭ بىرى خەتەرلىك بولسا ئالدى بىلەن خەتەرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاپ ئاندىن ئاستا خاراكتېرىلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش كېرەك.
ئەگەر ھەزىم قىلش كېسەللىكلىرى بىلەن باشقا ئەزا كېسەللىكلىرى بىرلىكتە كەلگەن بولسا، لېكىن جىددىي بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئالدى بىلەن ھەزىم قىلىش كېسەللىكلىرىنى داۋالاپ ئاندىن كېيىن باشقا ئەزا كېسەللىكلىرىنى داۋالاش كېرەك.

ئۇيغۇر تېبابىتى داۋالاش ئۇسۇللىرى ئىلمىدىن ئېلىندى.


# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button