يۈرەك مېڭە- قان تومۇر

مېڭە كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى

مېڭە كېسەللىكلرى ئادەتتە مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرىلىك مېڭە كېسەللىكلىرى، شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك مېڭە كېسەللىكلىرى ۋە پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك مېڭە كېسەللىكلىرى دەپ ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ.
1. مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك مېڭە كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇلى
مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرىلىك كېسەللىكلەر چوڭ جەھەتتىن خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرىلىك مېڭە كېسەللىكلىرى ۋە خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرىلىك مېڭە كېسەللىكلىرى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.
1) خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرىلىك مېڭە كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇلى
خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرىلىك مېڭە كېسەلىكلىرى بولسا خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىقتىن، ھۆل ئىسسىقتىن، ھۆل سوغۇقتىن ۋە قۇرۇق سوغۇقتىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر دەپ تۆت تۈرگە بۆلىنىدۇ.
بۇ تۆت خىل مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك مېڭە كېسەللىكلىرىنى يەنە خىلىتسىز ئىسسىقتىن ۋە خىلىتسىز سوغۇقتىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرىلىك مېڭە كېسەللىكلىرى دەپ ئىككى تۈرگە يەنى خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىقتىن ۋە خىلىتسىز ھۆل ئىسسىقتىن مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرىلىك مېڭە كېسەللىكلىرى دەپ ئىككى تۈرگە يىغىنچاقلاپ داۋالاشقا بولىدۇ. بۇ خىل خلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرىلىك كېسەللىكلەردە خىلىتتا ئۆزگىرىش بولمىغاچقا، خىلىتقا قارىتا مۇنزىچ (پىشۇرغۇچى) ، مۇسھىل (سۈرگۈچى- تازلغۇچى) بېرىلمەيدۇ. بەلكى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ مىزاج بۇزۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كەيپىياتقا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىش پىرىنسىپى ئارقىلىق داۋالىنىدۇ.
(1) خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق ۋە خىلىتسىز ھۆل سوغۇقتىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرىلىك مېڭە كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى
① تەڭشقگۈچى دورىلارنى بېرىش
ھارارەت پەسەيتكۈچى، مېڭە خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى ھۆل سوغۇق ۋە قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك يەككە ھەم مۇرەككەپ دورىلار بېرىلىدۇ. مەسىلەن يەككە دورىلاردىن ئاق سەندەل، بىنەپشە، نىلۇپەر… مۇرەككەپ دورىلاردىن ئەرقى گۈل، ھەببى بىنەپشە قاتارلىقلار.
② يېمەك- ئىچمىكى
ھارارەت پەسەيتكۈچى، ئاسان سىڭىدىغان ھۆل سسوغۇق ۋە قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك مېڭە خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى يېمەكلىكلەر بېرىلىدۇ. مەسىلەن، بېلىق گۆشى، چۈجە گۆشى، شولا، ئارپا ئېشى، پالەك، قاپاق، تەرىەمەك، نەشپۈت، شاپتۇل… قاتارلىقلار.
③ باشقا خىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش
سوغۇق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش مەسىلەن، مۇز، سوغۇق سۇ، ئاق سەندەل، گۇلاب، كافۇر… قاتارلىقلار بىلەن سوغۇق ئۆتكۈزۈپ،  ئارام ئالدۇرۇپ داۋالاش، ئۇخلىتىپ داۋالاش، دورىلار بىلەن ياغلاپ داۋالاش. مەسىلەن، بىنەپشە يېغى، قاپاق يېغى ۋە ئۇنىڭ ئوخشاشلىرى بىلەن ياغلاش قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ مۇۋاپىق كېلىدىغانلىرىنى تاللاپ قوللىنىلىدۇ.
④ پەرھىز
بۇنىڭدا ھارارەتنى ئۆرلىتىۋېتىدىغان، تەستە سىڭىدىغان قورۇق ئىسسىق ۋە ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك خام ھەم پىششىق دورىلار ۋە يېمەك- ئىچمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. مەسىلەن، خام دورىلاردىن قارىمۇچ، پىلپىل، قەلەمپۇر، پىششىق دورىلاردىن داۋائىلمىشكى ھار، ماددەتۇلھايات، جاۋارىش جالىنوس قاتارلىقلار. يېمەك- ئىچمەكلىكلەردىن بولسا ئات گۆشى، كەپتەر گۆشى، پولۇ، تونۇر كاۋىپى، لازا، سامساق، ئالما، ئەنجۈر، ياڭاق، قىزىل ئۈزۈم… قاتارلىقلار.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىسسىق مۇھىتتا كۆپ ئىشلەش، ئۇزۇن يول يۈرۈش، قىزىق سۇدا يۇيۇنۇش، ئىسسىق تەبىئەتلىك ياغلار تەنى قۇستە يېغى، قەلەمپۇر يېغى، زەيتۇن يېغى قاتارلىقلار بىلەن ياغلاش، ئېغىر جىسمانىي ھەرىكەت بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىش، زىيادە كۆپ ۋاراڭ- چۇرۇڭ بار ئورۇندا ئۇزۇن تۇرۇش قاتارلىقلاردىن چەكلىنىدۇ.
(2) خىلىتسىز ھۆل سوغۇق ۋە خىلىتسىز قۇرۇق سوغۇقتىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرىلىك مېڭە كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى
① تەڭشىگۈچى دورىلارنى بېرىش
ھارارەتنى يۇقىرى كۆتۈرگۈچى، مېڭىدىكى ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتقۇچى قۇرۇق ئىسسىق ۋە ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك مېڭە خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى يەككە ھەم مۇرەككەپ دورىلار بېرىلىدۇ. مەسىلەن، يەككە دورىلاردىن ئىپار، ئاسارۇن، پەرەنجىمىشكى قاتارلىقلار. مۇرەككەپ دورىلاردىن داۋائىلمىشكى ھار، ئىپار جەۋھىرى، خېمىرى گاۋزىبان ئەنبىرى قاتارلىقلار بېرىلىدۇ.
② يېمەك- ئىچمىكى
ھارارەتنى يۇقىرى كۆتۈرگۈچى، ئاسان سىڭىدىغان قۇرۇق ئىسسىق ۋە ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك مېڭە خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى يېمەك- ئىچمەكلىكلەر بېرىلىدۇ. مەسىلەن، كەپتەر گۆشى، قۇشقاچ گۆشى، گۆشلۈك پولۇ، شورپا، پىياز، سەچزە، چامغۇر، ياڭاق، ئانار، قىزىل ئۈزۈم… قاتارلىقلار.
③ باشقا خىل داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش
ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش مەسىلەن، قايناق سۇ، قىزدۇرۇلغان تۇز ياكى قىزىق قۇم قاتارلىقلار بىلەن ئىسسىق ئۆتكۈزۈش. قەلەمپۇر يېغى بىلەن ياغلاش، كۈن نۇرىغا قاقلاش، ھەرىكەت قىلدۇرۇش قاتارلىقلار. مەسىلەن، يەڭگىل بولغان تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش، جىسمانىي ئەمگەك قىلىش قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ مۇۋاپىق كېلىدىغانلىرىنى تاللاپ قوللىنىدۇ.
④ پەرھىز
ھارارەتنى تۆۋەنلەتكۈچى، مېڭە خىزمىتىنى سۇسلاشتۇرغۇچى ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك يەككە ھەم مۇرەككەپ دورىلار ۋە يېمەك ئىچمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.
مەسىلەن، يەككە دورىلاردىن قارىئۆرۈك، ئەينۇلا، كافۇر، سېمىز ئوت ئۇرۇقى قاتارلىقلار. مۇرەككەپ دورىلاردىن قۇرسى كافۇر، ھەببى بىنەپشە، ئەرقى نىلۇپەر قاتارلىقلار. يېمەك- ئىچمەكلىكلەردىن بېلىق گۆشى، گۈرۈچ، لەڭپۇڭ، شويلا، پالەك، ياڭيۇ، ئوسۇڭ، نەشپۈت، تاۋۇز، ئۆرۈك… قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا ھۆل- يېغىنلىق سوغۇق مۇھىتتا ئۇزۇن تۇرۇش، ياكى كۆپ ئىشلەش، سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇش، سوغۇق تەبئەتلىك ياغلار يەنى بىنەپشە يېغى، قاپاق يېغى، گۈل يېغى قاتارلىقلار بىلەن ياغلاش، كۆپ ئۇخلاش، سوغۇق سۇنى كۆپ ئىچىش قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.
2) خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرىلىك مېڭە كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇلى
خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرىلىك مېڭە كېسەللىكلىرى سەپرا، قان، بەلغەم، سەۋدا خىلىتلىرىنىڭ غەيرىي تەبئىي ھالەتكە ئۆزگىرىشىدىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرىلىك مېڭە كېسەللىكلىرى دەپ تۆت تۈرگە بۆلىنىدۇ.
بۇ خىل مىزاج بۇزۇلۇشتا خىلىتتا ئۆزگىرىش بولغاچقا، قان خىلىتىدىن باشقا خىلىتلارغا ئالدى بىلەن مۇنزىچ، مۇسھىل بېرىلىدۇ. قان خىلىتىغا قارىتا قايسى خىل غەيرىي تەبئىي قان خىلىتى كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا شۇنىڭغا خاس بولغان تەڭشىگۈچى بېرىلىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكللەرگە مۇنزنچ،مۇسھىل ۋە تەڭشىگۈچى دورىلار بېرىلىپ بولغاندىن كېيىن قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلارنى بېرىش پىرىنسىپى ئارقىلىق داۋالىنىدۇ.
(1) غەيرىي تەبئىي سەپرا خىلىتىدىن بولغان خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرىلىك مېڭە كېسەلىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى
① مۇنزىچ، مۇسھىل بېرىش
بۇنىڭدا ئالدى بىلەن قايسى غەيرىي تەبئىي سەپرا خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇنىڭغا خاس بولغان مۇنزىچ، مۇسھىل تەركىبىگە مېڭىنى كۈچلەندۈرگۈچى، مېڭە خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك دورىلاردىن ئاق سەندەل، بىدەمىشكى… قاتارلىق دورىلار قوشۇپ بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ.
② قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلارنى بېرىش
بەدەن تەنقىيە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، مېڭە ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار بېرىلىدۇ. مەسىلەن، مۇپەررىھ ياقۇت بارىد، خېمىرى مەرۋايىت، خېمىرى سەندەل… قاتارلىقلار.
③ يېمەك- ئىچمىكى
ھارارەت پەسەيتكۈچى، ئاسان سىڭىدىغان ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك- ئىچمەكلىكلەر بېرىلىدۇ. مەسىلەن، بېلىق گۆشى، ئارپا ئېشى، شويلا، توخۇ گۆشى، پالەك، قاپاق، تەرخەمەك، نەشپۈت، تاۋۇز، بانان… قاتارلىقلار.
④ باشقا خىل داۋالاش ئۇسۇلىرىنى قوللىنىش
سوغۇق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش مەسىلەن، مۇز پارچىسى، سوغۇق سۇ، كۇلاب، سەندەل، كافۇر قاتارلىقلار بىلەن سوغۇق ئۆتكۈزۈپ ئارام ئالدۇرۇپ داۋالاش، ئۇخلىتىپ داۋالاش، ياغلاپ داۋالاش. مەسىلەن، بىنەپشە يېغى، قاپاق يېغى بىلەن ياغلاش، ئۇۋۇلاپ داۋالاش، چۈشكۈرتىپ داۋالاش، روھىي داۋالاش… قاتارلىقلارنىڭ مۇۋاپىق كېلىدىغانلىرى تاللاپ قوللىنىلىدۇ.
⑤ پەرھىز
ھارارەتنى ئۆرلىتىۋېتىدىغان، تەستە ھەزىم بولىدىغان قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك يەككە ھەم مۇرەككەپ دورىلار ۋە يېمەك- ئىچمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇلىدۇ. مەسىلەن، يەككە دورىلاردىن قارىمۇچ، پىلپىل، قۇستە قاتارلىقلار. مۇرەككەپ دورىلاردىن مەجۈنى سالاجىت، ماددەتۇلھايات، ھەببى ئازاراقى قاتارلىقلار. يېمەك- ئىچمەكلىكلەردىن قوتاز گۆشى، ئات گۆشى، كەپتەر گۆشى، گۆشلۈك پولۇ، پەرمۇدە، سامسا، كۈدە، پىدىگەن، سامساق، خورما، ياڭاق قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا ئىسسىق مۇھىتتا كۆپ ئىشلەش، ئۇزۇن يول يۈرۈش، قىزىق سۇدا يۇيۇنۇش، ئىسسىق تەبى.ەتلىك مايلار يەنى قۇستە يېغى، قەلەمپۇر يېغى، زەيتۇن يېغى قاتارلىقلار بىلەن ياغلاش، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىش، زىيادە ئاچچىقلىنىش، غەزەپلىنىش، ئۇخلاشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك قاتارلىقلاردىن چەكلىنىدۇ.
(2) غەيرىي تەبئىي قان خىلىتىدىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرىلىك مېڭە كېسەىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇلى
① تەڭشىگۈچى دورىلارنى بېرىش
بۇنىڭدا ئالدى بىلەن كېسەللىك قايسى خىل غەيرىي تەبئىي قان خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇنىڭغا خاس تەڭشىگۈچى دورىلار تەركىبىگە مېڭىنى قۇۋۋەتلىگۈچى، مېڭە خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك دورىلاردىن ئوسۇڭ ئۇرىقى، ئامىلە، قارا ھېلىلە، سۇماق قاتارلىقلار قوشۇپ تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
② قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلارنى بېرىش
خىلىتقا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ بولغاندىن كېيىن مېڭە ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار بېرىلىدۇ. مەسىلەن، خېمىرى مەرۋايىت، مۇپەررە ياقۇت بارىد، ئىترىفىل كەشنىز… قاتارلىقلار.
③ يېمەك- ئىچمىكى
ھارارەت پەسەيتكۈچى، ئاسان سىڭىدىغان قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك- ئىچمەكلىكلەر بېرىلىدۇ. مەسىلەن، توخۇ گۆشى، كۆك ماش ئېشى، ئارپا ئېشى، يۇمغاقسۈت، جاڭدۇ، ياڭيۇ، ئالقات، ئاپېلىسىن… قاتارلىقلار.
④ باشقا خىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش
سوغۇق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش مەسىلەن، مۇز پارچىسى، سوغۇق سۇ، گۇلاب، .اق سەندەل قاتارلىقلار بىلەن سوغۇق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش، ئارام ئالدۇرۇپ داۋالاش، روھىي داۋالاش، ئۇۋۇلاپ داۋالاش… قاتارلىقلارنىڭ مۇۋاپىق كېلىدىغىنى قوللىنىلىدۇ.
⑤ پەرھىز
ھارارەتنى ئۆرلىتىۋېتىدىغان، ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك يەككە ھەم مۇرەككەپ دورىلار ۋە يېمەك- ئىچمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇلىدۇ. مەسىلەن يەككە دورىلاردىن زەپەر، قۇندۇز قەھرى قاتارلىقلار. مۇرەككەپ دورىلاردىن داۋائىلمىشكى، ھەببى قۇمىيا… قاتارلىقلار.  يېمەك- ئىچمەكلىكلەردىن كەكلىك گۆشى، ئۆردەك گۆشى، شورپا، قىزىلچا، قوغۇن، ئەنجۈر… قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا ئىسسىق مۇھىتتا ئۇزۇن يۈرۈش، كۆپ ئىشلەش، قىزىق سۇدا يۇيۇنۇش، ئىسسىق تەبىئەتلىك ياغلاردىن قۇستە يېغى، قەلەمپۇر يېغى، زەيتۇن يېغى قاتارلىقلار بىلەن ياغلاش ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىش، ۋاراڭ- چۇرۇڭلۇق مۇھىتتا ئۇزۇن تۇرۇش، زىيادە ئاچچىقلىنىش، غەزەپلىنىش قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ.
(3) غەيرىي تەبئىي بەلغەم خىلىتىدىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك مېڭە كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى
①مۇنزىچ، مۇسھىل بېرىش
بۇنىڭدا ئالدى بىلەن قايسى غەيرىي تەبئىي سەپرا خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇنىڭغا خاس بولغان مۇنزىچ، مۇسھىل تەركىبىگە مېڭە خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلاردىن سازەنجى ھىندى، پەرەنجىمىشكى، ئاسارۇن… قاتارلىق دورىلار قوشۇپ بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ.
② يېمەك- ئچمىكى
ھارارەتنى يۇقىرى كۆتۈرگۈچى، ئاسان سىڭىدىغان قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك- ئىچمەكلىكلەر بېرىلىدۇ. مەسىلەن كەپتە گۆشى، توشقان گۆشى، قۇشقاچ گۆشى، گۆشلۈك پولۇ، شورپا، پىياز، كۈدە، ياڭاق، خورما… قاتارلىقلار.
④ باشقا خىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش
ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش مەسىلەن، قىزدۇرۇلغان تۇز بىلەن ئىسسىق ئۆتكۈزۈش، قومغا كۆمۈپ داۋالاش، ھەرىكەت قىلدۇرۇپ داۋالاش، ياغلاپ داۋالاش، ئۇۋۇلاپ داۋالاش، چۈشكۈرتىپ داۋالاش، روھىي داۋالاش… قاتارلىقلارنىڭ مۇۋاپىق كېلىدىغانلىنى تاللاپ قوللىنىلىدۇ.
⑤ پەرھىز
ھارارەت پەسەيتكۈچى، مېڭە خىزمىتىنى سۇسلاشتۇرغۇچى ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك يەككە ھەم مۇرەككەپ دورىلار ۋە يېمەك- ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ. مەسىلەن، يەككە دورىلاردىن لىمۇن، ئەينۇلا، قارىئۆرۈك قاتارلىقلار. مۇرەككەپ دورىلاردىن ھەببە بىنەپشە، لىمۇن شەربىتى، ئەرقى نېلۇپەر قاتارلىقلار. يېمەك- ئىچمەكلىكلەردىن بېلىق گۆشى، توخۇ گۆشى، شورپا، گۈرۈچ، قېتىق، لەڭپۇڭ، تۇرۇپ، بەسەي، يېسىۋىلەك، نەشپۈ، تاۋۇز، ئۆرۈك… قاتارلىقلار.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھۆل يېغىنلىق سوغۇق مۇھىتتا ئۇزۇن تۇرۇش ياكى كۆپ ئىشلەش، سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇش، سوغۇق تەبىئەتلىك ياغلار (بىنەپشە يېغى، قاپاق يېغى، گۈل يېغى… قاتارلىقلار) بىلەن ياغلاش، كۆپ ئۇخلاش، سوغۇق سۇنى كۆپ ئىچىش قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.
(4) غەيرىي تەبئەي سەۋدا خىلىتىدىن بولغان خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك مېڭە كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى
① مۇنزىچ، مۇسھىل بېرىش
بۇنىڭدا ئالدى بىلەن قايسى خىل غەيرىي تەبئىي سەۋدا خىلىتى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئېنىقلاپ، شۇ خىل غەيرىي تەبئىي سەۋدا خىلىتىغا خاس بولغان مۇنزىچ، مۇسھىل تەركىبىگە مېڭىنى قۇۋۋەتلىگۈچى، مېڭە خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلاردىن بادام مېغىزى، قوغۇن ئۇرۇقى، چامغۇر ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى قوشۇپ بېرىش ئارقىلىق بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ.
② قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلارنى بېرىش
بۇنىڭدا بەدەن تەبقىيە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن مېڭە ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى، مېڭە خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى مۇقەۋۋىيات دورىلار بېرىلىدۇ. مەسىلەن، خېمىرى گاۋزىبان ئەنبىرى، لوبوبى كەبىر، داۋائىلمىشكى شېرىن، جاۋارىش مەرۋايىت، مەجۈنى سۆئلەپ، مەجۇنى نۇجاھ قاتارلىقلار.
③ يېمەك- ئىچمىكى
ھارارەتنى يۇقىرى كۆتۈرگۈچى، ئاسان سىڭىدىغان ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەر بېرىلىدۇ. مەسىلەن، كەكلىك گۆشى، قوي گۆشى، ئوغلاق گۆشى، شورپا، پەرمۇدە، كاۋاپ، قىزىلچا، چامغۇر، سەۋزە، تاتلىق بادام مېغىزى، ئالما، ئەنجۈر… قاتارلىقلار
④ باشقا خىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش
روھىي داۋالاش، ئارام ئالدۇرۇپ داۋالاش ھەم ھەرىكەت قىلدۇرۇپ داۋالاش (سەيلە قىلىدۇرۇپ داۋالاش)، ياغلاپ داۋالاش (مەسىلەن، بادام يېغى…)، ئۇۋۇلاپ داۋالاش، ئۇخلىتىپ داۋالاش، ئۇخلىتىپ داۋالاش… قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ مۇۋاپىق كېلىدىغانلىرى تاللاپ قوللىنىلىدۇ.
⑤ پەرھىز
ھارارەتنى تۆۋەنلىتىدىغان، مېڭە خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان قۇرۇق سۇغۇق تەبىئەتلىك يەككە ھەم مۇرەككەپ دورىلار ۋە يېمەك- ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ. مەسىلەن: يەككە دورىلاردىن كافۇر، بەللۇت، ئاقاقىيا، ۋاڭ ئۇرۇقى، مۇرەككەپ دورىلاردىن قۇرسى كافۇر، قۇرسى كەھرىۋا، يېمەك- ئىچمەكلەردىن كالا گۆشى، قوتاز گۆشى، ئۆچكە گۆشى، كوچا ئېشى، ئارپا ئېشى، جاڭدۇ، يۇمغاقسۈت، ياڭيۇ، ئالقات، ئاپېلسىن، چىلان قاتارلىقلار.
ئۇنىڭدىن باشقا سۇغۇق مۇھىيتتا ئۇزۇن تۇرۇش، سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇش، ئۇخلاشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك، كۆپ خىيال قىلىش، غەم- قايغۇ، مىسكىنلىك قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ.

ئۇيغۇر تېبابىتى داۋالاش ئۇسۇللىرى ئىلمى ناملىق كېتابتىن ئېلىندى.


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button