تېببىي ئەخلاق- ھېكمەتلەر

تېببىي ئەخلاق ئەسلىدە ئىنسان ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارغا خاس بولغان تەبئىي ۋە ۋىجدانىي سۈپەتتۇر. تېببىي ئەخلاق توغرىسىدا بۇنىڭدىن 2-3 مىڭ يىل بۇرۇن ئۆتكەن ئالىم ۋە پەيلاسوپلارمۇ كۆپ سۆزلەرنى قىلغان ۋە ئالاھىدە ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان. سوقرات، ھېپپوكرات، ئەپلاتون، ئەرەستۇ، جالىنۇس، فارابى، ئىبنىسىنا، ئىبنى رۇشىدىي، رازىي، غەززالى قاتارلىق ئالىملارنىڭ ئەخلاق ۋە ئۇنىڭ پەلسەپەسى توغرىسىدا يازغان مەخسۇس كېتابلىرى بار. بەقراتنىڭ تېببىي ئەخلاق توغرىسىدا يېزىپ قالدۇرغان «ئەھدىنامە» سى ھازىرمۇ بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. كىشىلىك جەمئىيتىدە ئىلمىي ۋە ئەخلاقىي تەلىم- تەربىيىنىڭ مۇھىملىقى بۈگۈنكى دۇنيادا كۈندىن- كۈنگە روشەن سىزىلمەكتە. بۇرۇن ئەخلاق نەزىرىيسىنى ئىنكار قىلغان قانۇنچى سىياسەتچىلەرمۇ ئاخىرى جەمئىيەتنىڭ ئەخلاق تەربىيىسىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىشقان. كىشىلەرنى قانۇن ۋە سىياسەت بىلەنلا باشقۇرۇش، ئەخلاقىي تەربىيىگە ئەھمىيەت بەرمەسلىك، بەزى جەمئىيەتلەردە خېلىلا كۆپ مەنىۋىي بۇلغۇنىشلارنى ۋە ئىجتىمائىي جىنايەتلەرنىڭ كۆپىيىشىنى ۋە ياشلارنىڭ ئىدىيىۋى جەھەتتىكى چۈشكۈنلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بىز بۇ يەردە ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدە قەدىمكى ئۇستازلار ئەخلاق توغرىسىدا تەۋسىيە قىلغان بىر نەچچە مەسىلىلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئۆتىمىز ۋە قوشۇمچە قىلىپ ھازىرقى زامان شارائىتىدا ئىشلەشكە تېگىشلىك بىر قانچە كونكرېت مەسىلىلەر ئۈستىدىلا توختىلىپ ئۆتىمىز. تېببىي ئەخلاق، شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاق توغرىسىدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقالغان ۋە قەدىمىي ئۇيغۇر مائارىپىدە قوللىنىپ كەلگەن كىتابلار لوقمان ۋەسىيەتلىرى، بەقرات ۋەسىيەتلىرى، ئەخلاق جالالىي، كىيىمىياتى سائادەت، ئەھيا ئۇل ئۇلۇم، گۈلىستان، بوستان، پەنجە- گەنجە دېگەن كىتابلار بولۇپ ئۇلار قەدىمكى ئۇيغۇر مائارىپىدا دەرسلىك قىلىپ ئوقۇلاتتى. بىز بۇ سەھىپىمىز ئارقىلىق ئۇيغۇر تېبابەت پىشۋالىرىنىڭ تېبببىي ئەخلاق- پەزىلەت توغرىسىدىكى قىسقا، ئەمما چوڭقۇر مەزمۇنلۇق تەلىماتىنى بايان قىلىپ چىقىمىز.

Back to top button