روھىي كېسەللىكلەر ئىلمى

روھ ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى – روھ

ئۇيغۇر تېبابىتى «روھ» قا قارىتا مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ. «روھ» ئادەم ئىستېمال قىلغان يېمەك- ئىچمەكلەرنىڭ بەدەندە ھەزىم بولۇپ بىئوخىمىيىلىك ئۆزگىرىشىدىن كېيىن ھاسىل بولغان تەبئىي خىلىتلارنىڭ ئەڭ نازۇك، ئۇچۇچان گاز قىسمىنىڭ نەپەسلىنىش ئارقىلىق بەدەنگە قوبۇل قىلىنغان ھاۋايى نەسىمى (ئوكسىگېن) بىلەن بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان، ئىنتايىن شالاڭ ھالەتتىكى گاز خۇسۇسىيەتلىك ماددىدىن ئىبارەت بولۇپ، روھلار ئەزا، توقۇلمىلارغا خىلىتلار ئارقىلىق كەلگەن ئوزۇقلۇقلارنىڭ تۆت خىل ھەزىم (ئاشقازان- ئۈچەيدىكى بىرىنچى ھەزىم، جىگەردىكى ئىككىنچى ھەزىم، قان- تومۇردىكى ئۈ چىنچى ھەزىم، توقۇلما- ھۈجەيرىلەردىكى تۆتىنچى ھەزىم)نى تاماملاپ، ھەرخىل قۇۋۋەتلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
روھلار قۇۋۋەتلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى ئاساس مادا ھېسابلىنىدۇ. قۇۋۋەتلەر روھلارنىڭ پەيدا بولۇشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. شۇڭا، روھلاردا نورمالسىزلىق كۆرۈلسە قۇۋۋەتلەردە نورمالسىزلىق كۆرۈلىدۇ. قۇۋۋەتلەردە نورمالسىزلىق كۆرۈلسە روھلاردىمۇ نورمالسىزلىق كۆرۈلىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 4~5 – ئەسىردە ئۆتكەن ھېپوگرات «ئادەم بەدىنى جىسىم بىلەن روھتىن تۈزۈلگەن بىر گەۋدە، ئۇ ئىككىسىنى ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. شۇڭا، بەدەندە جىسمانىي كېسەللىكلەر روھىي كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. روھىي كېسەللىكلەر جىسمانىي كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
روھنى كۆرگىلى، تۇتۇپ بىلگىلى بولمايدۇ. پەقەت ئۇنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ ئىپادىلىرىگە قاراپ بىلگىلى بولىدۇ. مەسىلەن: ئادەمدىكى غەزەپ- نەپرەت، مۇھەببەت، غەم- قايغۇ، خۇشاللىق قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى ئادەم بەدىنىدىكى روھنىڭ ھەرىكەتلىك ئىپادىسىدۇر. ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك فىزىئولوگىيىلىك چۈشەندۈرۈشىچە، «روھ» ئادەم بەدىنىدىكى تەبىئىي قان، بەلغەم، سەپرا، سەۋدا خىلىتلىرىدىن ئاجراپ چىقىدىغان ناھايىتى لەتىف، ھاۋادىنمۇ يەڭگىل گاز خاراكتىرلىك جىسىم بولۇپ، ئۇ داۋاملىق قاننىڭ تەركىبىدە بىللە بولىدۇ. قاننىڭ جانلىق بولۇشى، پۈتۈن بەدەنگە تارقىلىشى، يەنى ھەرىكەت قىلىشى ئەنە شۇ روھنىڭ ھەرىكەتلىنىش كۈچى بىلەن ۋۇجۇتقا چىقىدۇ.

ئۇيغۇر تېبابىتى روھىي كېسەللىكلەر ئىلمى ناملىق كېتابتىن ئېلىندى.


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button