روھىي كېسەللىكلەر ئىلمىنەسىھەت

ئاشىقلىق (ئىشقى) كېسىلى

ئەبۇ ئەلى ئىبنىسىنا ئىشىق كېسەللىكى ئۈستىدە بىرىنچى بولۇپ تەجرىبە ئېلىپ بارغان. ھەكىم مۇھەممەد ئەزەمخان «ئىكسىرى ئەزەم» ناملىق كىتابىدا ئىشقى كېسىلىنى روھىي كېسەللىكلەر قاتارىدا ئالاھىدە تونۇشتۇرغان.
ئىشىق، ئارزۇ ھەۋەس، ئۈمىد قاتارلىق روھىي خۇسۇسىيەتلەر ھەر قانداق ئىنساندا تەبئىي مەۋجۇت بىر خىل يۈكسەك مەنىۋىي ھايات بولۇپ، ئىنساننىڭ ھاياتلىق يولىدا ئالغا ئىنتىلىشى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتقا قىزىقىشى، جانلىق ۋە جانسىز نەرسىلەرگە ھەۋەس قىلىشى، ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىشى، ماددىي ۋە مەنىۋىي مەدەنىيەتتە كامالەت مەرتىۋىسىگە يېتىشى، ئىلىم- پەن، ھۈنەر- سانائەتلەرگە تۈرتكە بولىدىغان ئاساسىي كۈچ، شۇنداقلا ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلەرگە قارىتا ئىشقى- مۇھەببەت، قىزىقىش ۋە ئۈمىدۋارلىقتىن ئىبارەت.
دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن سەمىمىي تىرىشچانلىق، ھاياتقا قارىتا ئۈمىدۋارلىق، ۋەتەن، مىللەتكە قارىتا پىداكارلىق روھ، مېھرى- مۇھەببەت، شەخسىي ھاياتقا قارىتا چەكسىز ئۈمىد بىلەن ياشىماي، پەقەت شەھۋانىي تۇرمۇش ئۈچۈنلا ياشاشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان ئىنسانلار ئىنسانىي سۈپەتتىن مەھرۇم قالغان جانلىق جەسەتلەر ياكى ھېسسىياتسىز ماشىنا ئادەملەردىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئەلۋەتتە.
ئىشقى توغرىسىدا، ئىنسانىيەت تارىخىدا يۇلتۇزدەك پارقىراپ تۇرىدىغان قەدىمقى ئالىملاردىن سوقرات، ئەپلاتون، ئەرەستۇ، فارابى، ئىبنىسىنا، ناۋايى، فۇزۇلى، جالالىدىن رۇمى، ئابدۇراخمان جامى، تەجەللى، ئىبنىسىنا، ناۋايى، فۇزۇلى، جالالىدىن رۇمى، ئابدۇراخمان جامى، تەجەللى، ئىقبال… قاتارلىق روھىيەت ئالىملىرىنىڭ يازغان ئەسەرلىرى ھازىرمۇ ئۆز ئەھمىيىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە ھەم ھازىرقى پىسخولوگىيە ئىلمىنىڭ مەنبەسى بولماقتا. بىز بۇ يەردە ئىشىق پەلسەپىسى توغرۇلۇق سۆزلىمەيمىز. ئەمما شۇ ئىشىقنىڭ بىر خىل تارماق كۆرۈنۈشى بولغان بىر ئىنساننىڭ يەنە بىر ئىنسانغا ئاشىق بولۇپ قېلىشى، كۆيۈپ قېلىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئۇنىڭ بەدىنىدە پەيدا بولىدىغان كېسەللىك ھالىتى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.
ئالامىتى: بۇنداق ئىشق ياش ئوغۇل- قىزلار ئارىسىدا كۆپرەك ئۇچرايدۇ. قان مىجەز، ئەسەبىي مىزاجلار ئۇنىڭغا مايىل كېلىدۇ. بىر- بىرىگە ئاشىق بولۇپ مۇھەببەت باغلىغاندىن كېيىن، كىچە- كۈندۈز خىيالى شۇنىڭ بىلەن بولۇپ قالىدۇ. مەشۇقى گۈزەل بولسۇن ياكى بولمىسۇن ئۇنىڭ پۈتۈن قىياپىتى، سۆز ۋە ھەرىكىتى ئاشىقىغا ياخشى ۋە گۈزەل كۆرۈنىدۇ. ئىشقى- مۇھەببەت ھېسسىياتى كۈچىيىپ كەتسە، جۇنۇنلۇق دەرىجىسىگە ئېلىپ بارىدۇ. بەزىلەرنىڭ ئوقۇش، ئۆگىنىش ۋە خىزمىتىگىمۇ تەسىر يېتىدۇ، ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، چىرايى سارغىيىدۇ. بىكاردىن – بىكار ئەسەبىيلىشىپ قالىدۇ. ئاشىق ئۆزىنىڭ ئىشقىنى بەكمۇ مەخپىي تۇتىدۇ. بولۇپمۇ قىزلار مەخپىي تۇتىدۇ. ئاشىقىنىڭ نامى، خەۋىرىنى ئاڭلىسا، جانلىنىپ ئۆزلىگىدىن خۇشاللىنىپ كېتىدۇ ۋە چىرايى قىزىرىپ خىجالەت تارتقاندەك بولۇپ قالىدۇ. ياشلاردا ئۇچرايدىغان بۇنداق ئەھۋالنى ۋاقتىدا بايقاپ ئالدى ئېلىنمىسا جىسمانىي ۋە ئەقلىي جەھەتتىن چېكىنىپ، ھەرخىل كېسەللىكلەرگە ئۇچراپ كېتىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە بىر- بىرىگە كۆيۈپ قېلىش، ئۆز – ئارا ساختا مۇھەببەت باغلاش ئىشلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىشى كۆپ زىيانلىق بولۇپ، ئوقۇشنى ئوبدان ئۆزلەشتۈرەلمەيدۇ. ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي قالىدۇ.
داۋالاش: ئىشىقنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى مۇمكىن قەدەر ھالال يول بىلەن مەشۇقى ۋەسلىگە يېتىشتىن ئىبارەت. ئەگەر مۇمكىن بولسا تەربىيە بېرىش ۋە تەسەللىي بېرىش لازىم. ئەگەر ئاشىق ئاقىل بولسا دوستلارنىڭ نەسىھەتلىرى بىلەن تۈزۈلۈپ قالىدۇ. ئۇخلاتقۇچى ۋە تىنچلاندۇرغۇچى دورىلارمۇ پايدا قىلىدۇ. مەسىلەن: خەمىرى خەشخاش، ھالۋايى بادام، مۇپەررىھى ياقۇتى، شارابى سەندەل، شارابى رەيھان، بەرشىشا، پۇلۇنىيا، ئۇخلاتقۇچى، تىنچلاندۇرغۇچى دورىلار پايدا قىلىدۇ. ھېساب، ماتېماتىكا، پەلسەپە قاتارلىق ئىلمىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشمۇ پايدىلىق.

ئابدۇلھېمىت يۈسۈپ ھاجىم قەلىمى ئاستىدىكى ئۇيغۇر تېبابىتى روھىي ۋە ئەسەبىي كېسەللىكلەر ئىلمى ناملىق كىتابتىن.


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button