ساغلاملىق بىلىملىرى

زۇكام دېگەن نېمە؟ نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىقىدۇ؟

زۇكام دائىملىق ئۇچرايدىغان بىر خىل كېسەللىك. تۆت پەسىلنىڭ ھەر قانداق ۋاقتىدا ئۇچرايدۇ، ئۇ ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇقىرىقى نەپەس يولىنىڭ يۇقۇملىنىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ «بۇرۇن زۇكىمى» بولۇشىنى ياكى ئادەتتىكى زۇكامنى پەيدا قىلىدۇ. يۇقىرى نەپەس يولىنىڭ ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشى باكتېرىيە ئارقىلىق يۇقۇملىنىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئېغىز بوشلۇقىدا، بولۇپمۇ يۇتقۇنچاق قىسىمىدا دائىم ھەر خىل كېسەللىك قوزغاتقۇچى باكتېرىيەلەر بولىدۇ. بىراق، ئۇلار ئادەتتە ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزمەيدۇ. پەقەت ۋىرۇسلار يۇقىرى نەپەس يولى، بولۇپمۇ يۇتقۇنچاق قىسىمىدا زىيادە كۆپىيىپ كەتسىلا يەرلىك ئۇرۇندا ياللۇغ پەيدا قىلىدۇ. يۇتقۇنچاقتىكى ھۈجەيرىلەر قارشىلىق كۆرسىتەلمىگەندە، بۇ باكتېرىيەلەر شىددەت بىلەن كۆپىيىپ ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مەنبە: «بىخەتەر دورا ئىشلىتىش ھەققىدە سوئال-جاۋابلار» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button