ساغلاملىق بىلىملىرى

تۆت پەسىل ۋە ساغلاملىق

بىر يىلدىكى تۆت پەسلىنىڭ نورمال ئۆزگىرىش قانۇنىيىتى ئەتىياز ئىللىق، ياز ئىسسىق، كۈز قۇرغاق، قىش سوغۇق بولۇشتىن ئىبارەت. تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق جانلىقلار تۆت پەسىلدىكى ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى ئاستىدا، تەبىئىيلا ماس بولغان ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدۇ، يەنى ئەتىيازدا (تۇغۇلۇش، پەيدا بۇلۇش)، يازدا ئۆسۈش، كۈزدە پىشىپ يېتىلىش، قىشتا ساقلىنىشتىن ئىبارەت. ئادەم بەدىنىدىكى فىزىيولوگىيلىك ئىقتىدارلارمۇ تەبىئەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماس كېلىدۇ. تۆت پەسىل ئىچىدە ئورگانىزمنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشى بۇ قانۇنىيەتكە ماس كەلمىسە تۈرلۈك كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. يەنى «ئەتىيازدا شامالدىن، يازدا ئىسسىقتىن، كۈزدە قۇرۇقتىن، قىشتا سوغۇقتىن» تۈرلۈك كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئادەم تېنىنىڭ ساغلاملىقى بىلەن تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ھەر بىر ھالقىلىرى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button