ياردەم سەھىپىسى

تاجىسمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسنى ياسىغان ئالىم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

2-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن، 2023-يىللىق نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتى ئالدى بىلەن ئېلان قىلىندى، ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ۋېنگىرىيەلىك ئايال ئالىم كاتالىن كارىكو (Katalin Karikó) ۋە دېرو ۋېيسمان (Drew Weissman) بۇ يىللىق نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

كاتالىن كارىكو mRNA تۈزەش ئاساسىدىكى يېڭى داۋالاش تېخنىكىسىنى بايقىدى، بۇ تېخنىكا ئىنسانلارنى يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسىنى مەغلۇپ قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.كارىكو بۇ تەتقىقاتنى 40 يىل ئۈن-تىنسىز داۋاملاشتۇردى. نەچچە قېتىم ئىشتىن بوشىتىلىپ، تەجرىبىخانىدىن قوغلىنىپ، چەتكە قېقىلىغان بولسىمۇ، mRNA ئىممۇنىتېت رېئاكسىيەسى تەتقىقاتىدا چىڭ تۇرغان بۇ ئايال ئالىم ئاخىرى ئەڭ چوڭ جاۋابقا ئېرىشتى.

ئۇنىڭ ئۈن ـ تىنسىز قىلغان بارلىق كۈرەشلىرى كىشىلەرنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىدىكى ئەڭ كۈچلۈك قورالىغا ئايلاندى.2020-يىلى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پارتلىدى، بۇ تېخنىكا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساشتىكى ئەڭ ئىلغار سۇپىغا ئايلاندى، ئۇ ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنى دېگۈدەك قۇتقۇزۇپ قالدى.«Pfizer – BioNTech ياكى Moderna ۋاكسىنىسىنى ئەملەتكەن بارلىق ئادەملەر ۋېنگىرىيەلىك ئالىم كارىكوغا بىر رەھمەتكە قەرز، ئۇ 40 نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل گۇمانخورلارغا جەڭ ئېلان قىلىپ، جاھىللىق بىلەن mRNA نى كېسەللىككە قارشى تۇرۇش قورالى قىلدى، mRNA تۈزەش ئاساسىدىكى يېڭى داۋالاش تېخنىكىسىنى بايقاپ، ئۇنىڭ ئىممۇنىتېت رېئاكسىيەسىنى ئازايتىپ، mRNA يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە يول ئاچتى» ئۆتكەن يىل 9-ئايدا 2021-يىللىق نوبېل مۇكاپاتى خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى، ئامېرىكا بىئوخىمىيە ئالىمى جېنىفىر دۇدېنا  كاتالن كارىكونىڭ «دەۋر» ژۇرنىلىدىكى تەسىر كۈچى ئەڭ زور 100 شەخس تىزىملىكىگە تاللانغانلىقىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا يۇقارقى بىر ئابزاس سۆزنى يېزىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ئالىمغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى.

تۆۋەندىكىسى بۇ ئۇلۇغ ئالىمنىڭ ھېكايىسى.كارىكو ۋېنگرىيە (Hungary) بۇداپېشت ئەتراپىدىكى بىر يېزىدا چوڭ بولغان. دادىسى قاسساپ. ھېچقانداق ئىلىم – پەن گېنى بولمىغان ئۇ تەبىئىي پەنگە ئىنتايىن مەپتۇن بولۇپ، 41 يېشىدا مەملىكەتلىك بىئولوگىيە مۇسابىقىسىدە ئۈچىنچى بولغان.1972-يىلى كارىكو ۋېنگرىيىدىكى ئەڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان Szeged ئۇنىۋېرستىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1978-يىلى مۇشۇ مەكتەپتە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، ئارقىدىن Szeged بىئولوگىيە تەتقىقات مەركىزىگە كىرىپ خىزمەت قىلىپ ، mRNA تەتقىقاتىغا مەستانە بولغان ھەمدە بۇنى ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك تەتقىقات نىشانى قىلغان.mRNA بىر خىل ئالاھىدە گېن ۋاسىتىچىسى بولۇپ، 1961-يىلى كالىفورنىيە تەبىئىي پەن – سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرستىتىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا بايقالغان. ئۇ ئادەم بەدىنىگە ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرنى تەربىيىلەپ ياكى يېتەكلەپ ۋىرۇسقا قارشى تۇرالايدۇ. نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا ، ئەگەر mRNA ياساشنى كونترول قىلالىسا، ئۇنىڭغا قايسى ئاقسىللارنى ياسايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرسە، مۇناسىپ ھالدا كېسەلگە قارشى تۇرالايدۇ. ھەتتا راكنى داۋالىيالىشى مۇمكىن.

شۇ سەۋەبتىن، ئىلىم ساھەسىدىكىلەر mRNA نىسبەتەن ئىلغار مېخانىزم دەپ قارىدى، نۇرغۇن ئالىملار ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، بۇ ئارزۇنى ئاچىدىغان ۋىكلىيۇچاتېلنى تېپىپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئۇنى ئۆلتۈرىۋەتكەچكە، كۆپىنچىسى مەغلۇپ بولدى.ئالىملار mRNA نى بىرىكتۈرەلەيدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىممۇنىتېت رېئاكسىيەسى پەيدا قىلىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ. كۆپ ساندىكى ئالىملار تەتقىقاتنى توختاتقاندىن كېيىن، كارىكو يەنىلا ئالغا ئىلگىرىلەشنى تاللىدى. لېكىن بۇ خىل تاللاش روشەنكى ئۇنى غايەت زور بەدەل تۆلەشكە مەجبۇر قىلدى. 1985-يىلى كارىكو خىزمەت قىلىدىغان تەجرىبىخانا مەبلەغدىن ئايرىلىپ قالدى. پەن-تەتقىقات نەتىجىسى بولمىغان كارىكو 30 ياشقا كىرگەن يىلى ئىشتىن بوشىتىلدى.

ۋېنگىرىيەدىن مۇناسىۋەتلىك خىزمەت تاپالمىدى، دەسلەپتە ئۇ ياۋروپادا خىزمەت تاپماقچى بولغان، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ پەقەت ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئۇ قىرغىقىدىكى فىلادېلفىيەگە بېرىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇ يەردە ئامېرىكا Temple ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇنى بىر دوكتور ئاشتى خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. ئەر-خوتۇن ئىككىسى ئەمدىلا ئىككى ياشقا كىرگەن قىزىنى ئېلىپ ياقا يۇرتقا سەپەرگە ئاتلاندى. چېگىردىن ئۆتۈشتە پەقەت 100 دوللاردىن ئارتۇق نەق پۇلنى ئېلىپ مېڭىشقا رۇخسەت قىلمىغاچقا، ئۇلار قاراڭغۇ بازاردا ماشىنىسىنى سېتىۋېتىپ، 900 فوندستېرلىڭنى قىزىنىڭ تەيدى ئېيىقىنىڭ ئىچىگە تىكىپ چېگرىدىن ئېلىپ چىققان. ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تاق يۆنىلىشلىك بېلەتنى ئېلىپ، 1985-يىلى ئامېرىكىغا كىردى.

ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى تۇنجى خىزمەت ئورنى فىلادېلفىيە Temple ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاشتىلىقى، ھەر يىلى ئۇنىڭغا 17 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىش ھەققى بېرىدۇ. بۇ ئىنتايىن تۆۋەن ئىش ھەققى بولۇپ، «مەن قانداق قىلىپ چەكلىك خام چوتنى ساقلاپ قېلىشنى بىلىمەن، ھەمدە ھەر ھەپتىدە ئائىلە يېمەكلىكىگە كېتىدىغان چىقىم 30 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىدى، بۇ بىزنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىمىز» دېدى ئۇ.

لېكىن بۇ ئازغىنە مائاشنىمۇ ئۇ ئۈچ يىل ئەتراپىدا ئالدى.

گەرچە mRNA بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ئىستىقبالى ۋە كەلگۈسى ئېنىق بولسىمۇ، لېكىن كۆپ قېتىملىق مەغلۇبىيەت ئالدىدا، كىشىلەرنىڭ رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدىغان بىر خىل ئۇسۇلنى تېپىش قىزغىنلىقى بەربات بولدى. بۇ تېخنىكىنىڭ ئەجەللىك كەمچىلىكى شۇكى، ئۇ نىشان ھۈجەيرىگە يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن، ئادەم بەدىنىنىڭ مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى، ئادەم بەدىنى سىرتتىن كەلگەن تاجاۋۇزچىلارغا تەبىئىي ھالدا قايتۇرما زەربە بېرىپ، ئېغىر ئىممۇنىتېت رېئاكسىيەسى پەيدا قىلىدۇ، ھەتتا ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەر mRNA تېخنىكىسى يەنىلا «توختام سۇ» دەپ ھۆكۈم قىلدى. ھەمدە مەكتەپ ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى پۇل ئاجرىتىشنى رەت قىلدى.

ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەجرىبە ئورگانلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، خىراجەت بولمىسا، پىرىنسىپ جەھەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ.

Temple  ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى كارىكو ئەترىتى تارقىلىپ كەتتى. ئۇ ئىككىنچى قېتىم خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالدى.

1989-يىلى ئۇ پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يۈرەك كېسىلى مۇتەخەسسىسى دوكتور Elliot Barnathan دىن بىر خىزمەت تاپتى. بۇ بىر تۆۋەن دەرىجىلىك خىزمەت ئورنى، تەتقىقات ياردەمچى پروفېسسورى. ئۇ Barnathan بىلەن mRNA تېخنىكىسى ئارقىلىق يۈرەككە كۆۋرۈك سېلىش ئوپېراتسىيىسىدىن كېيىنكى قان تومۇرنى ياخشىلاشنى سىناپ باقتى. ھەتتا mRNA نى ھۈجەيرىگە ئوكۇل قىلىپ، ئاقسىل ھاسىل قىلالايدىغان-قىلالمايدىغانلىقىغا قاراش، ئاندىن كېيىن ئىزوتوپ تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، بۇ ئاقسىللارنىڭ ھۈجەيرىدىكى قايسى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ۋە قانداق رول ئوينايدىغانلىقىغا قاراش كېرەك. لېكىن بۇلار مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى.

كېيىن Barnathan  ئىلىم پەن ساھەسىدىن ئايرىلىپ، بىر بىئو تېخنىكا شىركىتىدە خىزمەت قىلىدۇ، كارىكو يۆلەنچۈكىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، تەتقىقات خىراجىتى مەنبەسىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ قالىدۇ.

پەقەت بىر يېڭى تەجرىبىخانا تېپىپ ئۇنى قوبۇل قىلغاندىلا، ئۇ ئاندىن پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا داۋاملىق تۇرالايدۇ. ئۇ كېيىن نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى تەرىپىدىن ئېلىپ قېلىنىپ، mRNA ئارقىلىق مېڭە ئوپېراتسىيىسىدىن كېيىن قان نوكچىسى پەيدا بولغان بىمارنى داۋالاش ئۈستىدە ئىزدەنمەكچى بولدى. لېكىن ئوخشاش نەتىجە ناھايىتى تېزلا پەيدا بولىدۇ. ئۇنى ئېلىپ قالغان فاكۇلتېت مۇدىرى خىزمىتىدىن ئىستېپا بەردى، ئۇ ئۈچىنچى قېتىم تەجرىبىخانا ۋە يۆلەنچۈكىدىن ئايرىلىپ قالدى.

«پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرستىتىنىڭ سابىق باش مۇدىرى ماڭا بەك ناچار مۇئامىلە قىلدى، بىر مەزگىل مېنى تەجرىبىخانىدىن قوغلاپ چىقاردى» كارىكو «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئاغرىنىپ مۇنداق دېدى. ئۇ مەن بىر قىسىم ئاساسلىق بايقاشقا ئېرىشكەن جاي، لېكىن ئۇ چۈشەنمىدى. ئۇ ماڭا تەجرىبە ھايۋانلىرى قويۇلغان ئۆينىڭ ئەتراپىغا بىر كىچىك ئىشخانا تەسىس قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. لېكىن كاررىكو بۇنداق شەرتلەرگە پىسەنت قىلمايدۇ. ئۇ ئىشخانىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى تەتقىقاتنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ دەپ قارايدۇ. ئۇ دەسلەپكى ئالتە يىلدا، خۇددى بىر قاراڭغۇ يولدا مېڭىپ، ئاشۇ نۇرنى تېپىشقا ئۇرۇنغاندەك بولدى. لېكىن مەكتەپ ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى رەت قىلدى. ئۇ ئەۋەتكەن بارلىق پۇل ئاجرىتىش دوكلاتى ئاساسەن رەت قىلىندى. ئۇنىڭ تەتقىقاتىدا يەنىلا ئىلگىرلەش بولمىدى.

1995-يىلىغا كەلگەندە، پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئالتە يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاندىن كېيىن، كارىكو ھاياتىدىكى ئەڭ قاراڭغۇ پەيتنى كۈتۈۋالدى. ئۇنىڭغا راك كېسىلى دەپ دىئاگنوز قويۇلدى (گەرچە كېيىن خاتا دىئاگنوز قويۇلغانلىقى ئىسپاتلانغان بولسىمۇ)، شۇ بىر ھەپتىدە ئۇ مەكتەپنىڭ يا mRNA تەتقىقاتىدىن ۋاز كېچىش، يا ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قېلىش توغرىسىدىكى ئۇلتىماتومىنى تاپشۇرۇۋالدى. ئۇ ۋەزىپىسىنى تۆۋەنلىتىشنى تاللىدى ھەمدە مائاشىنى زور دەرىجىدە ئازايتتى ،بۇنداق بولغاندا ئۇ كەلگۈسىدە  mRNA تېخنىكىسىنى داۋاملىق تەتقىق قىلالايدۇ.

ۋەزىپىسى تۆۋەنلىتىلگەندىن كېيىن، ئۇ پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ يېڭى مۇدىردىن ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى، نەتىجىدە ئۇنىڭ «ئوقۇتقۇچى» ئەمەسلىكى ئۇقتۇرۇلدى. ئۇ كەسپىي ھاياتىدا بىر قىسىم ئىنتايىن جاپالىق مەزگىللەرنى باشتىن كەچۈردى. كەسىپ ئىستىقبالى ۋە تەتقىقات ئىستىقبالى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالدى، دوستلىرى، مەكتەپلەر ئۇنىڭدىن تەتقىقات يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىشنى ياكى كەسىپ پىلانىنى قايتىدىن تۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇنىۋېرسىتتا بېكىتكەن يۆنىلىشىنى جەزىملەشتۈرگەندەك قىلاتتى، ئۇ جاھىللىق بىلەن بەرداشلىق بەردى.

ئۇ ھاياتىدىكى ئىككى «ئاقسۆڭەك» بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ ھەمدە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان بۇ تېخنىكىنى بايقايدۇ، كارىكو كىشىلىك ھاياتىدىكى تۆۋەن قاتلامدا ئون نەچچە يىل ئۆمىلەپ ماڭغاندىن كېيىن، ئاخىرى 1989 – يىلىغا كەلگەندە، ئىممۇنولوگىيەنى تەتقىق قىلىدىغان پروفېسسور Drew Weissman بىلەن ئۇچىرىشىپ، كىشىلىك ھاياتىدىكى تۇنجى 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى خىراجەتنى قولغا كەلتۈردۇ. ۋېيسمان ئۇ چاغدا ئەمدىلا ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات يۇرتىدىن پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتىتىغا يۆتكىلىپ كەلگەن. بۇ ئىككى ئالىم ئوخشاش بولمىغان تەتقىقات قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. ۋېيسمان ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىتىلغان بىر خىل ۋاكسىنىنى تەتقىق قىلىدۇ. ئۇ DNA ۋاكسىنا تاكتىكىسىنى قوللانغان بولسىمۇ ،لېكىن مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. كارىكو mRNA تەتقىقاتىدا «mRNA ئوكۇل سالغاندىن كېيىن ئورگانىزمنىڭ ئېغىر تەبىئىي ئىممۇنىتېت رېئاكسىيىسىنى قوزغايدۇ، بۇ سىناق قىلىنغان ھايۋانلارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ». بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ھەر ۋاقىت ئۇنىۋېرسىتىت تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلىشتەك مۈشكۈل ئەھۋالغا دۇچ كەلدى. كارىكو ۋېيسمانغا: «مەن ھەرقانداق بىر خىل mRNA ياسىيالايمەن» دېدى. بەلكىم سىز HIV ۋاكسىنىسىدا بۇ خىل تېخنىكىنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. ۋېيسمان كارىكونىڭ قىممىتىنى بايقاپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ تەجرىبىخانىسىغا تۆۋەن دەرىجىلىك تەتقىقاتچىلىققا تەكلىپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى mRNA ۋاكسىنىسىنى ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىشقا باشلايدۇ.

ئالتە يىلدىن كېيىن، ئۇلار قانداق قىلىپ ئېغىر ئىممۇنىتېت رېئاكسىيەسى پەيدا قىلمىغان ئەھۋالدا mRNA نى ھۈجەيرىگە كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى بايقىغان. يەنى، ئاجىزلاشقان نۇسخا بىلەن RNA نىڭ بۆلىكىنى ئالماشتۇرۇش. بۇ mRNA نىڭ ھۈجەيرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆزگەرتىشكە ئىشلىتىلىدىغانلىقىدىن، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ھۇجۇمىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. لېكىن بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ تېگىشلىك ئىنكاسىغا ئېرىشەلمىدى.ئەينى چاغدا كۆپ ساندىكى ئالىملار mRNA ۋاكسىنىسىنىڭ ئۇل تېشى بولۇپ قالىدىغان بۇ تېخنىكىغا قىزىقمىغان، چۈنكى ئۇلار تېخىمۇ ياخشى ئىممۇنىتېت ئۇسۇلى بار دەپ قارىغان. مەسىلەن، نەچچە ئون يىل مەۋجۇت بولغان ئەنئەنىۋى پاسسىپلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنا، چۈنكى بۇ تېخنىكا mRNA نىڭ نامەلۇم خەتىرىگە سېلىشتۇرغاندا، ئىپادىسى تېخىمۇ مۇقىم، تېخىمۇ كونترول قىلغىلى بولىدۇ.ئۇلارنىڭ ئىلمىي ماقالىسى ئون نەچچە ژۇرنال تەرىپىدىن كۆپ قېتىم رەت قىلىنغاندىن كېيىن ، 2005 – يىلى Immunity «ئىممۇنىتېت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. لېكىن خۇددى چوڭقۇر دېڭىزدا بىر پارچە تاش چۆكۈپ كەتكەندەك يەنىلا ئىلىم – پەن ساھەسىنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىيالمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلىم ساھەسىدىكىلەر بۇ بايقاشنى بەك چوڭقۇر دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ بۇ تونۇشى ئەينى چاغدىكى ئىلىم – پەن ساھەسىدىكىلەر تەرىپىدىن بىر خىل يىراقنى كۆرەرلىك ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان خام خىيال دەپ قارالغان. 2006 – يىلى كارىكو ۋېيسمان بىلەن بىر شىركەت RNARx قۇرغان، كارىكو بۇ شىركەتنىڭ CEO سى بولغان، شۇنىڭدىن كېيىن RNARx ھۆكۈمەتتىن كەلگەن 900 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ياردەمگە ئېرىشكەن.ئەمما، 2010-يىلى پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرستىتى كارىكو بىلەن ۋېيسماننىڭ پاتېنتىنى سېتىۋەتتى. RNARx شىركىتىنىڭ تېخى كلىنىكىغا كىرمىگەن تۈرى مۇشۇ يەردە توختاپ قالدى. كارىكو يەنە بىر قېتىم ھېچنېمىسى يوق بولۇپ قالدى.لېكىن، ئۇلارنىڭ بايقىشى ۋە تەتقىقاتىنى يەنە بىر يىراقنى كۆرەر ئادەم بايقاپ قالدى ھەمدە ئۇنى تېگىشلىك نۇرغا ئىگە قىلدى. ئۇ كارىكوغا ياردەم بەرگەن ئىككىنچى «ئاقسۆڭەك» دەپ ئاتالغان. سىتانفورد ئۇنىۋېرستىتىنىڭ پىروفېسسورى Derrick Rossi بۇ بىر قاتار ئىلمىي ماقالىلەردىن غايەت زور بىر پۇرسەتنى كۆردى: بۇ تېخنىكا ئارقىلىق دورا ،ۋاكسىنا ۋە باشقا بارلىق مۇمكىنچىلىكلەرنى تەتقىق قىلغىلى بولىدۇ.ئۇ ئۆزىنىڭ بايقىشىدىن پايدىلىنىشنى قارار قىلدى، 2010-يىلى ئۇ بىر مەبلەغ تېپىپ دورىگەرلىك ساھەسىدىكى تەسىر كۈچى بار ئىككى ئالىم بىلەن بىرلىكتە Moderna شىركىتىنى قۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن ،Moderna شىركىتى كارىكو بىلەن ھەمكارلىشىش ئۈستىدە ئىزدەنگەن، ئەپسۇسكى، بۇ پاتېنت ئاللىقاچان سېتىۋېتىلگەن.

يۇقارقى رەسىم: بۇداپېشتتىكى بىر پارچە تام رەسىمىدە ۋېنگىرىيەدە تۇغۇلغان ئالىم كارىكونىڭ ئوبرازى تەسۋىرلەنگەن. كارىكو ھازىر ۋېنگىرىيەنىڭ دۆلەت قەھرىمانى.گېرمانىيەدە يەنە بىر كوللېكتىپمۇ بۇ تېخنىكىنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى كۆرۈپ يەتتى ھەم يېڭى بىر شىركەت – BioNTech شىركىتىنى قۇردى. بۇ شىركەت RNA راك كېسىلى ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياسايدۇ.2013 – يىلى پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرستىتى كارىكونى داۋاملىق تەكلىپ قىلمايدىغان بولدى ، تور بېكىتىمۇ يوق بۇ شىركەت كارىكونى مۇئاۋىن لىدىرلىققا تەكلىپ قىلىپ، mRNA خىزمىتىنى نازارەت قىلىشقا ياردەملەشتى. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىككى شىركەتنىڭ يادرولۇق تېخنىكا پاتېنتى كارىكو ۋە ئۇنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى ۋېيسماننى ئاساس قىلغان. ئەينى يىلى بۇ پاتنېتنى سېتىۋالغان شىركەت كارىكو بىلەن ۋېيسماننىڭ يادرولۇق پاتنېتىنى Moderna بىلەن BioNTech كە  ئۆتۈنۈپ بەرگەن. بۇ ئىككى شىركەتنىڭ mRNA تېخنىكىسى ئالدىنقى قاتاردا تۇرسىمۇ، لېكىن راك كېسىلى ۋاكسىنىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلالمىدى.2020-يىلى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پارتلىغانغا قەدەر، بۇ تېخنىكا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساشتىكى ئەڭ ئىلغار سۇپىغا ئايلاندى. BioNTech نەچچە سائەت ئىچىدە mRNA ۋاكسىنىسىنى يەنى كېيىنكى خورۇي ۋە فۇبىتەي ۋاكسىنىسىنى لايىھىلەپ چىقتى. Moderna ئىككى كۈن ئىچىدە مودنا ۋاكسىنىسىنى لايىھىلەپ چىقتى. 2020 – يىلى 11 – ئاينىڭ 8 – كۈنى خورۇي – BioNTech تەتقىقاتىنىڭ تۇنجى نەتىجىسى چىقتى، بۇ mRNA ۋاكسىنىسىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسقا قارشى كۈچلۈك ئىممۇنىتېت كۈچى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.شۇ چاغدا كارىكو ئېرىگە: ھە، ئۇنىڭ ئۈنۈمى بار، مەن ئۇنىڭ ئۈنۈمى بارلىقىنى بۇرۇنلا بىلگەن، دېدى.

كارىكو بىلەن ۋېيسمان 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا mRNA ۋاكسىنىسىنى ئەملىگەن. ئۇلارنىڭ ۋاكسىنا ئەملىشى بىر مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا ئايلاندى، تېلېكامېرانىڭ چاقنىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى. مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ئوكۇل سېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان دوختۇر ۋە سېستىرالارغا، بۇ ئىككى ئالىمنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن تەتقىقاتى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغانلىقىنى ئېيتتى. كىشىلەر توپى قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.ھازىر خورۇي ۋە مودنا ۋاكسىنىسى يەر شارى بويىچە بىر قەدەر كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ۋاكسىنىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنى قۇتقۇزۇپ قالدى. گەرچە ئامېرىكا يەنىلا دۇنيادىكى يۇقۇم ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ.

كارىكو يەنە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئانا. ئۇنىڭ قىزى Susan Francia لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئىككى قېتىم مۇسابىقە قېيىقى تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. mRNA ۋاكسىنىسى كارىكو بىلەن ۋېيسماننى نوبېل مۇكاپاتىنىڭ قىزىق نامزاتىغا ئايلاندۇردى.Moderna نىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى Chien مۇنداق دېدى : «Moderna نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق mRNA شىركەتلىرى كارىكو ۋە ۋېيسماننىڭ ئىجادىي خىزمىتىگە مەنسۇپ. ئەگەر ئۇلارنىڭ بايقىشى بولمىغان بولسا، RNA ۋاكسىنىسى ھازىرقىدەك ئىلغار بولمىغان بولاتتى»«نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» ئۇنىڭ 2021-يىلى لاسكېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن: «ئۇنىڭغا ئوخشاش تەجرىبىخانىدا نەچچە ئون يىل ئۈن-تىنسىز خىزمەت قىلغان، لېكىن ھېچ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان ئالىملار ناھايىتى كۆپ، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇ مەغلۇبىيەتنى باشتىن كەچۈرگەن، لېكىن يەنىلا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تەلەيلىك كىشى ھېسابلىنىدۇ»2020-يىلىنىڭ بېشىدا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى پارتلىدى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس پۈتۈن يەر شارىغا يامرىدى. جۇڭگو كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىدىكى جاڭ يۇڭجېن تەتقىقات ئەترىتى 11-يانۋار ۋىرۇسشۇناسلىق تور بېكىتىدە يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ پۈتۈن گېن گۇرۇپپىسى تەرتىپىنى ئېلان قىلدى. تەرتىپ ئەمدىلا ئاشكارىلىنىشىغا، ياۋروپا – ئامېرىكا دورا ياساش شىركەتلىرى mRNA ۋاكسىنىسىنىڭ ئىشلىتىلىش تەرتىپىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىدى. 1-ئاينىڭ 13-كۈنى تەرتىپ بېكىتىلىپ Moderna شىركىتى mRNA نى ئىشلەشكە باشلىدى.كېيىنكى ئىشلار كۆپچىلىككە مەلۇملۇق. دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر قاتناشقان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساش مۇسابىقىسىدە، mRNA ۋاكسىنىسىنىڭ ئەۋزەللىكى (تەتقىق قىلىپ ياساش ۋاقتى قىسقا) تولۇق نامايان بولدى، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسى تىكەنلىك ئۆسۈكچە ئاقسىلى S mRNA ئۇچۇرىغا ئېرىشىش ئاساسىدا، تېز سۈرئەتتە لايىھەلەش، تەييارلاش، ھايۋانات تەجرىبىسى، كىلىنىكىلىق تەجرىبە قاتارلىق قەدەم – باسقۇچلارنى باشلىدى.9-نويابىر خۇيرۇي بىلەن BioNTech بىرلىشىپ 3-باسقۇچلۇق كىلىنىكىلىق نەتىجىنى ئېلان قىلدى، ئۇلار تەتقىق قىلىپ ياسىغان mRNA BNT162b2 نىڭ ئۈنۈملۈك بولۇش نىسبىتى %90 تىن ئاشتى (ئەڭ ئاخىرقى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈنۈملۈك بولۇش نىسبىتى %95 كە يېتىدۇ)، بىر ھەپتىدىن كېيىن، Moderna ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان mRNA ۋاكسىنىسى mRNA – 1273 نىڭ ئۈنۈملۈك بولۇش نىسبىتىنىڭمۇ 95 %كە يېقىنلاشقانلىقىنى جاكارلىدى.كارىكو BioNTech ئۈچ باسقۇچلۇق كىلىنىكىسىنىڭ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان نەتىجىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ،ئۇنىڭ تۇنجى ئىنكاسى:«قۇتۇلۇپ قالدۇق! مەن جېنىمنىڭ بارىچە نەپەس ئالدىم، بەك ھاياجانلىنىپ كەتتىم، ئۆلۈپ كېتىشىمدىن بەك قورقتۇم … بىر ھازادىن كېيىن يۈرەك ئاخىرى بىر ئاز ئارام ئېلىشقا ئېرىشتى. كارىكو mRNA ۋاكسىنىسىنىڭ كېيىنكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ھەمدە mRNA تېخنىكىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كېسەللىكلەرنى داۋالاش جەھەتتە كەڭ قوللىنىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى غول ھۈجەيرە تەتقىقات ئورنىنىڭ پىروفېسسورى Rossi  مۇنداق دەپ قارىدى: ئەگەر mRNA ۋاكسىنىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى جەھەتتە ھالقىلىق رول ئوينىسا، كارىكو بىلەن ۋېسمان نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا مۇتلەق ماس كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، 2023-يىللىق نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتى ئېلان قىلىنىشنىڭ ئالدىدا سۈنئىي ئەقىل  ChatGPT  «فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا ساھەسىدە. mRNA ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساش» ئەڭ بۆسۈشكە ئېرىشكەن تەتقىقات دەپ توغرا پەرەز قىلغان.مەسىلەن: تۆۋەندىكى يازما  فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتى ئېلان قىلىنىشنىڭ ئالدىدا يوللانغان.


# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button