خام دۇرىلار

ئاقىرقەرھا چۈشەندۈرۈلشى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى

چۈشەندۈرۈشى

ئاقىرقەرھا   بولسا بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ ،شاخلىرى يوپۇرمىقى ،گۈلى چوڭ ،ئاق گۈللۈك بابۇنىگە ئوخشايدۇ . لېكىن ئاقىرقەرھانىڭ شاخلىرى تۈكلۈك ،زىمىن ئۈستىگە يېيىلاڭغۇ بولىدۇ .بىر يىلتىزدىن كۆپلىگەن شاخلاپ چىققان بولۇپ ،شاخلىرىنىڭ بېشىدا گۈمبەزگە ئوخشاش يۇمىلاق گۈل ئېچىلىدۇ . رەڭگى سېرىق ،يىلتىزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر غىرىچ مىقدارى ،توملىقى بىر كىچىك قول مىقدارى بولىدۇ .تەمى ئۆتكۈر، ئېغىزنى تىلنى كۆيدۈرىدۇ ،ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئىشلىتىدىغىنى يىلتىزىدۇر.  يىلتىزىنىڭ شەكلى سىلىندىرسىمان، ئەگىرى – بۈگرى، رەڭگى قوڭۇرغا مايىل،  خۇش پۇراق كېلىدۇ. تەمى ئاچچىق ، كۈز پەسلىدە يىغىۋىلىندۇ.

خۇسۇسيىتى

توسالغۇلارنى ئېچىش، مىڭىنى تازلاش، بەلغەملەرنى يوقىتىش ، ئومۇمىي بەدەن، پەيلەرگە قۇۋۋەت بېرىش، تىلدىكى ئېغىرلىقنى يوقىتىش ، كۆكرەك، چىش، بوغۇملارنىڭ ئاغرىغىنى پەسەيتىش ، ئىستىسقاغا مەنپەئەت قىلىش ،سوغۇق مىزاج كىشىلەرنىڭ جىنسي قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىش، سۈيدۈكنى، ھېيىزنى، سۇتنى تەرنى ماڭدۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە .

تەبىئىتى

3 – دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق .

خاس تەسىرى

بۆرەك ۋە باھنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورا

ئەكىس تەسىرى

ئۇپكىگە زىيان قكىلىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى

1. گۇل يېغى بىلەن بۇرنىغا تېمىتىلسا شەقىقە ۋە بەلغەم خارەكتىرلىك قاتتىق باش ئاغرىغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ .

2. ئاقىرقەرھانى سىركىگە چىلاپ ئاغرىق چىش بىلەن چىشلەپ تۇرسا ،ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ .

3. ئاقىرقەرھانى چاينىسا ياكى سوقۇپ تىلنىڭ تېگىگە سېپىلسە ھۆللۈكنى تارتىپ، تىلدىكى ئېغىرلىقنى كۆتىرىدۇ.

4. قاينىتىلغان سۈيىنى ئېغىزغا ئېلىپ تۇتۇپ تۇرسا، بوشىغان چىشلىرىنى چىڭىتىدۇ.

5.ئاقىرقەرھا 10 گرام، كاۋاۋىچىن 7 گرام، تۇخۇم سېرىقى 2 دانە ئېلىپ سىپۇپ قىلىپ يېسە باھنى، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ. بۆرەكنى قىززىتىدۇ.

6.ئاقىرقەرھا، كۇندۇردىن 10 گرام ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ يېسە سۇپۇپ قىلىپ يېسە سۈيدۈك تۇتالماسلىق، مەنىي تېز يۈرۈپ كېتىشكە شىپا بولىدۇ.

7. ئاقىرقەرھانى سوقۇپ كۈندە 10 گرامدىن ھەسەل سۈيى بىلەن يېسەل پالەچ، رەئىشە ئىستىرغا كېسىلىگە شىپا بولىدۇ.

دورىلىق ئورنى

يىلتىز

مىقدارى

3 گىرامغىچە

ساقلاش

قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

كەتىرا ،تۇخىمەكنىڭ ئۇرۇقى.

ئورۇنباسارى

پىلپىل تاتلىق قۇستە.

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

مەجۇنى سۇئىلەپ،ھەببى ئىمىرساك ،

كېسەللىك مىسالى

باھ ۋە بەدەن ئاجىزلىقى، لەقۋا، پالەچ، ئىستىرقا، بۆرەك سوۋۇپ كېتىش مەنى تېز يۈرۈپ كېتىش، سۈيدۈك تۇتالماسلىق، تارتىشىپ قېلىش، رەئىشە، باش ئاغرىقى، ئاق خۇن كۆپ كېلىش، ھەيز راۋان بولماسلىق، تىل ئېغىرلىق، يۆتەل، بەلغەم تۈكۈرۈش، ئاق كېسەل قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۈنۈملۈك تەركىبى

ئۇچۇچان ماي، فىللاۋون، تەنىن ماددىسى، ئامىنو كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار.

كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم (سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى [0]


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button