خام دۇرىلار

پىياز تەركىپلىك رېتسىپلار

 تەبىئىتى : قۇرۇق ئىسسىق
   تەركىبى : ھەر 100 گرام پىياز تەركىبىدە 1.8 گرام ئاقسىل ، 8 گرام قەنت ، 40 مىللىگرام كالتىسىي، 50 مىللىگرام فوسفور ، 1.8 مىللى گرام تۆمۈر، ئاز مىقداردا كاروتىن ، 0.03 مىللىگرام ۋىتامىن B1 ، 0.02 مىللىگرام B2 ، 9.2 مىللىگرام PP ، 8 مىللىگرام ۋىتامىن C بار .
   خۇسۇسىيىتى : ئىشتىھانى  ئېچىش ، توسالغۇلارنى ئېچىش ، باھنى قۇۋۋەتلەش ، مىكروب ئۆلتۈرۈش.
   ئىشلىتىلىشى : پىيازنى ئېزىپ پۇرىسا ياكى تاپانغا تاڭسا ، باش ئاغرىقىغا مەنپەت قىلىدۇ. ئاق پىياز ئەرەقىنى بىر مەزگىل بۇرۇنغا تېمىتسا ، ھاراق ۋە نەشە خۇمارىنى كېسىدۇ. تۇتقاقلىق كېسىلگىمۇ مەنپەت قىلىدۇ. پىياز ئەرىقىدىن 1-2 تامچىنى ھوشسىز كىشنىڭ بۇرنىغا تېمىتسا ھوشىغا كېلىدۇ. پىياز ئەرقىنى كۆزگە تېمىتسا نامازشام قارغۇسىغا مەنپەت قىلىدۇ. قىزىل پىيازنىڭ سۈيىنى كۆزگە تېمىتسا كۆزدىكى تىرناقسىمان گۆش ئۆسۈپ قېلىشقا مەنپەت قىلىدۇ.
   پىيازنىڭ ئىلمان سۈيىنى قۇلاققا تېمىتسا ، قۇلاق ئېغىرلىقى ، قۇلاق ئاغرىقى قۇلاققا گۆش ئۆسۈپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەت قىلىدۇ. يۇمشاق ئېزىلگەن پىيازنى گالغا تاڭسا ، بەلغەمدىن بولغان بادامسىمان بەز ياللۇغىغا مەنپەت قىلىدۇ. پىيازنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلسا ھەزىمنى كۈچەيتىپ ئىشتىھانى ئاچىدۇ، مۇسھىل ئىچكەندىن كېيىن پىيازنى پۇرىسا ، ھۆنى توختىتىدۇ. نوقۇت چوڭلۇقىدىكى ھىڭنى بىر گرامدىن بەدىيان ۋە يۇمغاقسۈتلەر بىلەن بىللە پىياز ئەرىقىغە ئارىلاشتۇرۇپ ، قان تولغاقنىڭ ئىككىنچى كۈنى تاماقتىن ئىلگىرى ئىستېمال قىلسا ، ئۇ ھەزىم بولۇش ، قورساق ئاغرىقىغا كۆرىنەرلىك ئۈنۈم بېرىدۇ.
    ئاق پىيازنى قايماق ياكى مايدا قورۇپ تۇخۇم سېرىقى بىلەن ئېزىپ مەقئەتكە تاڭسا ، مەقئەت ياللۇغىغا كۆرىنەرلىك ئۈنۈم بېرىدۇ. پىيازنى گۆش بىلەن پىشۇرۇپ يېتەرلىك مىقداردا سېرىقماي قوشۇپ ئىستېمال قىلسا باھنى كۈچەيتىدۇ، 6 گرام پىياز ئەرىقى ، 4 گرام سېرىق ماي ، 3 گرام ھەسەل قاتارلىقلارغا مۇۋاپىق مىقداردا ئىسىق سۈت ، شېكەر قوشۇپ ئىچسە ، مەنىي كۆپىيىدۇ. پىيازنىڭ ئەرىقىغە ھەسەل قوشۇپ چاچنى يۇسا ، چاچ چۈشۈشنى توختىتىدۇ.
پىيازنى داۋاملىق يەپ بەرسە قان تومۇر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . سۈيدۈك راۋان بولماسلىق ، بۆرەك ۋە سۈيدۈك يولىغا تاش چۈشۈش ، سۈيدۈك يولى ياللۇغى ، رېماتىزىم ، نىقرەس قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغاندا كۈندە ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا بىر باش پىيازنى شورپا ، سۈت  ۋە باشقا تائاملارغا قوشۇپ ئىستېمال قىلسا ئوبدان مەنپەت قىلىدۇ. پىشۇرۇلغان پىيازدىن مۇۋاپىق يەپ بەرسە ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ ، سېسىق كېكىرىشنى يوقىتىدۇ. چىش مىلىكلىرىنى چىڭىتىپ ، ئېغىزنى خۇشپۇراق قىلىدۇ. پەيلەرنى چىڭىتىدۇ، چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ.
    پىيازنى خام پېتى ئىستېمال قىلسا ، ئاشقازان ۋە ئۈچەي يوللىرىنىڭ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. پىيازنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىدىن بۇرۇنغا تېمىتسا ، بۇرۇندىن كەلگەن قاننى توختىتىدۇ.كۈندىلىك تاماققا 30-5- گرامغىچە پىيازنى قوشۇپ يېسە ، بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇپ ، ئۇنۇتقاقلىقنى ياخشىلايدۇ.
    بەزى ماتېرىياللاردىن قارىغاندا پىياز يەنە راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button