خام دۇرىلار

سامساق تەركىپلىك رېتسىپلار

تەبىئىتى : قۇرۇق ئىسسىق
تەركىبى : ھەر 100 گرام سامساق تەركىبىدە 4.4 گرام ئاقسىل ، 0.2 گرام ياغ، 23 گرام قەنت، 5 مىللىگرام كالتىسىي، 44 گرام فوسفور، 0.4 مىللىگرام تۆمۈر ، 0.9 مىللىگرام ۋىتامىن B1 ، 3 مىللىگرام ۋىتامىن C بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاز مىقداردا سىنىك ، مىس، ماگنىي قاتارلىق مىكرو مىقدارلىق ئېلمىنىتلارمۇ بار .
خۇسۇسىيىتى : بەدەننى قۇۋۋەتلەش ، يەل ماڭدۇرۇش ، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، قاننى تازىلاش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋان قىلىش ، تەرلىتىش ،نەم پەيدا قىلىش، قاننى جانلاندۇرۇش ، ئىششىق ياندۇرۇش ، ئاغرىق توختىتىش، ھەر خىل مىكروبلارنى ئۆلتۈرۈش ۋە تورمۇزلاش.

ئىشلىتىلىش: پۇتىغا قاداق پەيدا بولۇپ قالغاندا سامساقنى سوقۇپ تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن قاداق ئورنىنى پاكىز يۇيۇپ،ئىتتىك ، پىچاق بىلەن قاداقنىڭ قاسىرىقىنى ئېلىۋېتىپ، قاداقنىڭ مەركىزى قىسىمدىن ئازراق قان چىقىرىپ ياكى قان چىققۇدەك دەرىجىگە كەلتۈرۈپ ، يۇمشاق سوقۇلغان سامساقنى قاداق ئورنىغا 2-3 قېتىم تەكرار تېڭىپ بەرگەندە قاداقنى يىلتىزىدىن تۈگەتكىلى بولىدۇ. سامساقنى سىركىگە چىلاپ يەپ بەرسە ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ، پالەچ -لەقۋا، نىقرەس، مۇپاسىل، رەئىشە ، ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقى قاتارلىقلارغا مەنپەت قىلىدۇ. سامساقنى قاينىتىپ، ھورىغا يەڭگىگەن ئاياللارنى ئولتۇرغۇزسا بالا ھەمراھىنى چۈشۈرىدۇ، سامساق بېشىنى ئاقلاپ شۈمۈپ بەرسە ياكى ئاسالىق شىرنىسدىن ھەر 3-4 سائەتتە بىر قېتىم 12-25 گرام يەپ بەرسە ، گال ئاغرىقىغا مەنپەت قىلىدۇ. سامساقنى پۇراپ يەپ بەرسە ، دەسلەپكى كۆك يۆتەلگە ئۈنۈمى كۆرىنەرلىك بولىدۇ. سامساقنى ئېزىپ ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يالاپ بەرسە ، كۆكيۆتەلگە كۆرىنەرلىك ئۈنۈم بېرىدۇ. سامساق شىرنىسىنى ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ ئۇزۇن مۇددەت كۈندە تۆت قېتىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، بەلغەمنى بوشىتىدۇ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ. ئۇيقىنى كەلتۈرىدۇ، تىبىركوليۇز كېسىلىگە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى بولىدۇ. سامساقنى داۋاملىق يەپ بەرسە يەل ھەيدەيدۇ، قورساق ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ. سامساقنى كۈنجۈت يېغى بىلەن پىشۇرۇپ يەرلىك ئورۇننى مايلاپ بەرسە ، بوغۇن ھە بەل ئاغرىقىغا كۆرىنەرلىك ئۈنۈم بېرىدۇ. سامساقنى تۆشۈدۈر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سوقۇپ ئاق كېسەلگە ، بەھەقكە سۈرۈپ بەرسە ياخشى مەنپەت قىلىدۇ. ئۇنۇتقاقلىققا مەنپەت قىلىدۇ.

سامساقنى زەھەرلىك ھاشارەتلەر چېقىۋالغان ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە ئاغرىق پەسەيتىدۇ، زەھەرنى قايتۇرىدۇ. سامساقنى ئېزىپ ھەسەل سۈيى بىلەن ئىستېمال قىلسا پالەچ، لەقۋا كېسەللىكلىرىگە ياخشى مەنپەت قىلىدۇ. سامساقنى سىقىپ شىرنىسنى چىقىرىپ ، سۇ بىلەن ياكى مۇۋاپىق كېلىدىغان شەربەتلەر بىلەن چوڭلار 4-6 سائەتتە 2-4 مىللىلىتىر، بالىلار 1-2 مىللىلىتىر ئىچىپ بەرسە ، ئۈچەي كېزىكىگە مەنپەت قىلىدۇ. ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە ھەر كۈنى بىر نەچچە تال خام سامساقنى يەپ تۇرسا ، تولغاق كېسەللىكى ۋە ئۈچەي ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . قىش پەسىلدە سامساقنى يۇمشاق سوقۇپ ، سۈيىگە 10 ھەسسە سۇ قوشۇپ ، بۇرۇنغا كۈندە بىر قېتىمدىن ئۇدا 5-6 كۈن سۈرسە ، ئۈششۈك يارىسىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. كېكىردەك ئاغرىپ قالغاندا ياكى ئانگىنا كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغاندا، سامساقنى چايناپ سۈيىنى شورىسا ، ياللۇغنى ياندۇرۇپ ، ئاغرىقنى توختىدۇ ، ھەرە چېقىۋالسا ، سامساقنى يۇمشاق سوقۇپ سۈيىنى ھەرە چېقىۋالغان يەرگە سۈرسە ، ئىششىقنى ياندۇرۇپ ئاغرىقىنى توختىتىدۇ.
چىش ئاغرىغاندا چىشنىڭ قۇرۇت يېگەن يېرىنى پاكىز تازىلاپ ، سوقۇلغان سامساقتىن بىر ئاز تىقىپ قويسا ئاغرىقى توختىتىدۇ.
چىش ئاغرىغاندا چىشنىڭ قۇرۇت يېگەن يېرىنى پاكىز تازىلاپ ، سوقۇلغان سامساقتىن بىر ئاز تىقىپ قويسا ئاغرىقىنى تىقىپ قويسا ئاغرىقىنى توختىدۇ. ئەگەر ئاچچىق -چۈچۈك مېۋىلەرنى يېگەنلىك سەۋەبىدىن چىش قاماپ قالسا ، خام سامساقنى چاينىسا ئوڭشىلىپ قالىدۇ.
سامساق يەپ ئېغىز سېسىق پۇرىسا ، قېنىق دەملەنگەن چاي ئىچىۋەتسە ياكى چاي شامىسنى چاينىسا سېسىق پۇراق يوقايدۇ. سامساقنىڭ تەمى ئاچچىق ، تەسىر قىلىش خاراكتېرى ناھايىتى كۈچلۈك بولغاچقا ، ئۇنى كۆپ يېيىشكە بولمايدۇ. بولۇپمۇ ئاشقازان يارىسى ۋە ئاشقازان كېسەللىكى بار كىشلەر سامساقنى كۆپ يېيىشتىن قاتتىق ساقلىنىشى لازىم .

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button