تارىخى شەخىسلەر

موللا يۈسۈپ يەركەندى

موللا يۈسۈپ يەركەندى (تەخمىنەن 19- ئەسىرلەردە ياشىغان) ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ مەشھۇر ئالىمى بولۇپ، يەكەن شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن. كىچىك چاغلىرىدا يەكەندىكى داڭلىق مەدىرىسلەردە ئانا تىلى ۋە ئەرەپ- پارىس تىللىرىنى ئۆگەنگەن. ياش چاغلىرىدا شۇ مەدىرىسەلەردە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك كەسپىنى ئوقۇغاندىن كېيىن تېبابەتچىلىك ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ يەكەن خەلقى ئارىسىدا ئابروي قازانغان. 1887- يىلى ئۆزىنىڭ ئۇزاق يىللىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا دائىر تەجىربىلىرىنى يەكۈنلەپ چاغاتاي تىلىدا «تېرىقۇل ئىلاج» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى يازغان. ئۇنىڭدا ئاساسلىق ئۇيغۇر تىبابەت ئىلمىنىڭ كېسەللىكلەرگە دىئاگنۇز قويۇش، داۋالاش پىرىنسىپلىرى ۋە ھەر خىل ئىچكى- تاشقى كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدىغان ئۇسۇللار ۋە دورا ھەم دورا نۇسخىلىرى تونۇشتۇرۇلغان. بۇ تۈركىي نۇسخىدىكى مەشھۇر ئەسەرنى ھازىرقى زامان تېۋىپلىرىمۇ ناھايىتى قەدىرلەپ ئوقۇيدۇ.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button