تارىخى شەخىسلەر

ئىمامىدىن قەشقەرى

بۇ زات سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئالىم ۋە تېۋىپتۇر. ئىمامىدىن قەشقەرىنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان يىللىرى توغىرىلىق ئوچۇق مەلۇمات يوق. لېكىن ئۇنىڭ 10- ئەسىرلەردە قاراخانىيلار دەۋرىدە ياشاپ ئىلمىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۇيغۇر تېبابىتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىدە شەك يوق. ئىمامىدىن قەشقەرى ئۆز زامانىسىدا داڭ چىقارغان جامالىدىن قەشقەرى قاتارلىق كاتتا ئالىملاردىن تەلىم ئېلىپ مۇكەممەل ئىلىم تەھسىل قىلىپ كامالەتكە يېتىش بىلەنلا قالماي تېبابەت ئىلمى ساھەسىدە قاتتىق ئىزدىنىپ تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئاخىر مەشھۇر بولۇپ يېتىشكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئىلمى ئارقىلىق بىر تەرەپتىن تېبابەت ئىلمى بىلەن شۇغۇللانسا يەنە بىر تەرەپتىن «مەدرىسەئى ساچىيە» دە مۇددەرىسلىك قىلىپ مۇھەممەت بىننى رەشىد بىننى ئەلى قەشقەرى، 30 تومدىن ئارتۇق ھەر خىل ئەسەرلەرنىڭ ئاپتۇرى مەشھۇر ئالىم ۋە تارىخشوناس ئوبۇل قەيزى، مۇھەممەد ئىبنى ھۈسەيىن بەبھىقى (996-1039) گە ئوخشاش نۇرغۇن شاگىرتلەرنى يېتىشتۈرگەن.
ئالىمنىڭ ئىلمى ھاياتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتلىك بىر تەرىپى ئۇنىڭ ئىلمى مىراسلىرىدا كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭ بارلىقىنى تېبابەت ئىلمىگە بېغىشلىغان ئالىم ئىمامىدىن قەشقەرى ئىلىم تەھسىل قىلىش، مۇتالىيە قىلىش، مۇددەرىسلىك قىلىش بىلەنلا  قالماي، ئەبۇ نەسىر فارابىنىڭ » ئەقسائىل ئۆلۈم»، ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنانىڭ «ھېكمەتۇل ئەلا»، ئابابەكرى مۇھەممەد رازىنىڭ «كىتابۇش شاھ»، «كىتابۇش ھاۋايى»، دائىرە تۇل مۇئارىپ تىببىيە» قاتارلىق ئەسەرلەرنى شەرق ئەللىرىگە تونۇشتۇرشتىمۇ مۇھىم خىزمەت كۆرسەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئەرەب، ئىران، يۇنان تېۋىپلىرىگە ئىلگىرى مەلۇملۇق بولمىغان پەقەت ئەتراپىمىزدىن چىقىدىغان جۇڭيى تېبابىتىدىن ئۇيغۇر مىللىي تېبابىتىگە قوبۇل قىلىنىپ قوللىنىۋاتقان دورا ئۆسۈملۈكى- چۆپچىننىڭ خۇسۇسىيەتلىرى، شىپالىق ئۈنۈمى، ئۇنىڭ قايسى خىل كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ تەجىرىبىدىن ئۆتكەن رېتسىپ نۇسخلىرى توغرىسىدا «رىسالە چۆپچىنى» ناملىق بىر كىتابچە يېزىپ شەرق ۋە غەرپ تېبابەتچىلىكى ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئۆز- ئارا تەجىرىبە ئالماشتۇرىشىغا ھەسسە قوشقاندىن تاشقىرى «مەدرىسەئى ساچىيە» ئوقۇتۇش قوللانما دەستۇرى قىلىپ كېلىنىۋاتقان ئىبىن سىنانىڭ ئەلقانۇن فىدتىبىب» ناملىق نادىر ئەسىرىگە ئەتراپلىق ئىزاھ بېرىپ شەرھلەش مەقسىتىدە » سەرقى ئەلقانۇن»، «شەرھى شىپا» قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىپ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا غايەت زور تۆھپە قوشقان. بۇ كىشى ئۆزىنىڭ يازغان «شەرھى ئەلقانۇن» ناملىق ئەسىرىنى شۇ چاغدىكى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخانغا تەقدىم قىلغان.
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان بۇ ئەسەرنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن ئىمامىدىن قەشقەرىنى ھۇزۇرىغا چاقىرتىپ ئۇنىڭ بىلەن تېبابەت ئىلمى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
ئىمامىدىن قەشقەرى شاگىرت تەربىيەلەش ئىلمى، نەزەرىيىۋى مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بېرىپلا قالماي داۋالاش ئىشلىرىغىمۇ ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىغان، بىمارلارنىڭ ھالىغا يېتىدىغان، كۈچلۈك كەسپىي پەزىلەتكە ئىگە ھۆكۈما بولغانلىقتىن سۇتۇق بۇغراخانمۇ ئۆزى يولۇقتۇرغان بەزى ئېغىىر كېسەللىكلەرنى ئۇنىڭغا داۋالاشقا ئەۋەتىپ تۇرىدىغانلىقى، تىببىي ئىشلاردا ئۇنىڭ مەسلىھەتىگە ئېتىبار بىلەن قارايدىغانلىقى، جەڭدە يارىلانغانلارنىمۇ ئۇنىڭغا داۋالاتقانلىقى تارىخي ماتېرىياللاردا خاتىرىلەنگەن.ئۇنىڭدىن باشقا ئىمامىدىن قەشقەرى ئوپېراتسىيەگىمۇ ئۇستا بولۇپ جەڭدە يارىلانغان بەزى كېسەللەرنى ئوپېراتسىيە قىلىپ قۇتۇلدۇرغان. شۇ مەزگىلدە بىر بىمارنىڭ دۈمبىسىگە تۆمۈر پارچىسى كىرىپ كەتكەن. ئەھۋالىنىڭ جىددىيلىكىنى كۆرۈپ ئەسۋاب ئەكىلىشكە ئۈلگۈرمەي چىشلەپ ئېلىش جەريانىدا ئىمامىدىننىڭ ئىككى چىشى سۇنۇپ كەتكەن. بۇنى كۆرگەن سۇتۇق بۇغراخان ئۇنىڭ يۈكسەك كەسىپچانلىقىدىن تەسىرلىنىپ يەنە بىر قېتىم ئىنئام بەرگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.

# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button