ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرىيۈرەك مېڭە- قان تومۇر

سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقى

كېسەللىك ھەققىدە

سەۋەبى:

سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، سوغۇق ئۆتۈش، شامالداش، قار، بوران، يامغۇردا قېلىش، ئۇزۇن مۇددەت سوغۇق سۇغا چۆمۈلۈش، مۇنچىدىن چىقىپلا ئۆتكۈر سوغۇق نەرسىلەرنى ئىچىش ياكى بەك سوغۇق تاماقلارنى يېيىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى:

ئالامىتى: باش ۋە پېشانە سوغۇق بولۇش، ئىسسىق ھاۋادا ياكى ئوتنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغاندا ئاغرىق پەسىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

باش ئاغرىيدۇ، لېكىن باشتا ئېغىرلىق بولمايدۇ. ئاڭلاش، سېزىش، پۇراش، تېتىش قاتارلىق سېزىش قۇۋۋەتلىرى تۆۋەنلەيدۇ. ئۇيقۇ قاچىدۇ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەيدۇ. ھاماقەتلىك، ئۆزەمچىلىككە ئوخشاش سەۋدايى ئىشلارنى ۋە ھەرخىل بۇزۇق خىياللارنى كۆپ قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولمىغان نەرسىلەرنى كۆپ ئويلايدۇ. تومۇرى سۇس سوقىدۇ. گەجگىسى ئاغرىيدۇ. [0]

داۋالاش ئۇسۇلى

1-رېتسېپ
تەركىبى:

تەركىبى: مۇرمەككى، ئىپار، ئەنبەر، قۇندۇز قەھرى، كاۋاۋىچىن، قۇستە شېرىن قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرى ئۈچ گىرامدىن، زەيتۇن يېغى 30 مىللىلىتىر.

تەييارلاش ئۇسۇلى:

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، زەيتۇن يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى:

ئىشلىتىش مىقدارى: باشقا سىرتتىن سۈركىلىدۇ.

2-رېتسېپ
تەركىبى:

سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقىتەركىبى: كابۇل ھېلىلىسى پوستى، ئامىلە پوستى، بەلىلە پوستى، قارىمۇچ، پىلپىل 90 گىرامدىن، زەنجىۋىل 40 گىرام، قارا ھېلىلە 90 گىرام، شاقاقۇل، ئاق تۇدەرى، قىزىل تۇدەرى، لىسانىل ئاساپىر، ئاق بەھمەن، قىزىل بەھمەن، ھەببى قەلقەل، پوستى ئاقلانغان كۈنجۈت، كۆكنار ئۇرۇقىنىڭ ئېقى 40 گىرامدىن، كۈنجۈت يېغى 50 گىرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.

تەييارلاش ئۇسۇلى:

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى:

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 10 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ) .

3-رېتسېپ
تەركىبى:

تەركىبى: سېرىق ھېلىلە پوستى، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، بەلىلە پوستى، قارا ھېلىلە، ئامىلە، سانا، ئاق تۇربۇت، بىستىپايەج، ئۈستقۇددۇس، مەستىكى، ۋاسالغۇ 22 گىرامدىن، ھەسەل 800 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى:

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، بادام يېغى بىلەن ياغلاپ، ئاندىن ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى:

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

باشقا ئۇسۇللار

باش ساھەسىگە ئىسسىق ئۆتكۈزۈش لازىم. باشنى ئىسسىق سۇ بىلەن يۇيۇش، مۇنچىغا چۈشۈپ تەرلەش، بىنەپشە، بابۇنە، مەرزەنجۇش قاتارلىق خۇش پۇراق، خۇش قىلغۇچى دورىلارنى قاينىتىپ سۈيىدە باشنى يۇيۇش، كېسەلنى ئىسسىق جايغا يۆتكەپ ئارام ئالدۇرۇش، ئىپار، ئەنبەر، دارچىنى، قەلەمپۇر قاتارلىق دورىلارنى پۇرىتىش، سەلىخە، سۇمبۇل قاتارلىق دورىلار قوشۇلغان مائۇل ئۇسۇل شەربىتىگە قەنت سېلىپ قىيام قىلىپ ئىچكۈزۈش لازىم.

ئوزۇقلىنىشى

توخۇ ۋە پاقلان گۆشلىرىگە دارچىنى، زىرە، چامغۇر، سەۋزە قاتارلىقلارنى سېلىپ پىشۇرۇپ يېگۈزۈش، شورپىسىنى ئىچكۈزۈش لازىم. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئىستېمال قىلىدىغان تاماقلىرى قىزىتقۇچى تائاملار بولۇشى كېرەك.


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button