ساغلاملىق بىلىملىرى

يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى ۋە ئۇنى داۋالاش

خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىدىن مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچ
مۇھەممەت باقى ھاجى

 

يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى نۆۋەتتە ئىنتايىن كۆپ ئۇچراۋاتقان، داۋالاش قىيىن، ئاقىۋىتى خەتەرلىك بولغان يۈرەك، قان تومۇر كېسەللىكى بولۇپ، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان كىشىلەردە بىرقەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ.
   كېسەللىك سەۋەبى :
   يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنى پەيدا قىلغۇچى سەۋەبلەر كۆپ ۋە مۇرەككەپ بولۇپ، يىغىنچاقلىغاندا ئۇنى تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك ئامىل كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   1 ) سىرتقى قۇرۇق ئىسسىق ئامىللارنىڭ تەسىرى : قۇرغاق ۋە ئىسسىق ھاۋالىق ئورۇنلاردا ئۇزۇن مەزگىل تۇرۇش، بەدەننى قۇرۇتقۇچى، سەيسىز غىزالارنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ ئادەتلىنىش، ئېغىر جىسمانىي ھەرىكەتلەر بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن ئومۇمىي بەدەننىڭ جۈملىدىن مېڭىنىڭ تەبىئىي ھۆللۈكى تادىرجىي تۆۋەنلەپ نېرۋىلاردا تارتىشىش پەيدا بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق مېڭىنىڭ ھەرىكەت قۇۋۋىتىنىڭ ئايلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. نەتىجىدە بۇ خىل ئەھال يۈرەك قان تومۇرلارغىمۇ تەسىر قىلىپ، قان تومۇرلارنىڭ تارىيىشى ۋە يۈرەكنىڭ كۈچۈنۈپ ھەرىكەت قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن  يۇقىرى قان بېسىم پەيدا بولىدۇ.
   2 ) باش قىسىم زەخمىلىنىش : يېقىلىش، ئۇرۇلۇش سەۋەبىدىن باش قىسىم ئېغىر زەخمىلەنگەندە، مېڭىنىڭ ھەرىكەت قۇۋۋىتىنىڭ ئايلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ مېڭە خىزمىتىدە بىر خىل جىددىلىك شەكىللىنىدۇ. نەتىجىدە بۇ جىددىلىك يۈرەك ۋە قان تومۇرلارغىمۇ تەسىر قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىشتىن يۇقىرى قان بېسىم پەيدا بولىدۇ.
   3 ) روھى بېسىمنىڭ تەسىرى : دائىملىق بېرەر ئىشتىن غەم – ئەندىشە قىلىش، ئىزا – ئاھانەتكە ئۈچراش، قورقۇش، ئارام ئالماي ئەقلى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىش، زىيادە ھاياجانلىنىش، غەزەپلىنىش، ئىچى ئاغرىقى تارتىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئامىللارنىڭ مېڭە خىزمىتىنى جىددىلەشتۈرۈپ قالايمىقانلاشتۇرىشى تۈپەيلىدىن، يۈرەك قان تومۇرلارمۇ جىددىلىشىپ كۈچۈنىشى نەتىجىسىدە يۇقىرى قان بېسىم پەيدا بولىدۇ.
   كېسەللىك ئالامىتى :
   يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا قان بېسىمنى تەكشۈرگەندە نورمال ھالەتتىن تىىپىك يۇقىرى بولۇش بىلەن بىرگە، باز ئېغىرلىشىش، باش قېيىش. باش ئاغرىش، قۇلىقىغا غەيرى شاۋقۇنلار ئاڭلىنىش، قۇرقۇنۇچلۇق ۋەسۋەسىگە چۈشۈش، زېھنى قالايمىقانلىشىش، سەۋبسىز كۆڭۈل ئاينىپ ھۆ بولۇش، قۇسۇش، چىرايى قىزىقرىش  ياكى سارغىيىش، تومۇر ھەرىكىتى قالايمىقانلىشىش، يۈرەك تىترەش، ئۇيقۇ قالايمىقانلىشىش، ئۇخلىغاندا قالايمىقان چۈش كۆرۈش، پۈتۈن بەدەن ئېغىرلىشىپ ئاغرىش، سۈيدۈك رەڭگى ئۆزگىرىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئورتاق كېسەللىك ئالامەتلىرى ئىپادىلىنىش بىلەن بىرگە، يەنە كېسەللىكنى پەيدا قىلغۇچى سەۋەبنىڭ ئوىشىماسلىقىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك ئوخشاش ، بولمىغان ئالامەتلار ئىپادىلىنىدۇ :
 سرىتقى قۇرۇق. ئىسسىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن بولغان يۇقىرى قان بېسىم كېسەللكىدە بىمارنىڭ ئۇيقۇ كەم بولىدۇ، ئېغىز – بۇرۇنلىرى دائىملىق قۇرغاقلىشىدۇ، يۈرەك ھەرىكىتى قالايمىقانلىشىپ، ئىنكاسى تېزلىشىدۇ، باش ئاغرىيدۇ، باشتا ئېغىرلىق بولمايدۇ. قىسقا ۋاقىتلىق باش قايىدۇ. تۇرۇپ – تۇرۇپ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ كۆڭلى تاماق خالىمايدۇ.
   باش قىسىم زەخمىلىنىشتىن بولغان يۇقىرى قان بېسىم كېسەللكىدە بىماردا باش قېيىش ۋە باش  ئاغرىش  ئېغىر بولىدۇ.
روھى بېسىمنىڭ تەسىرىدىن بولغان يۇقىرى قان بېسىم كېسەللكىدە بىمارنىڭ مىجەزى ئىتتىك، ئۇيقۇسى كەم بولىدۇ. تولا خىيال سۈرىدۇ، يالغۇزلۇقنى خالايدۇ، يۇقىرى ئاۋازلىق شاۋقۇندىن ۋە ئادەملەر كۆپ جايدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.
   داۋالاش :
   يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنى داۋالاشتا، پەرۋىش ئارقىلىق داۋالاشقا بىرلەغتۈرۈپ ئەڭ ئاساسلىقى كېسەللىكنى پەيدا قىلغۇچى سەۋەبكە قارىتا تۆۋەندىكىدەك داۋالاش ئېلىپ بېرىشى لازىم :
   كېسەللىك سىرتقى قۇرۇق ئىسسىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولغان بولسا، كېسەللىكنى پەيدا قىلغۇچى سەۋەبىنى يوقىتىش بىلەن بىرگە، بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ ئەرەقى سەندەل، سەندەل شەربىتى قاتارلىق دورىلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلدۇرۇش، باش ئاغرىقىنى توختىتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ھەببى قوقىيادىن ئىستېمال قىلدۇرۇپ، بەدەننى تەنقىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىتتىرىفىل كەشنىيزنى مۇۋاپىق مىقداراد ئىستېمال قىلدۇرۇش لازىم. يۇقىرىقى دورىلار بىلەن بىمارنىڭ ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولمىسا، بىمارغا ئاق سەندەل، نېلۇپەر، خەشخاش ئۇرۇقى، ياۋا ئوسۇڭ ئۇرۇقى، بادام مېغىزى قاتارلىق دورىلارنىڭ ھەر ىبرىدىن 21 گرامدىن ئېلىپ، بادام مېغىزىدىن باشقا دورىلارنى بىر يېرىم لېتىر سۇدا سۇس ئوت بىلەن سۇنىڭ ئۈچتىن بىرى قالغۇچە قاينىتىپ، دورا سۈيىدە 300 گرام شېكەر بىلەن قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلاپ، سوقۇلغان بادان مېغىزىنى ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە ئۈچ قېتىم ھەر قېتىمدا 60  مىللىلېتىردىن ئىستېمال قىلدۇرۇش كېرەك.
   بىمارنىڭ ئۇيقۇسىنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن، كۈندە كەچ قىز تۇققان ئايالنىڭ سۈتى بىلەن ئىككى چىكە ساھەسىنى ياغلاش ھەم سۈتنى بۇرنىغا تېمىىپ بېرىش لازىم.
   بىمارنىڭ غىزاسىغا ئوغلاق گۆشى بىلەن تەييارلانغان، تېز ھەزىم بولىدىغان تائاملارنىبېرىش كېرەك. كېسەللىك كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغاندىن كېيىن، دورا بىلەن داۋالاشنى توختىتىپ، يەنە بىر مەزگىل ئوزۇقلۇق پەرۋىشى  ئارقىلىق داۋالاشنى داۋاملاشتۇرۇش لازىم.
   كېسەللىك باش قىسمىنىڭ زەخمىلىنىسىدىن پەيدا بولغان بولسا، ئالدى بىلەن زەخمىلەنگەن ئورۇنغا قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىش، زەخمە ياخشىلانغاندىن كېيىن، يۇقىرى قان بېسىمغا قارىتا بىمارغا يۇقىرقى شەربەت نۇسخىسىنى تەييارلاپ ئىستېمال قىلدۇرۇش ياكى سېرىق ھېلىلە ، ئاق سەندەل، تەرەنجىبىن. قىزىلگۈل، نېلۇپەر، بىنەپشە، خىيار شەنبەر قاتارلىق دورىلارنىڭ ھەر بىرىدىن 24 گرامدىن ئېلىپ، تەرەنجىبىندىن باشقا دورىلارنى چالا سوقۇپ، ئىككى لېتىر سۇغا بىر كېچە چىلاپ، سۇس ئوت بىلەن سۇنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى قالغۇچە قاينىتىپ، ئاندىن تەرەنجىبىن شىرنىسىنى بۇ قاينىتىلمىنىڭ سۈزۈپ تەييارلانغان سۈيىگە ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە ئۈچ قېتىم ھەر قېتىمدا 60 مىللىلېتىرىدن ئىستېمال قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە، بىمارنىڭ باش ساھەسىنى گۈل يېغى ياكى بىنەپشە يېغى بىلەن سىركىنىڭ ئارلاشمىسىغا  ( بۇنىڭدا گۈل يېغى ياكى بىنەپشە يېغى 18 مىللىلېتىر، سىركە 20 مىللىلېتىر ) يۇمشاق سوقۇلغان ئەرەب يېلىمىدىن 12 گرامنى ئارىلاشتۇرۇپ ياغلاش لازىم.
   كېسەللكىنىڭ روھى بېسىمنىڭ تەسىرىدىن بولغان بولسا، ئالدى بىلەن بىمارغا بولغان روھى داۋالاشنى ئاساسى تۇتقا قىلىش بۇنىڭ ئۈچۈن بىمارنىڭ كېدەللىك سەۋەبىدە كۆرسىتىلگەنگە ئوخشاش ئامىللاردىن خالى قىلىشى، بۇنىڭغا قوشۇپ كۆڭۈلگە خوشلۇق كەلتۈرگۈچى، قان بېسىمنى چۈشۈرگۈچى دورا ۋە مېۋىلەردىن خېمىرى گاۋزىبان ئەمبىرى، مەجۈنى مۇپەررىھ ياقۇت، خېمىرى سەندەل، خېمىرى مەرۋايىت، ئانار، ئالما، بىيە قاتارلىقنىڭ بىر ياكى بىر قانچىسىنى تاللاپ ئىستېمال قىلدۇرۇش لازىم .

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىگى ژورنىلىدىن ئېلىندى.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button