تارىخى شەخىسلەر

ئەبۇبەكرى مۇھەممەد بىننى زىكرىيا رازى

ئەبۇبەكرى مۇھەممەد بىننى زىكرىيا رازى تارىخىي ھىجرىيىنىڭ 140- يىلى (مىلادى864- 932) ئىراننىڭ رەي دېگەن شەھرىدە تېۋىپ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، بۇ كىشى پۈتۈن ئىران، ئەرەب ۋە ئوتتۇرا شەرقلەردە نامى چىققان ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئاتاقلىق ھۆكۈما ئىدى. ئۇنىڭ يېزىپ قالدۇرغان «ھاۋى كەبىر» دېگەن كىتابى تېۋىپلىرىمىز قىزىقىپ ئوقۇيدىغان ھازىرقى زاماندىمۇ مەنزۇر بولىدىغان تىببىي كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ بىرىدۇر. رازى ئۆزىنىڭ 70 يىللىق ئۆمرىنى پۈتۈنلەي تېبابەت ۋە خىمىيە ئىلمىگە بېغىشلاپ بۇ ساھەدە نۇرغۇن ئىجادىيەت ۋە ئەسەرلەرنى قالدۇرغان، ناھايىتى كۆپ شاگىرتلارنى يېتىشتۈرگەن. رازىنىڭ تېبابەت، خىمىيە، ئەدەب- ئەخلاق، پەلسەپە، ھېكمەت ۋە مەنتىق ھەققىدە يازغان ئەسەرلىرى 17- ئەسىرگىچە غەرب مېدىتسىنا ساھەسىدە ھۆكۈمرانلىق ئورنىدا تۇرۇپ كەلگەن ئىدى. ياۋرۇپالىقلار بۇ كىشىنى تىببىي مۇسلىمىن (مۇسۇلمان تېۋىپى) ، جالىنوس ئەرەب (ئەربتىن چىققان جالىنوس) دەپ ئاتالغان.


1957- يىلى سوۋىت ئىتتىپاقىدا بېسىلغان ئاكادېمىك يا. گۇئىننىڭ «دورا ۋە ئۇلارنىڭ تېخنولوگىيسى» دېگەن كىتابنىڭ 35- بېتىدە مۇنداق دەپ تېزىلغان: «19- ئەسىردە ئۆتكەن ئىبنى زىكرىيا رازىنىڭ <قارابادىن> دەپ ئاتىلىدىغان ئەرەب يېزىقىدىكى 1- پارماكۇپىيسى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قوللىنىشقا بۇيرۇق قىلىنغان». دېمەك رازىنىڭ كىتابلىرى يېقىنقى يىللاردىمۇ سوۋېت مېدىتسىناسىدا تەتقىق قىلىنىدىكەن. يەنە ئاكادىمىك ئى. يوكىرچىنۋىسكىي مۇنداق دەپ يازغان: «ئوتتۇرا ئەسىردە ئەرەب ئالىملىرىنىڭ مېدىتسىنا بىلىمى يۈكسەك ئىدى. پۈتۈن ئوتتۇرا ئەسىر بويىچە ياۋرۇپا دوختۇرلىرى ئوفتالمۇلۇگىيە (قەدداھلىق-كۆز بىلىمى)ساھەسىدە ئەرەبلەرنىڭكىگە تەڭ كېلىدىغان بىرەر ئىلمىي كىتاب چىقىرالىغان ئەمەس. 18- ئەسىردىلا ياۋرۇپا بۇ ئىلىمدە ئەرەبلەردىن ئىلغارراق بولىشىغا ئىنتىلگەنلىكىنى كۆرىمىز».
رازى ياش ۋاقتىدا تەبىئەت دۇنياسى ۋە ھاۋا كېلىماتىنى ئۆگىنىشكە ئىشتىياق باغلىغان، بۇ ھەقتە چوڭ ماھارەتكە ئىگە بولغان. مەسىلەن: رازى باغدادتا تۇرغان ۋاقتتا باغداد خەلىپىسى باغداد شەھىرىدە چوڭ بىر شىپاخانا قۇرماقچى بولۇپ ئۇنىڭ پىلانىنى ۋە ئورنىنى بەلگىلەپ چىقىشتا رازىدىن مەسلىھەت سورىغان ھەمدە شىپاخانا ئۈچۈن ياخشى، ھاۋلىق جاي تاللاشنى رازىغا تاپشۇرغان. رازى دەرھال يېڭى ئۆلگەن بىر ئايال كىشىنىڭ بالىياتقۇسىدىن بىر پارچە گۆشىنى كېسىپ ئېلىپ، ئۇنى يەنە بىر قانچە پارچىلاپ، ئۇلارنى باغداد شەھىرىنىڭ تەرەپ- تەرىپىگە ئېسىپ قويغان ھەمدە ئۇ گۆشلەرنى دائىم تەكشۈرۈپ تۇرغان. قايسى جايدىكى گۆش ئاسان چىرىمىگەن بولسا، شۇ جايغا شىپاخانا سېلىشقا تەكلىپ بەرگەن. دېمەك، رازى گۆشنىڭ سېسىشىدا ھاۋادىكى قانداقتۇر بىر خىل كۆزگە كۆرۈنمەس جاراسىملار رول ئوينايدىغانلىقىنى شۇ چاغلاردا پەرەز قىلغان. خەلىپە بىر نەچچە داڭلىق تېۋىپلارنى تاللاپ چىقىپ بۇ يېڭى شىپاخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، زىكرىيا رازىنى مەسئۇل قىلغان. زىكرىيا رازى تېبابەت، پەلسەپە، مۇزىكا، خىمىيە، پىسخولوگىيە قاتارلىق ھەر خىل پەنلەردە جەمئىي 224 توم ئەسەر يازغان بولسىمۇ، زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەنلىرى ناھايىتى ئاز. بولۇپمۇ خىمىيە ۋە داۋالاش تېخنىكىسىغا ئائىت مۇھىم ئەسەرلەر زايا بولۇپ كەتكەن ياكى بەزى كىشىلەر تەرىپىدىن يۇشۇرۇلۇپ ئۆزىنىڭ قىلىپ مەيدانغا چىقىرىلغان. زىكرىيا رازى ئىلمىي ۋە نەزەرىيەۋى ئەسەرلەرنى يېزىشتىن سىرت كېسەل داۋالاشتا كۆرۈلگەن ئەمەلىي مەسىلىلەرنى يەكۈنلىگەن ھەمدە تېۋىپلىق بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. ھەر خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاش جەريانىدا ئېھتىياجلىق بولغان 20 خىلدىن ئارتۇق سايمان، ھەر خىل ئەشيا ۋە شېشىلەرنى ياساپ چىققان. رازى لايىھەلەپ ياساپ چىققان بۇ سايمانلار ھازىرغا قەدەر بېرتانىيە دۆلەت موزېيىدا ساقلانماقتا. رازاى «كېسەلخانا جانلىق تىببىي مەكتەپ ۋە ئىلمىي ئەمەلىي تەجرىبىخانىدىن ئىبارەت بولىشى لازىم» دەپ قارايدۇ. ئۇ كېسەلنى داۋالاشتا بېرىلگەن دورىلاردىن بىر بۆلىكىنى ساق ئادەملەرگىمۇ بېرىپ، ئۇلارنىڭ بەدىنىدە بولغان ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىپ تۇراتتى.
رازىنىڭ خىمىيە پېنىدىمۇ تەجرىبىسى يۇقىرى بولۇپ، دورا ماددىلىرىنىڭ تەسىر قىلىشى پەقەت ئۇنىڭ خىمىيەلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغانلىقىدىن بولىدۇ، دەپ قارايتتى. رازى ئۆسۈملۈكلەر، مەدەن، ھايۋانات ئەزالىرىدىن ھەر خىل خىمىيىلىك ماددىلارنى ئاجرىتىۋالغان ۋە تىزاپلار (كىسلاتالار)نى ئىشلەپ چققان. رازى تېبابەت ساھەسىدە تۈنجى قېتىم تىببىي پىسخولوگىيەنى ئىشلەپ چىققان كىشى بولۇپ، ئىنساننىڭ روھى ۋە پىسخىكا ھالىتى، مىجەزى ۋە ئەخلاقى بىلەن ساقلىق ۋە كېسەللىكنىڭ ناھايىتى چوڭ مۇناسىۋىتى بار دەپ قارايتتى. ئۇنىڭدىن باشقا كېسەل داۋالاشتا نۇقۇل ھالدا دورىنى ئىشلىتىش بىلەنلا چەكلەنمەستىن، بەلكى روھىي مەسىلىلەرنى، مەسىلەن: ئائىلە مۇناسىۋىتى ۋە ئىدىيەۋى ئىشلارنى ئىگلەش، روھىي داۋلاش ئۇسۇللىرىنى ئىشلىتىپ داۋالاش لازىم، دەپ قارايتتى. رازىنىڭ ھازىر تېۋىپلار ئارىسىدا قوللىنىۋاتقان»ھاۋى كەبىر» ناملىق كىتابى 10 پارچىدىن ئىبارەت بولۇپ، ھەر بىر پارچىسى بىر نەچچە بابلارغا بۆلۈنگەن. مەسىلەن: باش كېسەللىكلىرى بابىدا نېرۋا كېسەللىكلىرى، روھىي كېسەللىكلەر ۋە ئۇنىڭ ھەر خىل دورا ۋە چارىلىرى تەپسىلىي كۆرسىتىلگەن. رازىنىڭ تەشرىھات (ئاناتومىيە)، پىسخولوگىيە، فىزىئولوگىيە، بەش ئەزا كېسەللىكلىرى ھەققىدە ئەسەرلىرى بار. چېچەك ۋە قىزىل ھەققىدە يازغان ئەسەرلىرى ھازىرمۇ ئەھمىيىتىنى يوقاتقىنى يوق.

UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت قامۇسى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button