ساغلاملىق بىلىملىرى

سۇنىڭ پايدىلىرى ۋە زىيانلىرى ھەققىدە

سۇ ئەرەب تىلىدا ‹مائ›، پارىس تىلىدا ‹ئاب› ۋە ھىندى تىلىدا‹پانى› دەپ ئاتىلدۇ. سۇلار ئاساسەن يامغۇر، بۇلاق، قۇدۇق سۈيى، مۇز ھەمدە قاردىن ئېرىتىپ ئېلىندىغان سۇلارغا بۆلىنىدۇ. سۇ يېنىك، مۇسەففا، تېز ئاقار ۋە باشقا سۈپەتلەر بىلەن يۇقىرى باھالانسا، ياخشى سۇ ھېسابلىنىدۇ.
    يامغۇر سۈيى ئەڭ پاكىز سۇ ھېسابلىنىدۇ، بەزىلەر يامغۇر سۈيىدىمۇ قەۋزىيەت قىلغۇچى خۇسۇسىيەت بار، دەپ ھېسابلىشىدۇ. شۇڭلاشقا، شەيخۇل رەئىس ئەل ئەلى ئىبن سىنا ئىچبۇرۇغ (دېزىنتېرىيە) ھەققىدە يازغاندا، يامغۇر سۈيىدە قەۋزىيەت قىلغۇچى كۈچى بار، دېگەن. مەن ئېيتىمەنكى، بۇ كۈچ ئۇنىڭ ئۆزىدە بولماي، باشقا نەرسىلەر قۇشۇلۇشى سەۋەبىدىن سادىر بولىدۇ. يامغۇر سۈيى تولىمۇ لەتىپتۇر، شۇنىڭ ئۈچۇن ئۇ چاپسان بۇزۇلىدۇ. شۇڭا نەپەس يولى ۋە ئاۋازدا تېز تەسىر قىلىدۇ. يامغۇر سۈيىدىن دائىمىي ئېستىمال قىلىنسا، ئۇ بۇرۇندىن سۇ ئېقىش، تۇمۇر، يۆتەل ھەمدە باشقا ئىللەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    يامغۇر سۈيىدىن قالسا، لەتىپلىكتە بۇلاق سۇلىرى تۇرىدۇ. ئەمما، بۇلاق سۈيى ئېقىپ تۇرسا، چوڭقۇردىن چىقسا، تاتلىق، ساپ، زىلال، تەمىلىك بۇلۇپ، پاكىز يەر، قىزىل، ئۇششاق تاشلار تۆپىسىدىن ئېقىپ تۇرسا، قۇياش نۇرىنىڭمۇ تەسىرى بولسا، بۇنداق بۇلاق سۈيى ئەڭ ياخشى سۇدۇر. بۇنداق بۇلاق سۈيىنى ئۇنىڭ ئېقىش ھەركىتى، شامالدا چايقىلىشى ئۇنى يەنىمۇ تاتلىق قىلىدۇ. ئەمما، بۇلاق يۇقىرىدىن تۆۋەنگە، يەنى تاغ تۆپىسىدىن ياكى تاغ باغرىدىن تۆۋەنگە ئاقسا ۋە يۇقىردىكى سۈپەتلەرگە ئىگە بولسا، ئۇ ئېسىل، پاكىز سۇ ھېساپلىنىدۇ.
     بۇلاق سۇلىرىدىن قالسا، لەتىپلىكتە دەريا ۋە ئۆستەڭ سۇلىرى تۇرىدۇ. يۇقىردىن تۆۋەنگە ئاققان، توپىسى ساپ بولغان، تاشلار ياكى ئۇششاق قىزىل تاشلار ئاستىدىن روشەن كۆرۈنۈپ تۇرغان، تۆپىسى ئوچۇق بولۇپ، شامال ئۇرۇپ تۇرغان، ئۆزى تاتلىق، ساپ زىلال بولغان، غەرب ياكى جەنۇبتىن شەرق ۋە شىمال تەرەپكە ئېقىپ تۇرغان دەريا ۋە ئۆستەڭ سۈيى ئەڭ پاكىز سۇدۇر.
     ئېيتىلىشىچە، نىل دەرياسى مەركۇز سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسى بار ئىكەن. ئۆستەڭ ۋە دەريالار تېز ئېقىشى نەتىجسىدە، قىرغىقىدىكى ياكى ئۆز ئىچىدىكى قۇم ۋە لايلارنى سۇغا ئارلاشتۇرغان بولسا، ئەمما بىرەر ئىدىشتا ئېلىپ قۇيۇلغاندا، چاپسانلا تىنىپ قالسا، بۇنداق سۇمۇ پاكىز بولىدۇ. مەسىلەن: ئامۇ دەريا، سىر دەريا، دەجلە ۋە فرات كەبى دەريالاردا بۇ سۈپەتلەر مەۋجۇت. مەركۇز سۈپەتلەرگە ئىگە بولمىغان دەريا ۋە ئۆستەڭلەر سۈيى پاكىز ھېساپلانمايدۇ. دەريا ۋە ئۆستەڭ سۇلىرىدىن كېيىن كەڭ ۋە چوڭقۇر جايلاردا توپلىنىپ تۇرىدىغان، ئەتىراپىدا ھەر خىل دەرەخلەر ۋە گىيالار ئۆسمەيدىغان بۇلۇشى كېرەك. كىچىك ۋە تار چوڭقۇرلارغا يىغىلغان، يۇقىرىدا ئېيتىلغان سۈپەتلەرنىڭ ئەكىسچە بولغان سۇلار توختام سۇ بىلەن بىر قاتاردا بۇلۇپ، پاكىز سۇ ھېساپلانمايدۇ، ئستىېمال قىلىنسا، ئىللەتلەر پەيدا بولىدۇ. قار ۋە مۇزنى ئېرىتىپ ئېلىنغان سۇ قانچىلىك پاكىز بولمىسۇن، ئەسەب ۋە ئۈچەيلەرگە زىيان قىلىدۇ.بۇرۇندىن سۇ ئاققۇزۇپ، يۆتەل پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، كۆل سۈيى، ناھايىتى ئاستا ئاقىدىغان ئېرقىلار ھەمدە ئۆستەڭ سۇلىرىمۇ زىيانلقتۇر. خۇسۇسەن ئۇلاردا زۇلۇكلار، قۇرتلار بولسا، ھىدى ۋە تەمى ئۆزگەرگەن بولسا ۋە تۆپىسى ئوچۇق بولمىسا، پۈتۈنلەي زىيانلىقتۇر.
   قۇمۇشلۇق، شاللىق، دەرەخلەر ئاستىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان سۇلار، شور، تۇزسىز، پاسكىنا سۇلارنىڭ ھەممىسى كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى سۇ ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق سۇلاردىن ئاشقازان ۋە جىگەر ئاجىزلىشىدۇ، ھەزىم بۇزۇلىدۇ، ئىشتىھا تۇتۇلىدۇ، خىلىتلارنى بۇزىدۇ، ئىستىقا، تال، سېرىق كېسەللىكى، ئۈچەيلەر ئىللىتى، بوۋاسىر كېسەللىكلىرى پەيدا بولىدۇ، چىراي ئۆزگىرىدۇ.
       قۇدۇق سۇلىرىمۇ يەللىك بولۇپ، قىيىندا ھەزىم بولىدۇ. چوڭقۇردىن چىققان ۋە ئىچىدە سۈيى كۆپ قۇدۇق سۇلىرى ئەڭ ياخشى سۇلار ھېساپلىنىدۇ. بۇنداق سۇلار تاتلىق، ساپ، زىلال ۋە يېنىك بۇلۇشى، قۇدۇقتىن چىقىۋاتقان سۇنىڭ ئېقىمى شىمال ۋە غەرب تەرەپتىن كېلىۋاتقان بۇلۇشى ۋە بۇنىڭ ئۈستىگە شۇ قۇدۇقنىڭ پات-پات ۋە كۆپ سۇ تارتىلىپ تۇرغان بۇلۇشى شەرت.
         تاتلىق سۇنىڭ مىزاجى ھۆل سوغۇقتۇر. ئۇنىڭ خاسىيەت، تەسىرلىرى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇ بەدەنگە ھۆللۈك بېغىشلايدۇ، شەھۋانىي روھقا قۇۋۋەت بېرىدۇ، مەيدە ھارارىتىنى باسىدۇ، ئىسسىقچان جىگەر ھارارىتىنى سۇندۇرىدۇ، ئېغىر خىلىتلارنى يۇيىدۇ، سۇيۇلدۇرىدۇ ۋە ئۇلارنى يوقىتىدۇ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ، ئېتىياجدىن ئارتۇق ئىچىلگەندە بولسا، ئەسەب، مەيدە، ئۈچەي ۋە جىگەر پائالىيتىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.چىراينى ئۆزگەرتىدۇ، زېھىننى بۇزىدۇ، خاتىرىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، سەزگۈ ئەزالار خىزمىتىنى ئىشتىن چىقىرىدۇ، تېرىنى بوشاشتۇرىدۇ، كۆز ئاستىنى سەلقىتىدۇ، ئىسىتقا ئىللىتىنى قۇزغىتىدۇ، قورساق توق ۋاقتىدا، قورساقتا سۇ كۆپ ۋاقتىدا، تاماق مەيدىدە ھەزىم بولماي تۇرۇپ ياكى تاماق يېمەستىن ئاۋۋال، ئۇيقۇ ئىچىدە ياكى قاتتىق جىسمانىي ئەمگەكتىن كېيىن، خۇسۇسەن ھاۋا سوغۇق ۋاقىتلاردا سۇ ئىچىش زىيانلىقتۇر، ئەمما ئسىىسق مەملىكەتلەردە، ئىسسىق پەسىللەردە ياكى يۈرىكىدە، مەيدە ۋە جىگەردە ھارارەت بولغاندا، يۇقىردا ئېيتىلغان شەرتلەرنى ھېسابقا ئالماي، سۇ ئىچىۋېرىش مۇمكىن. ئەمما، بۇنداق كىشلەرمۇ سۇنى زورلاپ ئارتۇقچە ئىچمەسلىكى، ئارقا-ئارقىدىن ئىچىشكە ئادەتلەنمەسلىكى، ھاجەتكە يارىشا ئىچىش، ئىچكەندىمۇ قاچىدىكى سۇنى بىرلا سۈمۈرۈپ تۈگەتمەستىن، ئاز-ئازدىن بەلكى ئۈچكە بۆلۈپ ئىچشى لازىم. ھۆل مېۋە ۋە ھەرخىل دورىلىق سەيلەردىن كېيىن سۇ ئىچىش قورساقنى كۆپتۈرىدۇ.نەپەس سىقىدۇ، ئىچىنى غۇلدۇرلىتىدۇ. بۇنى ئادەت قىلۋالغان كىشلەرنىڭ بەدىنىدە يامان خىلىتلار پەيدا بولىدۇ.
    بەك سوغۇق بولمىغان، ئوتتۇرىچە سوغۇق سۇ ئەڭ مۇۋاپىق سۇ بۇلۇپ، ئىشتىھانى ياخشىلايدۇ. مەيدىنى داۋالاشقا پايدىلىق، بىراق ئۈچەي يارىسى ۋە ئەسەب ئىللىتى بار كىشلەرگە زىيان قىلىدۇ.
     بەك سوغۇق سۇ، قار ياكى مۇز سېلىنغان ئاددىي سۇ ئەڭ يامان سۇلاردىن ھېسابلىنىدۇ. كۈچلۈك ئسسىق مىزاجلىق كىشلەرگە سوغۇق سۇ ئىچىش زىيان قىلمىسىمۇ، ئەمما ئۇنى داۋاملىق ئىچىش تەبىئىي ھارارتنى سۇندۇرىدۇ، ئۈچەينى ئاجىزلاشتۇرىدۇ،
سوغۇق ئەسەب، بېشى، ئۈچىيىى ئاغىرىپ يۈرگەن كىشلەرگە زىيان قىلىدۇ، باش ئاغىرىقى، ئىسىتقا، بوشاپ كېتىش ۋە قورساق سانجىقى پەيدا قىلىدۇ.
      لېكىن قايناقسۇ سۇ يەل ۋە بادنى تارقىتىدۇ، مالىخۇلىيا، باش ئاغىرىقى، تاشمىلار، تاماق ياللۇغى، ئۆپكە يارىسىغا پايدىلىق، مەيدىنى تازلايدۇ، شور، بەلغەم ۋە سەۋدادىن بولغان ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدۇ، سۈرگە دورىغا ياردەم بېرىدۇ. ئەمما ئۇنىڭدىنمۇ دائىم ئىستېمال قىلىنسا، مەيدىگە زىيان قىلىدۇ، ھەزىم قابىلىيتىنى بۇزىدۇ، تاماقنى قەي قىلدۇرىدۇ، ئادەمنى ئورۇقلىتىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ بىلەن كۆز يۇيۇلسا، كۆز ئاغىرقىغا نەپ قىلىدۇ، تاشىمىلارغا قارشى پايدىسى بار. ئىسسىق ۋە سوغۇقلۇققا ئوتتۇرىچە بولغان سۇ كۆكرەككە، ئاجىز مەيدىگە، ئۈچەيگە مۇۋاپىق سۇدۇر. ئۇ يەنە بەدەن قىچىشىشنى يوقىتىدۇ.
مىر مۇھەممەد ھۆسەيىننىڭ ‹مەخزۇن ئەل-ئەدۋىييە›«داۋالار غەزىنىسى»دېگەن كىتابىدىن

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button