ساغلاملىق بىلىملىرى

ئەيدىزنىڭ كىشىنى قورقۇتقۇدەك دەرىجىدە يامرىشىدىكى سەۋەبلەر

1. ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى، تەشۋىق تەربىيە ئاجىز، تونۇش يېتەرلىك ئەمەس.
نۇرغۇن كىشىلەر بۇ كېسەلنىڭ قانداق يۇل ۋە ئۇسۇللاردا تارقىلىدىغانلىقىنى، بۇ كېسەلنىڭ نېمىلىكىنى ھەتتا قانداق خەۋپى ۋە زىيىنىنىڭ بارلىقىنى، يۇقۇش خەۋپى قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرنى بىلمەيدۇ، ھەتتا ئۈز تۇغۇلغان يۇرتىدىكى ئاساسىي ئەھۋالدىنمۇ بىخەۋەر .
2. بۇ رايونلاردىكى نۇرغۇن جايلار قەدىمدە مەدەنىيەت ئاساسىي كۈچلۈك، ئەخلاقى جەھەتتىن ياخشى دەپ قارالغان رايونلار بولسىمۇ، بىراق تەرەققىيات ۋە نۇرغۇن ئامىللار تەسىرىدە ئەخلاق چېكىنىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان بولغاچ، كېسەل بۇ يوچۇق ناھايىتى تىزلا تارقىلىش ئاساسىغا ئايلىنىپ قالغان. شۇڭا ئەخلاق ۋە كىملىك ئەمدى قانداق قىلىش مەسىلىلىرىنى ئويلىنىش تەقەززا قىلىۋاتقان يىرىك تېما بولۇپ قالدى.
3. داۋالىنىش شارائىتى يېتەرسىز، كۆرسىتىش تەدبىرى مۇكەممەل ئەمەس، ساپا يېتەرلىك ئەمەس.
نۇرغۇنلار بۇ كېسەلنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بارلىقىنى بىلمەسلىكى بىلەن كېسەلنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلىدە بايقالغان ئالامەتلەرنى باشقا كېسەل بولغان ئوخشايمەن دەپ قارايدۇ. ئاخىرى پەقەت ئامال بولمىغاندا ئاندىن تەكشۈرىدۇ ۋە بىراقلا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ ئاللىقاچان بىر تارقاتقۇچى بولۇپ بولغان، بۇ ۋەزىپىنى ئىنتايىن ياخشى ئورۇنداپ بولغان بولىدۇ. داۋالىنىش شارائىتى يېتەرلىك ئەمەس بولۇپ، نۇرغۇن كونترول قىلىش، ئالدىنى ئېلىش ئوكۇل ۋە دورىلار يۇقۇملانغۇچى ۋە تارقاتقۇچىلارغا يەتكۈزۈپ بېرىلمىگەن.
بۇنداق بولۇشتا يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئېڭى ۋە دورا-ئوكۇللارنى تارقاتقۇچىنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ تۆۋەنلىكى ئىنتايىن مۇھىم سەۋەب بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.
4. نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ئەيدىز ئەخلاقسىز، ھاياسىزلارنىڭ قالايمىقان ناچار قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغانلىقى سەۋەبىدىن يۇقىدۇ ۋە تارقىلىدۇ، بىز ناچار قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانمىساق بىزگە يۇقمايدۇ دەپلا ئويلايدۇ.
بىراق ئويلاڭ، سىز ھازىر ئەتراپىڭىزدا نۇرغۇن ئەيدىز بىمارى بىلەن ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرىۋاتىسىز. سىز ئۇلارنىڭ قايسىسىنىڭ ئەيدىز، قايسىسىنىڭ ئەيدىز ئەمەسلىكىنى ئەلۋەتتە بىلمەيسىز. باشقا كېسەل بولسا ئۇ مەن ئۆپكە كېسىلى ياكى رېماتىزم دەپ ئۇچۇق دېيىشى مۇمكىن. بىراق بۇ كېسەل بولغۇچى ئۇياتلىق ھېسابلايدىغان بۇ خىل كېسەلنىڭ ئەھۋالىنى سىزگە ئۇچۇق ئېيتماسلىقى تۇرغانلا گەپ.
شۇنداق تۇرسا بۇ كېسەلنىڭ يەنە باشقا شەكىل ۋە يوللاردا، مەسىلەن: ساتىراشخانا، قان تەقدىم قىلىش، قان ئېلىش ئورۇنلىرى … قاتارلىقلاردا تارقىلىش ئېھتىمالى كۈچلۈك تۇرسا، سىز ئۇنداق ئورۇنغا بارمايمەن دىيەلەمسىز؟
5. يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئۆچ ئېلىش قارا نىيىتى.
بەزى يۇقۇملانغۇچىلار تۈرلۈك ئازدۇرۇش ۋە بىر قېتىملىق خاتالىق سەۋەبلىك بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ساپاسىنىڭ تۈۋەنلىرى كېسەل بولغىنىنى بىلگەن ھامان قاتتىق ئازابلىنىدۇ-دە، ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن باشقىلارغا يۇقتۇرۇش ئارقىلىق تەڭ تۈگىشىش ياكى ئۈچ ئېلىش پىسخىكىسى پەيدا بولۇپ قالىدۇ. ھالبۇكى بۇنداق پىسخىكىنى ئۆزگەرتىشكە ئورۇنۇپ كۆرىدىغان پىسخىكا مەسلىھەتچىلىك ئورۇنلىرى ياكى شۇ قاتاردىكىلەر بۇ مەسئۇلىيەتتىن يىراق.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button