پىشقەدەم ئۈستازلار

مەتنياز ئاخۇن

مەتنياز ئاخۇن : 1903 – يىلى گۇما بازىرى دېھقان ئائىلسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1913 – يىلىغىچە ئائىلە تەربىيىسىدە بولغان . 1913 – يىلىدىن 1919 – يىلىغىچە دىنىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان ھەمدە ئەرەب ،پارس تىللىرىنى پۇختا ئۆگەنگەن .1919 – يىلىدىن 1925 – يىلىغىچە تېۋىپ مامۇت ھاجىنى ئۇستاز تۇتۇپ ، ئۇيغۇرتېبابەتچىلىك ئىلمىنى ئۆگەنگەن . ئۇ بىلىمگە ھېرىسمەن ، سوراشتىن تارتىنمايدىغان كىشى بولغاچقا ، ئۆگىنىش جەريانىدا ئۇستازىدن ئۇيغۇرتېبابەت كىلاسسىك ئەسەرلىرىدىن ئاختۇرۇپ تاپقىلى بولمايدىغان ، ئۇستازى بىۋاستە توپلىغان نۇرغۇن بىلىم ۋە تەجرىبىلەرنى ئۆزلەشتۈرۋېلىپ ،ئاخىرى گۇما ناھىيىسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن تېۋىپلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىققان . ئۇستازى مامۇت ھاجىنىڭ رازىلىقى بىلەن ئۆزئالدىغا كېسەل داۋالاشقا كىرىشكەندىن كېيىن، ھەرخىل كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش جەھەتلەردە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە تەجرىبىلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن .بولۇپمۇ .بەرەس ،بەھەق قاتارلىق جاھىل تېرە كېسەللىكلىرىنى ، سۈيدۈك توختاپ قېلىش ، جىگەركېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا سىناقتىن ئۆتكەن بىر يۈرۈش رېتسىپ ۋە مول تەجرىبىلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن . مەسىلەن ، 1957 – يىلى گۇما ناھىيىسىدە جىگەر كېسەللىكى تارقىلىپ ، نۇرغۇن كىشىلەر كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغاندا ، ئۇ دورا ماتېرىياللىرى مەنبەسى مول ، ياساش قولاي ، ئۈنۈمى تېز ، يەڭگىل بولغان بىر ئىسكەتلىك رېتسىپ تەييارلاپ ، كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا كىرىشىپ ، تەشكىلنىڭ تەقدىرلىشىگە ، خەلقنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەن . ،مەتنىياز ئاخۇنۇم كېسەللىكلەرنى تەكشۈرۈش جەريانىدا ، مىزاجنىڭ تۈرىنى ئېنىقلاشقا ، بىمارلارنىڭ تۇرمۇش ، يېمەك – ئىچمەك ئادىتىنى ئېنىقلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن . بەزى كېسەللىكلەرنى دورا بىلەن ئەمەس ، يېمەكلىككە دىققەت قىلىش ، تۇرمۇشنى تەرتىپكە سېلىشقا دەۋەت قىلىش ئارقىلىقلا داۋالاپ ساقايتقان .

مەتنىياز ئاخۇنۇم ئىز باسار تەربىيىلەشكىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن . ئۇ تەربىيلەپ يېتىشتۈرگەن شاگىرتلاردىن ئۆز ئوغلى نۇر مۇھەممەتخان ھاجى ناھىيىلىك ئۇيغۇرتېبابەتچىلىك شىپاخانىسىنىڭ ئاساسلىق تېۋىپلىرىدىن بىرى بولۇپ ئىشلىگەن . «بىر ياخشىلىق ئۇنتۇلماس ، بىريامانلىق » دېگەندەك ، مەتنىياز ئاخۇنۇم گەرچە 1956 – يىلى ئالەمدىن . ئۆتكەن بولسىمۇ ، ئۇنىڭ قولىدا كېسەلدىن شىپا تېپىپ ساقايغان ، ياساپ بەرگەن دورا ، شەربەتلەرنى يېگەن ۋى ئىچكەن ، ئۆزبەدىنىنى قانداق بىلىش ۋە ئاسراش ھەققىدىكى ئىلمى تەربىيەلىرىنى ئاڭلىغان ھەر بىر ئادەم ئۇنى تا ھازىرغىچە چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن ئەسلەپ ، ياخشى تەرىپىنى قىلىپ كەلمەكتە .


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button