تارىخى شەخىسلەر

زورىخان

داڭلىق ئەمچى زورىخان 1780- يىلى قەشقەر كونىشەھەر بەشكېرەم بەگلىكىنىڭ چۇمبۇس كەنتىدە ئىمىن ئاخۇن ئىسىملىق بىر تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. زورىخان بالاغەتكە يەتكەندە ئانىسى پاتەمخان ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ قالىدۇ. ئىمىن ئاخۇن ھاللىق ئادەم بولغاچقا ئايالىنى داڭلىق تېۋىپلارغا كۆرسىتىپ كۆپ داۋالىتىدۇ. بۇ خىل داۋالاش ئون نەچچە يىل داۋاملىشىدۇ. زورىخان ئانىسىنىڭ يېنىدا ئۇزاق يىل بىللە تۇرۇپ تېۋىپلارنىڭ ئانىسىنى داۋالاش ئىشلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ زېھنىگە ئېلىۋالىدۇ. كېيىنچە ئۇ ئانىسىغا ئۆزى شىپا قىلىدۇ. ئاخىر پاتەمخان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلدىن ساقىيىدۇ. بۇ ئىش يۇرت ئىچىدە زورىخاننى كېسەل داۋالىيالايدىغان دېگەن ئاتاققا ئىگە قىلىدۇ ھەم ھەر خىل كېسەل ئاياللار ئۇنى ئىزدەپ كېلىدۇ. كېسەللەرنىڭ ھال- ئەھۋالىنى كۆرۈپ ئىچى ئاغرىغان زورىخان چامىنىڭ يېتىشىچە ھەر خىل ئاماللارنى قىلىپ بىمارلارنىڭ كېسىلىنى داۋالاشققا تۇتۇنۇپ كۆرىدۇ. بەزى كېسەللىكلەر زورىخاننىڭ داۋالىشى سەۋەپلىك ساقىيىپ قالىدۇ.
زورىخان ئاياللارنىڭ پەسىلگە قاراپ مۇۋاپىق كېيىنىشى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر تەرەپ دەپ قارىغان. ئۇ كېسەل ئاياللارنىڭ قىش، كەچكۈز، باش ئەتىياز ۋە جۇدۇن بولغان كۈنلەردە ئىسسىق كىيىنىشنى، بولۇپمۇ پۇت، بەل ۋە باشنى ئىسسىق ساقلاشنى ئالاھىدە تاپىلىغان. ھەر قانداق كۈندە كەچتە سىرتقا چىققاندا باشقا بىر نەرسە كىيىش چاپانغا چۈمكىنىپ چىقىش لازىم دەپ قارىغان. دىمەك ئاياللارنىڭ كۆپ كېسەللىكلەرنى تاساددىپىي تەگكەن سوغۇق شامالدىن بولىدۇ، دەپ قاراپ بۇنداق بىمارلارنى تەرلىتىش، ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ۋە ئۇۋۇلاپ بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق داۋالىغان.
زورىخان يەنە ئاياللار ئاجىز، قورقۇنچاق، ئېھتىياتچان كېلىدۇ، ئۇلار كەچلىرى سىرتقا چىقسا ئاسانلا سۈر بېسىپ قورقۇنۇچ ھېس قىلىدۇ. بۇ روھىي كەيپىياتقا تەسىر قىلىپ يۈرەك كېسەللىكى، نېرۋا كېسەللىكى ۋە بىئارام بولۇش، تۇتقاقلىق كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار قىلىدۇ، بەزىدە قورساقتىكى ھامىلىنى چۈشۈرگۈزۈۋېتىدۇ، دەپ قارىغان. مۇبادا بۇنداق كېسەللىكلەر ئۇچرىسا ئۇلارنى تىنىچلاندۇرۇش، كۆڭلىگە تەسەللىي بېرىش، ئارام تاپقۇزۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق داۋالاشنى يولغا قويغان.
زورىخاننىڭ كېسەل داۋالاشتىكى يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى كۆپ كېسەللەرنى دورا يېگۈزمەي پەرھىز ئۇسۇلى ئارقىلىق داۋالىغان.
زورىخان تېۋىپلىق بىلەن 50 يىل شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ نامى يىراق- يىراقلارغا تارقالغان. زورىخان 1850 – يىللىرى ۋاپات بولغان.


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

 

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button