ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرى

زەھەر قايتۇرغۇچى دورىلار

زەھەر قايتۇرۇش تەسىرى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغان دورىلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ زەھەر قايتۇرغۇچى دورىلار دېيىلىدۇ.

   ھەر خىل ئىچكى-تاشقى سەۋەبلەر تەسىرىدىن ۋە تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ ئاسارىتىدىن بەدەندە زەھەرلىك ماددىلار كۆپىيىپ كەتسە ياكى باشقا دورىلار ۋە يېمەك-ئىچمەك تەسىرىدىن ئورگانىزمدىكى مەلۇم بىر ئەزا ياكى پۈتۈن بەدەن زەھەرلەنسە، ئورگانىزمدا ماددا ئالمىشىش قالايمىقانلىشىپ، ئورگانىزمنىڭ فىزىئولوگىيەلىك خىزمىتىنى بۇزۇپ ھەر خىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكلەرنى ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ. زەھەرلىنىشنى پەيدا قىلغۇچى سەۋەبلەر ھەر خىل بولغاچقا، زەھەر قايتۇرغۇچى دورىلارنى مۇۋاپىق تاللاپ ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. زەھەر قايتۇرغۇچى دورىلارنىڭ كۆپىنچىلىرىنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق ياكى ھۆل ئىسسىق بولۇپ، بۇ خىل دورىلار زەھەر قايتۇرۇپ، ئىششىق ياندۇرۇش؛ سۈيدۈك ھەيدەپ، قىچىشىشنى پەسەيتىش؛ ياللۇغ قايتۇرۇپ، سەزگۈرلۈكنى يوقىتىش ئارقىلىق زەھەر قايتۇرىدۇ. بۇنداق دورىلار زەھەر قايتۇرغۇچى دورىلار دېيىلىدۇ. مەسىلەن: شەربىتى تەرياق، تەرياقى ئەقرەب Ⅰ، تەرياقى ئەقرەب Ⅱ، تەرياقى سۇمۇم، تەرياقى ئەربەئە، تەرياقى گىل مەختۇم ھەمدە ئەرقى مائۇللەھمى مۇرەككەپ، مەجۈنى لوبۇبى كەبىر Ⅰ، مەجۈنى ھالۋائى بەيزە قاتارلىقلار.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button