تېببىي ئەخلاق- ھېكمەتلەر
تېببىي ئەخلاق ئەسلىدە ئىنسان ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارغا خاس بولغان تەبئىي ۋە ۋىجدانىي سۈپەتتۇر. تېببىي ئەخلاق توغرىسىدا بۇنىڭدىن 2-3 مىڭ يىل بۇرۇن ئۆتكەن ئالىم ۋە پەيلاسوپلارمۇ كۆپ سۆزلەرنى قىلغان ۋە ئالاھىدە ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان. سوقرات، ھېپپوكرات، ئەپلاتون، ئەرەستۇ، جالىنۇس، فارابى، ئىبنىسىنا، ئىبنى رۇشىدىي، رازىي، غەززالى قاتارلىق ئالىملارنىڭ ئەخلاق ۋە ئۇنىڭ پەلسەپەسى توغرىسىدا يازغان مەخسۇس كېتابلىرى بار. بەقراتنىڭ تېببىي ئەخلاق توغرىسىدا يېزىپ قالدۇرغان «ئەھدىنامە» سى ھازىرمۇ بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. كىشىلىك جەمئىيتىدە ئىلمىي ۋە ئەخلاقىي تەلىم- تەربىيىنىڭ مۇھىملىقى بۈگۈنكى دۇنيادا كۈندىن- كۈنگە روشەن سىزىلمەكتە. بۇرۇن ئەخلاق نەزىرىيسىنى ئىنكار قىلغان قانۇنچى سىياسەتچىلەرمۇ ئاخىرى جەمئىيەتنىڭ ئەخلاق تەربىيىسىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىشقان. كىشىلەرنى قانۇن ۋە سىياسەت بىلەنلا باشقۇرۇش، ئەخلاقىي تەربىيىگە ئەھمىيەت بەرمەسلىك، بەزى جەمئىيەتلەردە خېلىلا كۆپ مەنىۋىي بۇلغۇنىشلارنى ۋە ئىجتىمائىي جىنايەتلەرنىڭ كۆپىيىشىنى ۋە ياشلارنىڭ ئىدىيىۋى جەھەتتىكى چۈشكۈنلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بىز بۇ يەردە ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدە قەدىمكى ئۇستازلار ئەخلاق توغرىسىدا تەۋسىيە قىلغان بىر نەچچە مەسىلىلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئۆتىمىز ۋە قوشۇمچە قىلىپ ھازىرقى زامان شارائىتىدا ئىشلەشكە تېگىشلىك بىر قانچە كونكرېت مەسىلىلەر ئۈستىدىلا توختىلىپ ئۆتىمىز. تېببىي ئەخلاق، شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاق توغرىسىدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقالغان ۋە قەدىمىي ئۇيغۇر مائارىپىدە قوللىنىپ كەلگەن كىتابلار لوقمان ۋەسىيەتلىرى، بەقرات ۋەسىيەتلىرى، ئەخلاق جالالىي، كىيىمىياتى سائادەت، ئەھيا ئۇل ئۇلۇم، گۈلىستان، بوستان، پەنجە- گەنجە دېگەن كىتابلار بولۇپ ئۇلار قەدىمكى ئۇيغۇر مائارىپىدا دەرسلىك قىلىپ ئوقۇلاتتى. بىز بۇ سەھىپىمىز ئارقىلىق ئۇيغۇر تېبابەت پىشۋالىرىنىڭ تېبببىي ئەخلاق- پەزىلەت توغرىسىدىكى قىسقا، ئەمما چوڭقۇر مەزمۇنلۇق تەلىماتىنى بايان قىلىپ چىقىمىز.
-
ھۆكىمالارنىڭ ئىيىتقانلىرى
ھۆكىمالارنىڭ ئىيىتقانلىرى ئىبنى مايۇسە مۇنداق دەيدۇ : كىمكى 40 كۇن پىياز يەپ يۇزىگە داغ چۇشۇپ قالسا ئۆزىدىن كۆرسۇن ، كىمكى…
تېخىمۇ كۆپ ئوقۇڭ -
رۇزا تۇتۇشنىڭ پايدىلىرى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بۇ ھەپتىلىك «دىن ۋە ئەخلاق» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، دوكتور رەمزىيە ئەگە تەرىپىدىن تەييارلانغان «رۇزا تۇتۇشنىڭ پايدىلىرى» ناملىق…
تېخىمۇ كۆپ ئوقۇڭ -
كۆزۈڭ ئاغرىسا قولۇڭنى تارت
كۆزلىرى ئاغرىقتىن قىزارغان، ساقاللىرى پاخپايغان بىر كىشى لوقمان ھېكىمنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. ئۇ ئىككى قولى بىلەن كۆزلىرىنى ئۇۋىلاپ تۇرۇپ ھالىنى ئېيتىپتۇ.…
تېخىمۇ كۆپ ئوقۇڭ -
بۆرە دوختۇر ھەققىدىكى ھېكايە (چېنىقىشنىڭ زۆرۈرلىكى)
بۆرە دوختۇر توغرىسىدا مۇنداق بىر ھېكايە بار: ئورمانلىقتا بۆرىمۇ، بۇغىمۇ بار ئىكەن، كىشىلەر بۇغىنى قوغداش ئۈچۈن، ئوۋچىلار ئارقىلىق بۆرىنى يوقىتىپتۇ،…
تېخىمۇ كۆپ ئوقۇڭ -
ئىلىم تەھسىل قىلىش ھەققىدە
نەزىرە مۇھەممەد سالىھ كۆكتە نۇر چېچىپ تۇرغان قۇياش، ھەممىگە شاھىد ئاسمان – زېمىن ئۆزگەرگىنى يوق، ئەمما تەرەققىيات چۆچەكلەردىكى «جاھاننەما ئەينەك»،…
تېخىمۇ كۆپ ئوقۇڭ -
ئەدەپ ئەخلاققا ئىرىشىش ۋە ئۇنى تاۋلاش
بارلىق كىشىلەر تۇغۇلغان چاغدىلا ئاق كۆڭۈللۈككە ئىگە بولۇشتەك ماھيەتكە ئىگە، ئەمما ھەممىلا ئادەم چوڭ بولغاندىن كىيىنمۇ يەنىلا ئاق كۆڭۈل بولىۋەرمەيدۇ.…
تېخىمۇ كۆپ ئوقۇڭ -
ھەكىملەردىن نەسىھەتلەر
قۇرۇق گەپ قىلما، سۆزنى كېرەك ۋاقىتتا قىل، ئەگەر مەست بولساڭ، ئومۇمەن سۆز قىلماسلىققا ھەرىكەت قىل. ھاياتىڭنىڭ قەدرىنى بىلسەڭ ۋە ئۇنى…
تېخىمۇ كۆپ ئوقۇڭ -
لوقمان ھېكىمنىڭ پاراسىتى
لوقمان ھېكىم تېۋىپلىقتىمۇ شۆھرەت قازانغانىكەن : ھىرات پادىشاھى باشقىلاردىن « لوقمان ھېكىم بىلىملىك، ئەقىللىق، تەدبىرلىك دانا كىشى »…
تېخىمۇ كۆپ ئوقۇڭ -
جالىنۇسنى داۋالىغان تېۋىپ
قېرىغاندا جالىنۇسنىڭ كۆزى كۆرمەس بۇلۇپ قالدى.ئۇ كۆزىگە قانچە كۆپ دورا ئىشلەتمىسۇن، ھامان پايدىسى بولمىدى. ئاقىۋەت تەقدىرگە تەن بېرىپ، ئۆزىنى ئۆزى…
تېخىمۇ كۆپ ئوقۇڭ -
ئىكسىرى ئەزەم ۋە رەمۇزى ئەزەمدىكى تېببىي ئەخلاق توغرىسىدىكى بايانلار
1. تېببىي خادىملارنىڭ تەبىئىي مىزاجى مۆتىدىل بولۇشى لازىم. ئەگەر بۇ مىزاج تەبىئىي ھالدا مۆتىدىل بولمىغان بولسا، مۇۋاپىق ئائىلە تەربىيىسى ۋە…
تېخىمۇ كۆپ ئوقۇڭ