تېببىي ئەخلاق- ھېكمەتلەر

جالىنۇسنى داۋالىغان تېۋىپ

قېرىغاندا جالىنۇسنىڭ كۆزى كۆرمەس بۇلۇپ قالدى.ئۇ كۆزىگە قانچە كۆپ دورا ئىشلەتمىسۇن، ھامان پايدىسى بولمىدى. ئاقىۋەت تەقدىرگە تەن بېرىپ، ئۆزىنى ئۆزى داۋالاشتىن ۋەز كەچتى. كۈنلەرنىڭ بىركۈنى ئۇ كېسەل ئىزدەپ كوچىدا ۋارقىراپ يۈرگەن تېۋىپنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدى.جالىنۇس ئەشۇ تېۋىپنى چاقىرىپ كېلىشنى بۇيرىدى، تېۋىپ كەلگەچ ئۇنىڭدىن كۆزىنى داۋالاشنى سورىدى.

     تېۋىپ ئىشقا بەل باغلاپ، ئاۋۋال سۈت ئېلىپ كېلىشنى بۇيرىدى. ئېلىپ كەلگەن سۈتنى چوڭ قازانغا قۇيدى ۋە قازان تۆپىسىگە بولسا جالىنۇسنى پۇتىنى ئاسمانغا قىلىپ ئېسىپ قويدى. ئاندىن قازان ئاستىغا ئوت يېقىشقا باشلىدى. سۈتتىن چىققان بۇغلار جالىنۇسنىڭ يۈز-كۆزىگە ئۇرۇلۇپ، كۆزىنى ئاچقىلى قويمىدى. بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن جالىنۇس دىققەت بىلەن قاراپ، ئەتىراپنى كۆرىۋاتقىنىنى ھېس قىلدى. جالىنۇس يەرگە چۈشۈپ،ئۇ تېۋىپتىن: ئېيتە، بۇ ئۇسۇل بىلەن مېنى قانداق داۋالىدىڭ، بۇنىڭ سىرى نېمىدە؟- دەپ سورىدى تەئەججۈپلىنىپ.

      تېۋىپ دېدى: سەن نەدىدۇر سۇنۇق كوزا پارچىلىرى تۆپىسىگە سىيگەنسەن، كوزا پارچڭسىغا بولسا يىلان زەھىرى چۈشكەن. نەتىجىدە يىلاننىڭ زەھىرى بۇغىلىنىپ، بۇ بۇغ سېنىڭ كۆزىڭگە كىرگەن. كۆزۈڭدىن بولسا نۇر قاچقان، مەن زەھەرنى سۈت بۇغى بىلەن ھەيدىدىم. جالىنۇس پۈتۇن دۇنياغا مەشھۇر تېۋىپ بولسىمۇ، بۇنىڭغا ئەقلى يەتمىگەنلىكىگە ھەيران بۇلۇپ دېدى: بىلەمسەن، مەن كىممەن، مەن جالىنۇس بولىمەن.

   جالىنۇسنىڭ نامىنى ئاڭلاپ قورقۇپ كەتكەن تېۋىپ:ـ ۋاھ، مەن بۇنى بىلمەپتىمەن، ئەگەر بىلگەن بولسام، بۇ مەھەللىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈشكىمۇ جۈرئەت قىلالمىغان بولاتتىم،ـ دېدى.

    ‹مەجمۇئەئى تېب›(‹تېببىي توپلام› )كىتابىدىن


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button