تېببىي ئەخلاق- ھېكمەتلەر

ھەكىملەردىن نەسىھەتلەر

قۇرۇق گەپ قىلما، سۆزنى كېرەك ۋاقىتتا قىل، ئەگەر مەست بولساڭ، ئومۇمەن سۆز قىلماسلىققا ھەرىكەت قىل. ھاياتىڭنىڭ قەدرىنى بىلسەڭ ۋە ئۇنى ياخشى ئۆتكۈزۈشنى خالىساڭ، شاراب ۋە ھاراقلاردىن زادى ئىچمە. بىرەر ئالىم ياكى ئۇلۇغ ئادەم يېنىدا ياتقىنىڭدا ئۇلاردىن ئاۋال قوپۇشقا ھەرىكەت قىل. ئومۇمەن يالغۇز بولغىنىڭدا ئەتىگەن قوپۇشنى ئادەت قىل.
ئىككى نەرسە باركى، ئۇلار ئادەمنىڭ يۈرىكىگە قۇۋۋەت بېرىدۇ، بىرى — ساياھەت، يەنە بىر بولسا، ئالىم كىشىلەرنىڭ سۆھبىتى. تۆۋەندىكى نەرسىلەر بولسا كۆزگە نۇر بېغىشلايدۇ ۋە ئۇنىڭ نۇرىنى ئۆتكۈر قىلىدۇ: چىرايلىق يۈز، ئېقىن سۇ، ياپيېشىل چىمەنلىك ۋە خۇشخەت كىتاب.
«ئىشرەت رىسالىسى»دە شۇنداق دېيىلگەن: «دائىم ئالدىڭدا قەغەز، قەلەم بولسۇن. ئۆزۈڭ تەپەككۇر قىل. پىكىر قىلىشتىن ئەقىل ساغلام بولىدۇ. ئىلىم-ھېكمەتنىڭ بولسا ئىشىكى ئېچىلىدۇ!»
قىتئە:
گۈزەل يار ئەيشسىز ئولتۇرما زىنھار،
داۋايۇ راۋابىڭ دائىم بولسۇن يار.
جاھاننىڭ شادلىقىدىن تاپماقچى بولساڭ،
دۇنيانىڭ غېمىنى ئويلىما زىنھار.
پۇرسەت غەنىمەت، ئۆمۈر ئۆتكۈنچى. ئۇنى خۇشال ئۆتكۈزۈشنىڭ تەدبىرىنى قىل ۋە ئەتراپنى سەيلە قىل. ھەكىملەر تۆۋەندىكى تۆت نەرسە ئادەمنىڭ يۈرىكىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېيتقان: دۇنيانى تاماشا قىلىش، مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، ناننى ھالال تېپىپ يېيىش، ئۇلۇغ ئالىملارنىڭ خىزمىتىدە بولۇش.
تۆۋەندىكى سەككىز نەرسە ئىنساننىڭ سالامەتلىكىگە ساغلاملىق قوشىدۇ: ساغلام ھالدا سەپەر قىلىش، باھاردا باغلارنى سەيلە قىلىش، سېمىز ۋە ياۋاش ئاتقا مىنىپ چېپىش، ئازادە كىيىنىپ يۈرۈش، خۇشخۇي ۋە چىرايلىق خوتۇنغا ئىگە بولۇش، باھار ۋاقتىدا سادىق دوستلار بىلەن ئۇچرىشىش، مۆتىدىل ھاۋادا ئالىملار سۆھبىتىدىن بەھرىمەن بولۇش، قەدىمدىن قالغان ئاسارە-ئەتىقىلەرنى تاماشا قىلىش.
بىلگىنكى، تۆت نەرسە كىشىنى سالامەت قىلىدۇ ۋە ھەمىشە ياخشى كەيپىيات بېغىشلايدۇ: ئاز تاماق يېيىش، ئاز سۆز قىلىش، جىنسىي ئالاقىنى ئاز قىلىش، ئۇلۇغلار ئالدىدا ئەدەبلىك بولۇش.

(«تېبابەت دۇردانىلىرى» ناملىق كىتابنىڭ 345-بېتىدىن، پەن-تېخنىكا سەھىيە نەشرىياتى، 1998-يىل نەشرى)


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button