ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرى

يەككە دورىلارنى ئىشلىتىشتىكى ئون ئىككى قانۇنىيەت

تېۋىپ بولغۇچى يەككە دورىلارنى ئىشلىتىشتە تۆۋەندىكى ئون ئىككى قانۇنىيەتنى بىلىشى كېرەك.
1. ھەر بىر يەككە دورىنىڭ ئىسمىنىڭ ئوخشاش بولمىغان تىللاردىكى ئاتىلىشىنى پىششىق بىلىىشى كېرەك. بۇ يەككە دورىلاردىن ئومۇميۈزلۈك پايدىلىنىشتا كېرەك بولىدۇ.
2. ھەر بىر يەككە دورىنىڭ ماھىيىتى، رەڭگى، پۇرىقى، تەمى، يېپىشقاقلىقى، قوپاللىقى، باشقا دورىلار بىلەن قارشىلىشىشچانلىقى، ئۇزۇن، قىسقىلىقى قاتارلىقلارنى بىلىشى كېرەك.
3. دورا سۈپىتىنىڭ ياخشى ياكى ناچارلىقىنى بىلىشى كېرەك، بۇ دورىنى تاللاپ ئىشلىتىشكە پايدىلىق.
4. يەككە دورىنىڭ تۆت كەيپىياتىنىڭ دەرىجىسىنى بىلىشى كېرەك، بۇ ئارقىلىق قانداق دورىلارنى قانچىلىك مىقداردا قوشۇپ ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ.
5. ھەر بىر يەككە دورىنىڭ قايسى ئەزاغا پايدا قىلىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك.
6. يەككە دورىنى قانداق ۋە قايسى خىل ئۇسۇلدا ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى بىلىش، يالغۇز ئىشلىتىش كېرەكمۇ، باشقا دورىلار بىلەن قوشۇپ ئىشلىتىش كېرەكمۇ؟ يۇيۇپ ئىشلىتىش، يۇمشاق سوقۇپ ئىشلىتىش ۋە ياكى چالا سوقۇپ ئىشلىتى كېرەكمۇ دېگەندەك قائىدىلەرنى ياخشى بىلىشى كېرەك.
7. ھەر بىر يەككە دورىنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرىنى بىلىشى كېرەك.
8. ھەر بىر يەككە دورىنىڭ تۈزەتكۈچىسىنى بىلىشى كېرەك.
9. توققۇز تۈردىكى ئۆسۈملۈك دورىنىڭ ھەر بىرىنى يەككە ئىشلەتكەندە قانچىلىك، باشقا دورىلار بىلەن قوشۇپ ئىشلەتكەندە قانچىلىك ئېلىنىدىغانلىقىنى، مەتبۇخ قىلىنامدۇ، تالقان قىلىنامدۇ، ئۇسارىسى ئېلىنامدۇ، ياپرىقى ئېلىنامدۇ، يىلتىزى ئېلىنامدۇ قاتارلىق  ساۋاتلارنى پىششىق بىلىشى كېرەك.
10. بەدەل دورىلارنىڭ بىلىشى كېرەك. نۇسخىدا كۆرسىتىلگەن يەككە دورىنىڭ ئۆزىنى تاپالمىغاندا ئۇنىڭو ئورنىغا ئىشلىتىشكە بولىدىغان دورا ۋە ئۇنىڭ مىقدارىنى بىلىشى كېرەك.
11. دورىنىڭ يېغىۋېلىنىدىغان ۋاقتىنى بىلىشى كېرەك، دورىنى مۇۋاپىق پەيتتە يىغىۋالغاندا، دورىنىڭ تەسىرى يۇقىرى بولغاندىن سىرت دورىنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
12. دورىنىڭ قەيەردىن چىقىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك.

مەنبەسى: تەزكىرە ئەنتاكى ناملىق كىتابتىن ھەزىرەتنىڭ تەرجىمىسى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button