ساغلاملىق بىلىملىرى
يەلدىن بولغان باش ئاغرىقى

سەۋەبى
تەستە ھەزىم بولىدىغان ئېغىر تاماقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلغانلىقتىن يېمەكلىكلەر ئاشقازان ۋە جىگەرلەردە ئوبدان ھەزىم بولماي يەلگە ئايلىنىپ، يۇقىرىغا ئۆرلەپ مېڭىنى قاپلىۋالىدۇ-دە، باش ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئالامىتى
باش ئاغرىقى يۆتكىلىشچان بولىدۇ. بىر نەرسە ئارتىپ قويغاندەك سېزىلىدۇ، لېكىن باشتا ئېغىرلىق بولمايدۇ. قۇلاق غۇڭۇلدايدۇ. تومۇرى، تاشقى ئەزالىرىدا باشقا ئۆزگىرىش پەيدا بولمايدۇ. ئېغىر ۋە يەللىك تاماقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلغانلىق ھەمدە ئۇ تاماقلارنى ھەزىم قىلالماي ئاشقازان بۇزۇلغانلىق تارىخى بولىدۇ.
داۋاسى
يەلنى تارقىتىش يۇقىتىش مەقسىتىدە كەرەپشە ئۇرۇقىنى سوقۇپ، بەدىيان ئەرقىگە چىلاپ شىرنىسىنى چىقىرىپ ناۋات سېلىپ ئىچكۈزىلىدۇ. قاقىلەنى يۇمشاق سوقۇپ قايناق سۇدا دەملەپ شىرنىسىنى چىقىرىپ ئىچكۈزۈش ئارقىلىق چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىلىدۇ. گۈللۈك ئەمەن، رەيھان، مەرزەنجۇش، بەدىيانلارنى سوقۇپ پۇراش، پىلپىل، قۇندۇز قەھرىلەرنى سوقۇپ بۇرۇنغا تارتىپ چۈشكۈرتۈش ھەمدە زىيادە بەلغەم ۋە سوغۇق يەلنى يوقاتقۇچى دورىلارنى بېرىش لازىم. مۇرەككەپ دورىلاردىن جاۋارىش كۇمۇنى بەدىيان ئەرقىدە ئېزىپ ئىچكۈزىلىدۇ. جاۋارىش پۇدىنە، جاۋارىش دارچىنلار يۇمغاقسۈت ئەرقى بىلەن ناۋات سېلىپ ئىچكۈزىلىدۇ. مەجۇنى جاۋارش قۇرتۇم (زاراڭزا چۈشكەن مەجۇن) نى ئەرقى بەدىيان بىلەن ئىچىش پايدىلىق. مەجۇنى داۋائىمىشكى ھار ياكى مەجۇنى داۋائى كۇركۇمى ھار ئەرقى بەدىيان بىلەن ئىچكۈزىلىدۇ. تۆۋەندىكى تەجىربىدىن ئۆتكەن دورىلار نۇسخسىنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ: ئاق زىرە ئۈچ گرام، سازەچ ھىندى ئۈچ گرام، زاراڭزا مېغىزى ئۈچ گرام، يالپۇز ئىككى گرام، ئەرقى بەدىيان 200 گرام، دورىلارنى قاينىتىپ تەمىنى چىقىرىپ سۈرۈپ 400 گرام گۈلقەنت قوشۇپ بىراقلا ئىچكۈزىلىدۇ.
ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسىدىن ئېلىندى.
# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى
# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى