پىشقەدەم ئۈستازلار

موللا ئارىپ خوتەنى

مول مەزمۇنغا ئىگە قىممەتلىك مەخسۇس ئەسەرلەرنىڭ ئاپتۇرى بولغان ئۇيغۇر تىبابەت ئالىمى موللا ئارىپ خوتەنى ھازىرقى خوتەن ناھىسىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئىلچىدىن ئون كىلومىتېر يىراقلىقتىكى لاسكۇي يېزىسىدا مىلادى 1564- يىلى مەرىپەتپەرۋەر دىنى ئائىلىدە تۇغۇلۇپ 91 يېشىدا ۋاپات بولغان. مازىرى ھېلىمۇ ھەم لاسكۇي يېزىسىنىڭ دۆڭ مەھەللىسىدە بولۇپ، «سەردارى ۋالىي يۇللا مازىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. يەرلىك خەلق ئۇنى جانلىق تىلدا «سەرگەن مازارى» دەپمۇ ئاتايدۇ.
مەزكۇر ئالىم بالىلىق دەۋرىدىن تارتىپ 20 نەچچە ياشلىرىغىچە خوتەندە ئۆز ئاتىسى موللا سەلىم ئاخۇنۇمدىن ۋە شۇ دەۋىرنىڭ ئۆلىمالىرىدىن ئىلمى نەھۋى (گرامماتىكا)، ئىلمى سەرف(سىنتاكسىس)، ئىلمى تەجۋىد (فونتىكا)، ئىلمى فىقھى (شەرىئەت ئىلمى)، ئىلمىي تەفسىر، ئىلمى ھەدىس، ئىلىي مەنتىق ۋە ئىلمىي تىب قاتارلىق پەنلەرنى ئۆگەنگەن. تىبابەت ئىلمىدە ھەر قايسى پەنلەرنى ئۆگىنىشكە بولۇپمۇ يەككە دورىلارنىڭ تەبىئىتى، خۇسۇسىيىتى ۋە ئىشلىتىلىشى؛ مۇرەككەپ دورىلارنىڭ لايىقلاشتۇرۇلۇشى، ياسىلىشى يەنى داۋسازلىق ئىلمىنى ئۆگىنىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ خېلى يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن. ئالىم 28 ياشقا كىرگەندە بوۋىسى ئالىم داموللا ھەزرىتى ئۇنى تىبابەت ئىلمىدە تېىخىمۇ يۇقىرى بىلىمگە ئېرىشسۇن دەپ ئەينى زاماندا ئىككىنچى ئۇستاز ئەبۇ نەسىر فارابىنىڭ شاگىرتلىرىدىن دەپ قارالغان يەكەنلىك تىببىي ئالىم ئۇلۇغ بەگ يەركەندىنىڭ ھوزۇرىغا تىبابەت ئىلمى بويىچە بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتكەن. ئالىم بۇ پىر ئۇستازى ئالدىدا نەزەرىيە جەھەتتە ئۇيغۇر تىببىي ئالىمى ئوبۇلھەسەن قەرشىنىڭ مۇجىزىلقانۇنىنى، كېسەللىك تەشخىكىسى (دىئاگنۇز) جەھەتتە شەرھى ئەبسابنى، كېسەللىك داۋالاش جەھەتتە ئەلقانۇننىڭ ئۈچىنچى جىلىدىنى، تەزكىرە تۇل ئەنتاكى ۋە فىردەۋسۇلھېكمەت قاتارلىق كىتابلارنى ئۆگەنگەن ھەمدە تىبابەت ئىشخانىلىرى ۋە داۋسازلىق كارخانىلىرىنىڭ ھەممىسىگە كىرىپ ئەمەلىي تىبابەت ساھىسىدە خېلى چېنىققان. كېيىن مەزكۇر پىرئۇستازنىڭ ئەمرى بىلەن ھىندىستاننىڭ سەرھىندى دېگەن شەھرىگە بېرىپ ھەيدەر ئەلىخان ساھىب دېگەن تىبابەت ئۇستازىنىڭ ھوزۇرىدا يەنە ئۈچ يىل بىلىم ئاشۇرغان. ئۇ يەردىن يەكەنگە قايتىپ كېلىپ بىر مەزگىل پىر ئۇستازنىڭ خىزمىتىدە بولغاندىن كېيىن يۇرتى خوتەن لاسكۇيغا قايتىپ كېلىپ، خوتەن خەلقىنىڭ ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىگەن ۋە قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ ئۇيغۇر تىبابىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىببىي ئالىمى موللا ئارىپ خوتەنى ئەينى يىللاردا كۈندىلىك ئىشلار تەرتىپىنى ناھايىتى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇپ بىر تەرەپتىن چۈشتىن كېيىن شاگىتلىرى ۋە تالىپلىرىغا دەرس ئۆتكەن يەنە بىر تەرەپتىن كەچلىرى قىممەتلىك تەجىربىلىرىنى يەكۈنلەپ پارىسچە «گۈلدەستەنى ئافىيەت» (ساغلاملىق گۈلدەستىسى)، چاغاتايچە «تۈركىي دەستۇرۇلئىلاج» (تۈرۈكچە داۋالاش قوللانمىسى)، پارىسچە «مۇجەررەباتى ئارىف» (ئارىپنىڭ تەجىرىبىدىن ئۆتكەن رېتسىپلىرى)، ئەرەپچە «ئەسىرارۇلنەبزى ۋەلبەۋلى ۋەلبىزار» (تومۇرنىڭ ۋە چوڭ- كىچىك تەرەتنىڭ سىرلىرى)، پارىسچە «مۇئالىجا تىل فۇقرائى ۋە ئەھلىل سەھرائى» (كەمبەغەل ۋە سەھرالىق ئاجىزلارنى داۋالاش) ، پارىسچە «رىسالەئى فەسەد ۋە ھىجامەت» (قان ئېلىش، شەخەك قويۇش ھەققىدىكى رىسالە) قاتارلىق نۇرغۇنلىغان كىتابلارنى يازغان. بۇ ئۇلۇغ زات خوتەن دىيارى مىقياسىدىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن تارىم ۋادىسى دائىرىسىدىن كەلگەن نى- نى بىمارلارغا شىپالىق بەخىش ئەتكەن. نۇرغۇن شاگىرتلارنى يېتىشتۈرگەن ۋە يۇقىرىقىدەك نۇرغۇن بىباھا ئەسەرلەرنى يېزىپ داڭلىق تىببىي ئالىم بولۇپ تونۇلغان. ئالىمنىڭ بۇ تۆھپىلىرى ھازىرغا قەدەر ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد تىللاردا داستان، دىللاردا ياد ئېتىلىپ كەلگەن.
بۇندىن بۇرۇن بىز پەقەت مەزكۇر ئۇلۇغ ئالىمنىڭ ئىككى ئەسىرى بارلىقىدىنلا ئاز- تولا خەۋەردار ئىدۇق. ئەمدىلىكتە بەزى دەسلەپكى ئىزدىنىشلەر ئارقىلىق ئۇنىڭ ئاز دېگەندە بەش- ئالتە خىل ئاز تېپىلىدىغان مەخسۇس ئەسەرلىرى بارلىقىنى بىلدۇق. ئەپسۇسكى كۆپ قىسمىنى تېخى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىدۇق. ئىشنىمىزكى مەزكۇر گۆھەرلەر تېپىلسا ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئىلمى ساھەسىدىكى نۇرغۇن بوشلۇقلار تولدۇرۇلۇپ غايەت زور ئىلمىي كۈچنى نامايان قىلغۇسى.

BY & UTBIS TEAM

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button