پىشقەدەم ئۈستازلار

جامالىدىن ئاقساراي

تولۇقسىز مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا جامالىدىن ئاقساراي 17 ئەسىرنىڭ ئاخىرى 18 ئەسىرنىڭ بېشىدا خوتەن قاراقاشنىڭ ئاقساراي كەنتىدە تېۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. كېيىن قەشقەرگە بېرىپ ئوقۇغاندىن كېيىن ھىندىستانغا بېرىپ 3 جىلىد 494 بەتلىك چوڭ ھەجىملىك ئەسەرنى ئەرەبچە يېزىپ ، ئەسەرگە ئۆز يۇرتىنىڭ كەنت نامى ‹‹ئاقساراي›› دېگەن نامنى بەرگەن .بۇ ئەسەردە تېبابەتچىلىك نەزەرىيىسى ، ساقلىقنى ساقلاش ، دىئاگنوز قويۇش ، داۋالاش ، دورىگەرلىك ، ئاسترونومىيە ، خىمىيە ، فىزىكا ، بىئولوگىيە ، ماتېماتىكا ، پسىخولوگىيە قاتارلىق مەزمۇنلار ئەتراپلىق ، تولۇق ، مۇكەممەل بولغانلىقتىن 1899 يىلى ھىندىستاننىڭ لەكنۇدا نەشر قىلىنىپ دېھلى ئۇنىۋېرسىتېتىدا 1939 يىلىغىچە تېببىي دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلگەن.شۇ مەكتەپتە ئوقۇغان ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىدىن ئابدۇللا داموللام مەۋلىۋى ،مەتنىياز مەۋلىۋى ، زەينۇل مەۋلىۋى قاتارلىقلار ئۇستازنىڭ ‹‹ئاقساراي›› دېگەن كىتابىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ خوتەنلىك جامالىدىن يازغان ‹‹ئاقساراي›› دېگەن مۇشۇ دېگەننى ئاڭلىغان .


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button