ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرى

UTBIS دىگەن نىمە ؟

UTBIS دېگەن سۆز بولسا –

< ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى > دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ 2021 يىلى 10 ئاينىڭ 1 كۈنى (UTBIS سىستېما گۇرۇپپىسىدىكى) ئەزالارنىڭ كىچە كۈندۈز جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈشى ۋە تېۋىپ ئۇستازلارنىڭ قاتتىق تەلەپ قۇيۇشى ئاساسىدا پۈتۈنلەي يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن ئۇيغۇرچە ئارقابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى بولۇپ ، بۇ سىستېما قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتتە بىلىم ئېلىش ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش ئارزۇسىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇش، دورىگەرلىك – داۋالاش ئىلمى ماقالە يېزىش قاتارلىق ئىشلارنى تەجرىبە ۋە تەتقىقات قىلىش. ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇرلىرىنى ( خامدورا .پىششىق دورا. ئىلمى ماقالە.كىتاب – ژۇرنال ئاۋازلىق ۋە سىنلىق ھەرخىل دەرسلىكلەر ۋە تىبابەتكە ئالاقىدار رەسىم قاتارلىقلارنى ) تىز سۈرئەتتە ئىزدەپ تېپىش ئىشلىرىدا سىستېما ئەزالىرىغا يېڭىچە ئىدىيە بىلەن تىز سۈرئەتتە خىزمەت قىلىدىغان ھەقىقى پايدىلىق بىلىم ئامبىرىدۇر .

مەقسىتىمىز ئۆگىنىشنى قۇلايلاشتۇرۇش .ئىزدەشنى قۇلايلاشتۇرۇش . ئوقۇپ يېزىشنى قۇلايلاشتۇرۇش . تېبابەت ساھەسىدىكى بارلىق ئۇستازلىرىمىز ۋە كەسىپداش قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئىلىم – مەرىپەت ساھەسىدە بولسىمۇ بىرلىشىشنى ئىلگىرى سۇرۇش .تېبابىتىمىزنى ھازىرقى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەڭ تەرەققى قىلدۇرۇش . ئۇيغۇرتېبابەت قامۇسىمىزنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋە پۇتۇن دۇنيادىكى بارلىق ئۇيغۇر ۋە باشقا ھەرمىللەت خەلقىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ساغلاملىق يولىدا ئۇيغۇرتىبابەتچىلىكىمىزنىڭ ئۆز رولىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇشىغا تېگىشلىك ھەسسىمىزنى قوشۇش .

سىستېما تۆۋەندىكى ئاساسى ۋە تارماق ئىقتىدارلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ھەر ۋاقىت مۇكەممەللىككە قاراپ يۈزلىنىدۇ .

باش بەت
تەستىقلاش
ئۇقتۇرۇش قىلىش
ماتېرىياللار
تىببىي قامۇس
كۈتۈپخانا
دورىخانا
مېدىيا ئامبىرى
دەرسخانا
سۆزلۈكلەر
ھۆججەت باشقۇرۇش

| مەخسۇس سىستېما ئەزالىرى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن .

ئالاقە
پىكىر خانا
ئايرىم خانا
ئەزالار

| مەخسۇس سىستېما ئەزالىرى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن .

قىلىنىدىغان ئىشلار
راندېۋۇ
تېلېفۇن دەپتىرى
ئارخىپلار
رېتسىپ ئانالىز قىلىش
خاتىرە دەپتىرى
ھېسابات باشقۇرۇش
تەڭشەك
ياردەم
سىستېما ھەققىدە

| مەخسۇس سىستېما ئەزالىرى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن .

يۇقۇرىدىكى بارلىق ئىقتىدارلار سىستېمىغا تىزىملاتقان ئەزالارغا تولۇق ئېچىۋېتىلىدىغان بولۇپ ، <ئەزالار> تىزىملىكىگە ئۆزىنىڭ ۋە باشقا ئەزالارنىڭ كىچىك تىپتىكى مىكرو بىلوگى ئورۇنلاشتۇرۇلغان .ئەزالار ئۆزئارا يېقىندىن تونۇشۇش پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە قىسقا ئۇچۇر يوللاش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارالايدۇ ،

< تىببىي قامۇس >

بۇ ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ بۇندىن بۇرۇنقى قولىمىزدا يىغىپ ساقلىغان 3 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق رېتسىپ ، خامدورا ، پىششىق دورا ، ھەرخىل كېسەللىكلەر ، قاتارلىق ماقالىلىرىدىن بىۋاستە پايدىلىنالايدۇ ۋە ئۆزلىرى يوللىغان ھەرخىل ماقالىلەر يېقىندا ئېلان قىلىنماقچى بولغان چوڭ تىپتىكى ئۇيغۇرتىبابەت <تىببى قامۇسى> دا ئۆزىنىڭ ئىسمى ياكى تەخەللۇسى بىلەن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ،

< دورىخانا >

بۇ ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرتىبابىتىمىزدىكى پىششىق ۋە خامدورىلارنى ھەرقايسى چوڭ ۋە كىچىك كاتېگورىيە ۋە مىزاجىغا قارىتا ئۆلچەملىك كىرگۈزۋەتكەندىن كېيىن خالىغانچە ئىزدەش ۋە پىكىر يېزىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارالايدۇ ،

< كۈتۈپخانا >

بۇ ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ ئەزالار ئۆزلىرى ۋە سىستېما تەرىپىدىن يوللانغان (PDF.PPT.EXCEL.WORD) قاتارلىق فورماتىدىكى  ھۆججەتلەرنى ئوقۇش . بېسىپ چىقىرش . تىز سۇرئەتتە ئىزدەش. قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارالايدۇ ،

< مېدىيا ئامبىرى >

ئاۋازلىق ۋە سىنلىق ھەرخىل دەرسلىكلەر ۋە تېبابەتكە ئالاقىدار مۇھىم رەسىملەرنى يوللىيالايدۇ ( كومپيوتېرنىڭ ئىچكى تورىغا ئوخشاش ) سىستېمىدىكى باشقا ئەزالارمۇ ھەرۋاقىت كۆرۈپ تۇرالايدۇ ،

< دەرسخانا >

سىستېمىدىكى ئۇستازلار نەخ مەيدان ئۇيغۇرتىبابىتى دورىگەرلىك ۋە داۋالاشقا ئالاقىدار دەرسلىكلەرنى سىستېما ئەزالىرىغا ئۆزلىرى خالىغان ۋاقىتتا ئۆتۈپ بېرەلەيدۇ ،

< قوراللار >

< قىلىنىدىغان ئىشلار > قىلماقچى بولغان ئىشلارنىڭ ۋاقتىنى كالېندار بويۇنچە ئالدىن كىرگۈزگىلى ۋە ۋاقتى كەلگەندە سىستېما كىچىك ئەسكەرتىش بەرگەندىن كېيىن ئىجرا قىلغىلى خالىغانچە ئۇچۇرۋەتكىلى ۋە ساقلاپ قويغىلى بولىدۇ .

< راندېۋۇ >

يېڭىدىن كەلمەكچى كېسەللەرگە ئالدىن ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇپ بەزى قالايمىقانچىلىقلاردىن ساقلانغىلى ۋە ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدۇ .

< سۆزلۈكلەر >

ئۇيغۇرتىبابەت ئىزاھلىق لۇغىتى ۋە باشقا يەرلىك تىلدىكى ئاتالغۇلار .ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلار بىلەن ماسقەدەمدە تەھرىرلىنىپ ماڭىدۇ ، ئەزالار ھەربىر سۆزلۇككە قارىتا تەھرىرلەش ۋە ئىزاھات قوشالايدۇ .

< تېلېفۇن دەپتىرى >

بۇيەرگە خالىغانچە تۇر قوشقاندىن كېيىن (مەسىلەن دوستلار .تۇغقانلار .ساۋاقداشلار .خېرىدارلار .كەسىپداشلار. بىمارلار ) دىگەندەك شۇ تۈرنى تاللىغاندىن كېيىن تېلېفۇن خاتىرىسىنى قوشقىلى تەھرىرلىگىلى ئۆچۈرگىلى ۋە ئىزدىگىلى بولىدۇ .

< ئارخىپلار >

كېسەللەرنىڭ ئارخىپنى ھەرخىل تۈر بويۇنچە خاتىرلىگىلى .قوشقىلى .تەھرىرلىگىلى .ئۆچۈرگىلى .تىز سۈرئەتتە ئىزدىگىلى ۋە خالىغانچە بېسىپ چىقارغىلى بولىدۇ. ئورتاق ئارخىپقا يوللانغان ئارخىپلار باشقۇرغۇچىلار ۋە ئۇستازلار تەستىقلىغاندىن كېيىن ئارخىپلار قاتارىدا كۆرىنىدۇ ۋە باشقا ئەزالارمۇ كۆرۈپ پايدىلىنالايدۇ ،

< رېتسىپ ئانالىز قىلىش >

ياسىماقچى بولغان پىششىق دورىلارنىڭ تەركىبىنى ھەرقايسى تۈر بويۇنچە تولۇق تاللاپ كىرگۈزگەندىن كېيىن شۇ دورىنىڭ تەبىئىتىنى ۋە ئۇمۇمىي مىقدارىنى گرافىك شەكلىدە ئانالىز قىلىپ بېرىدۇ .

< ھۆججەت باشقۇرۇش >

بۇ ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ بەزى ماتېرىياللارنى بۇلۇت بوشلۇقىغا زاپاسلاپ ماڭغىلى ۋە خالىغان ۋاقىتتا بوشلۇققا چىقىرىپ چۇشۇرۋالغىلى ۋە ئۈچۈرۋەتكىلى بولىدۇ . شۇنداقلا ئىشلەتكۈچى ئۆزى خالىغان ھۆججەت ۋە باشقا ماتېرىياللارنى سىستېما ئەزالىرىغا ھەمبەھىرلەپ بىرەلەيدۇ .

< خاتىرە دەپتىرى >

بۇيەرگىمۇ خالىغانچە تۈر قۇشۋالغاندىن كېيىن  ( مەسىلەن كۈندىلىك خاتىرە .يېزىلىۋاتقان ماقالىلەر .تۈر تەتقىقات .كېسەللىك خاتىرىسى ياكى يېزىلىۋاتقان كىتابلارنىڭ ئىسمى . دىگەندەك ) شۇ تۈرنى تاللاپ ھەرخىل خاتىرىلەرنى قوشقىلى تەھرىرلىگىلى ئىزدىگىلى ئۆچۈرگىلى ۋە بېسىپ چىقارغىلى بولىدۇ .

< ھېسابات باشقۇرۇش >

بۇ ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ئاددى بولغان كىرىم – چىقىم . نەخ – نېسى قاتارلىق كچىك تىپتىكى ھىساباتلىرنى خاتىرە قالدۇرالايدۇ ۋە خالىغانچە تۈرلەرنى باشقۇرالايدۇ .

تەڭشەك >

باش سۈرەت ،ئىسىم ، مەخپىي نومۇر ،سوسيال مېدىيا ۋە ئالاقە ئۇچۇرلىرى ،ۋە ئۆزىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى قاتارلىقلارنى خالىغانچە ساقلىيالايدۇ ( بۇيەردىكى ئۇچۇرلار ئۆزىنىڭ بىلوگىدا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ ). خالىغان ۋاقىتتا تەھرىرلەپ ئالماشتۇرۇپ تۇرالايدۇ ، سىستېمىنى ئۆزى خالىغانچە ئىشلەتمەيدىغان ئىقتىدارلارنى چەكلەپ قۇيۇش ئارقىلىق رەتلىك ھالەتتە ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرالايدۇ – ۋە ھەرخىل خەت نۇسخىلىرىنى تاللاپ بېرىش ئارقىلىق سىستېمىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى ۋە تەھرىرلىگۈچنى چىرايلىقلاشتۇرالايدۇ. ھەربىر ئەزا سىستېمىسىنى ئۆزى ئۈچۈن خالىغانچە لايىھەلەپ خاسلاشتۇرلايدۇ .

< ياردەم >

ئەزالار سىستېمىدا يولۇققان ھەرخىل چوڭ كىچىك مەسىلىلەرنى سىستېما باشقۇرغۇچىلىرىغا دەل ۋاقتىدا يەتكۈزەلەيدۇ ۋە ياردەم تەلەپ قىلالايدۇ،

ئەزالار ئۆزىنىڭ ھەرخىل شەخسى كۆزقاراش ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىنى سىستېما مەسئۇللىرىغا يوللىيالايدۇ .

< سىستېما ھەققىدە >

سىستېمىنىڭ چۇشەندۇرلىشى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى يەتمەكچى بولغان مەقسەت نىشانلىرى ۋە ئەزالارنىڭ پايدىلىق تەكلىپ پىكىرلىرى يوللىنىدۇ .


سىز ھەرقانداق تېۋىپ دوختۇر دورىگەر شاگىرت ياكى ساغلاملىق ساھەسىدە خىزمەت قىلغۇچى بولۇڭ ، بۇ سىستېما سىزگە دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە 360 كۈن كىچە كۈندۈز سىز ئۈچۈن قۇلاي بىرشەكىلدە خىزمەت قىلىپ بېرىدۇ ۋە زامان بىلەن ماس قەدەمدە يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ .
سىستېمىنى تور بولغانلىكى ئورۇندا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. زامان ۋە ماكان چەكلىمىسىگە ۋە مۇھىت تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. تېلېفۇن،تاختا كومپيۇتېر قاتارلىق چەكمە ئېكرانلىق ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىقمۇ مەشغۇلات قىلىشقا بولىدۇ.

سىزمۇ سىستېما پېلانىمىزغا قوشۇلماقچى بىز بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرتېبابىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تەڭ كۈچ چىقارماقچى بولسىڭىز مۇشۇ بەتنىڭ ئاستىغا ئىنكاس يېزىڭ ۋە ياكى بۇ ئادرېسقا كۆز يۈگۈرتۈڭ :

سىستېمىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە قارىتا پىكىر ئالماشتۇرماقچى ۋە سۇئال سورىماقچى ، ياكى سىستېمىمىزنىڭ ئۇيغۇر تېبابەت سىستېما توپىغا قوشۇلماقچى بولسىڭىز ، بۇ كۇنۇپكىنى بېسىپ سىستېما مەسئۇلىغا ۋاتساپتىن بىۋاستە ئۇچۇر قالدۇرۇڭ !

ئەگەر سېستىمىنى زىيارەت قىلىپ باقماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى لوگونى بېسىڭ !

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

3 باھا

  1. ئەسسالام ئەلەيكۇم!
    ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسىغا ئەزا بولالمىدىم، تىزىملىتىش دىگەن يەرگە ئىسىم بىلەن تېلفۇن نۇمۇرى كىرگۈزسەم مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى دەپ چىقتى ھېچ مەخپى نۇمۇر تەلەپ قىلمىدى. تور بەتكە كىرىش ئۈچۈن مەخپى نۇمۇر ئىشلەتكۈچى ئىسىم تەلەپ قىلىدىكەن. قايسى مەخپى نۇمۇرنى دىمەكچىدۇ. بىلەلمىدىم. ياردەم قىلغان بولساڭلار. قانداق تىزىملىتىپ ئەزا بولىمىز؟

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button