تارىخى شەخىسلەر

ئىبنى روشىدىي

ئىبنى روشىدىي ئۇندۇلۇس، يەنى ھازىرقى ئىسپانىيىنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى پايتەخت شەھىرى قۇرتۇبادا تۇغۇلغان. ئىبنى روشىدىي ئۆزىنىڭ تەبئىي تالانتى، ئىلىم پەنگە بولغان ھەۋەسكارلىقى، زېھنىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ يۇقىرىلىقى قاتارلىق ئىقتىدارى بىلەن ئۆز زامانىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىلىم، تەربىيە ۋە ئۆگىنىش شارائىتىغا ئىگە بولغان. ئۇ قەدىمكى تىللاردىن سۇرىيانى تىلى، يۇنان، روما ۋە ئەرەب تىللىرىنى ياخشى بىلەتتى. بۇ كىشى بىر مەزگىل ئۇندۇلۇستىكى ئەرەب پادىشاھلىرىنىڭ ئېتىبار بېرىشىگە ئېرىشىپ يۇقىرى مەرتىۋە ۋە چوڭ مائاشقا ئىگە بولغان. ئىبنى روشىدىي دەسلەپ دىنىي تارىخ، خرىستىئان ۋە يەھۇدىي دىنلىرىنى، ئىسلام پەلسەپىسىنى تەتقىق قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە قەدىمكى يونان پەيلاسوپلىرى ئەپلاتون قاتارلىق پەيلاسوپلارنىڭ پەلسەپەلىرىنى ئۆگەنگەن ۋە ئۇنىڭغا شەرھلەر يازغان. ئۇ ئەرەب ھۆكۈمرانلىقى گۈللەنگەن قۇرتۇبا شەھىرىدە چوڭ شۆھرەت قازانغان بولسىمۇ لېكىن بۇ كىشىنىڭ پەلسەپىلىك تەرەققىيپەرۋەر كۆز قاراشلىرى بەزى مۇتەئەسسىپلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. كۆز قاراشلىرى ئوخشىمىغانلىق ئۈچۈن، ئۇنى «بەدمەزھەپ، زىندىق» دەپ قارىلاپ، پادىشاھقا چېقىپ تۈرمىگە قاماتقان. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئۇ يەھۇدىلار مەھەللىسىگە ئۆمۈرلۈك نەزەربەنت قىلىشقا ھۆكۈم قىلىنغان. ئىبنى روشىدىينىڭ يازغان نۇرغۇن ئەسەرلىرى بولۇپ 15- ئەسىردىن باشلاپ ياۋرۇپا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ پۈتۈن ياۋروپاغا تونۇلۇپ، ياۋروپانىڭ ئويغىنىش دەۋرىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ يازغان پەلسەپە، ھېكمەت، پەن ھەققىدىكى ھەر خىل كىتابلىرى 40 پارچىدىن ئارتۇق بولۇپ ئاسىياغا تارقالغىنى ناھايىتى ئاز. 1939- يىل پاكىستاندىكى ھەكىم مۇھەممەد ئەجمەلخان تىببىي ئىنستىتۇتى ئۇنىڭ بىر نەچچە ئەسىرىنى تاپقان ۋە فوتو نۇسخىلىرىنى ئوردو تىلىغا تەرجىمە قىلغان. ئۇنىڭدىن «كىتابۇل كوللىيات» ناملىق مەخسۇس تېبابەت توغرىسىدا يېزىلغان بىر كىتابى خوتەنگە كەلدى. بۇ كىتاب ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ بەزى ئىلمىي ئىشلىرى ئۈچۈن تەتقىق قىلىپ پايدىلىنىشقا ئەرزىيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئىبنى روشىدىينىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە پەلسەپە، ئاسترونومىيە ھەققىدە يازغان پايدىلىق ئەسەرلىرىمۇ بار.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button