تارىخى شەخىسلەر

مۇھەممەد ئەجمەلخان

بۇ زاتنىڭ ئاتىسى ئەسلىي بۇخارالىق بولۇپ، مۇھەممەد ئەجمەلخان ھىندىستاندىكى تۈرك- مۇغۇل پادىشاھلىقى دەۋرىدە دېھلىدە تۇغۇلغان داڭلىق ئىسلام تېۋىپى ھۆكۈماسى. ئۇ دۇنيانىڭ بىر قانچە ئەللىرىنى ساياھەت قىلپ ئۆزىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ھىندىستاننىڭ دېھلى، لاھۇر، ھەيدەر ئاباد قاتارلىق شەھەرلىرىدە مەخسۇس شىپاخانىلارنى قۇرغان. (ھازىرمۇ پاكىستاننىڭ بىر قانچە شەھەرلىرىدە ئەجمەلخاننىڭ نامىدىكى چوڭ تىبابەت دورىخانىلىرى بار.) ھىندىستاندا يەرلىك تىبابەتنىڭ بولۇپمۇ ئىسلام تىبابىتنىڭ قانۇنىي ئېرىشىشى ئۈچۈن ھارماي- تالماي كۆرەش قىلىپ نەتىجە قازانغان. دېھلىدىمۇ چوڭ بىر ئىسلام تىبابەت ئالىي مەكتىپى قۇرغان، خېلى كۆپ تىببىي ئەسەرلەرنى يازغان.
مۇھەممەد ئەجمەلخاننىڭ ئۆز ئەسىرىدە يازغان «شەرق تىبابىتى نېمە ئۈچۈن ئارقىدا قېپقالدى؟» دېگەن تەھلىلى چوڭقۇر ئىلمىي ۋە ئەمەلىي ئاساسقا ئىگە.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button