ساغلام يىمەكلىك

مېۋىلەر ۋە مېغىزلار

ھەرخىل مېۋىلەر ياكى ئۇلارنىڭ مېغىزلىرى ئىنسانىيەتنىڭ باشلانغۇچ دەۋىرلىرىدىن باشلاپلا ئادەملەرنىڭ ئوزۇقلۇقلىرى بولۇپ كەلگەن. بەزى  ئالىم لار شۇ دەۋرلەردە ئىنسانلار مېۋىلەر بىلەن ئوزۇقلانغانلىقى ئۈچۈن، تېنى ساغلام، ئۆمرى ئۇزۇن بولغان،  دەپ بايان قىلىنىدۇ.
مېۋىلەر، مېغىزلار تەركىبىدە ئاساسەن مېۋە قەنتلىرى، ئادىدىي قەنتلەر، ئاقسىل، ياغ، ھەرخىل ۋىتامىنلار، مەدەن ماددىلار مول.
رايونىمىزدا ئالما، ئانار، ئامۇت، ئالۇچا، ئالگىرات، ئۈجمە، ئۆرۈك، گىلاس، جىنەستە، شاپتۇل، توغاچ، ھەرخىل ئۈزۈم، نەشپۈت، قارىئۆرۈك، ئەنجۈر، بېھى، شاتوت، چىلان، ياڭاق، يەر ياڭىقى (خاسىڭ)، پىستە، بادام، جىگدە، بۆلجۈرگەن، زىرىق ۋە باشقا مېۋىلەر؛ قوغۇن – تاۋۇز، كاۋا – قاپاقلاردەك پېلەكلىك مېۋىلەر ئۆستۈرىلىدۇ.
يۇقىرىدىكى مېۋىلەر بەدەنگە نىسبەتەن ئوزۇقلۇق ۋە بەدەن ئىچىدىكى ھەرخىل ماددا ئالمىشىش پائالىيەتلىرىنى تەڭشىگۈچلۈك رول ئوينايدۇ.
مېۋىلەرنىڭ يېڭى، پاكىز بولىشىغا دىققەت قىلىپ ئىشلىتىش زۆرۈر. بەك كونا، سېسىغان، چىرىگەن، قۇرۇتلىغان مېۋىلەر، مېغىزلارنى ئىستىمال قىلماسلىق لازىم. ئادەتتە مېۋىلەرنى ئىستىمال قىلغاندا 50 سېلسىيە گرادۇستا قىزىتىۋېتىش (قورۇش) پايدىلىق. چۈنكى ئۇلاردىكى قۇرۇت تۇخۇملىرى، قۇرۇتلار كېسەللىك پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
قۇرۇتۇلغان مېۋىلەرنى پاكىز ساقلاش، پىستە، بادام، كىشمىش قاتارلىق مېغىزلارنى ئىلاجى بار ياز كۈنلىرى يېمەسلىك، سوغۇق پەسىللەردە يېيىش ياخشىراق.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button