ئىچكى كېسەللىكلەر

جىگەر قۇرت كېسىلى

سەۋەبى:

ئاشقازاندىكى ھۆل بەلغەم ھارارىتى غەرىزە (غەيرىي تەبىئىي ھارارەت) نىڭ تەسىرىدىن ئوقۇنەتكە ئايلىنىپ، ئۈچەيگە ئۆتۈپ، ئۆت يولى ئارقىلىق جىگەرگە بارسا قۇرت پەيدا قىلىدۇ. بۇ قۇرت قاپلىق كېلىدۇ. سازلىقتىكى زەي سۇلارنى ۋە پاسكىنا سۇلارنى ئىچسىمۇ بۇ كېسەل كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى:

قۇرت جىگەردە ئانچە كۆپ بولمىغاندا ھېچقانداق بەلگىلەر بىلىنمەيدۇ. ئەمما قۇرتلار كۆپىيىپ كېسەل ئۇزۇنغا سوزۇلىدۇ. يۆتەل ۋە نەپەس قىسىلىش بولىدۇ. زاتىل جەنبى (ئۆپكە پەردىسىنىڭ ئىششىقى)، زاتىرىيە (ئۆپكە ئششىقى) لىرىنىڭ ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. بەزىدە قورساققا سۇ يىغىلىدۇ.

داۋاسى :

بۇ كېسەل ئەسلى داۋالاشنى قوبۇل قىلمايدۇ. بەزىدە قاپ ئىچىدىكى سۇ ئۆز-ئۆزىدىن قۇرۇپ قېلىپ ئىچىدىكى قۇرت ئۆلۈپ قالىدۇ-دە كېسەل ئۆز-ئۆزىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ. قۇرت ۋە ئۇنىڭ يىغلاڭغۇدەك قېپى كۆپ بولغاندا بۇ كېسەل يامان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسىدىن ئېلىندى.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button