نەسىھەت

ئۇيغۇرلاردا ئەخلاق تەربىيەسى

ئەخلاق كىشىلەرنى ياخشىلىققا چاقىرغۇچى، يامانلىقتىن قايتۇرغۇچى قورال. ئۇ ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى، ئادەم بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەيدىغان بىر خىل ھەرىكەت مىزانى بولۇپ، جامائەت پىكرى، كىشىلىك قاراش، ئۆرپ – ئادەت، ئەنئەنە ۋە تەربىيە ئارقىلىق رول ئوينايدىغان ئىجتىمائىي ئاڭ فورماتسىيەسىدىن ئىبارەت.

ئەخلاق ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدىكى تەجرىبە – ساۋاقلارنىڭ جۇغلانمىسى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى چېنىقتۇرۇشى، تەربىيەلىشى ئارقىلىق تەدرىجىي ھالدا شەكىللىنىدۇ. مىللەتلەرنىڭ تارىخى، ياشاش مۇھىتى، ماددىي شارائىتى، ئۆرپ – ئادىتى، ئەنئەنىسى، تۇرمۇش قارىشى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئۆلارنىڭ ئەخلاق قارىشى، ئەخلاق تەربىيە ئادەتلىرى ۋە ئەخلاق ئۆلچىمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇيغۇرلار قەدىمدىن ئەخلاقنى، ئەخلاقلىق بولۇشنى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كەلگەن بولۇپ، نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخى مۇساپىسىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ۋە مول تەجرىبە – ساۋاقلارنى يەكۈنلەش ئارقىلىق ناھايىتى قىممەتلىك ئەخلاق قارىشى، ئەخلاق تەربىيە ئادەتلىرى، ئەخلاق چۈشەنچىسى ۋە ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى يارىتىپ، ئۇنى تەلىم – تەربىيە ئېلىپ بېرىشتا مۇھىم قورال قىلغان. خەلقىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ھايات تارىخى ۋە مەدەنىيەت تارىخى مۇساپىسىنى كۆزىتىدىغان بولساق، ئۇلار ئەخلاق تەربىيەسى توغرىسىدا مىللىي خاسلىق ئىپادىلەنگەن ناھايىتى قىممەتلىك مەلۇماتلارنى، ئەخلاق – پەزىلەتنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئۈلگىلەرنى ۋە تەجرىبە – ساۋاقلارنى قالدۇرغان. مەسىلەن، ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ ‹‹ئەتەبەتۇلھەقايىق›› (‹‹ھەقىقەت بوسۇغىسى››)؛ ئەلىشىر نەۋايىنىڭ ‹‹مەھبۇبۇلقۇلۇپ›› (‹‹كۆڭۈللەر سۆيگۈسى››)؛ خانىش ئاماننىساخاننىڭ ‹‹ئەخلاقى جەمىلە›› (‹‹ئاياللار ئەخلاقى››) ؛ مۇھەممەد سادىق قەشقەرىنىڭ ‹‹ياخشى كىشىلەرنىڭ ئەدەبى››؛ ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ‹‹نەسىھەتى ئامما›› قاتارلىق ئەسەرلىرى. ئۇنىڭدىن باشقا ‹‹قۇتادغۇبىلىك››، ‹‹ھەيرەتۇل ئەبرار›› (‹‹ياخشى كىشىلەرنىڭ ھەيرانلىقى››)قاتارلىق ئەسەرلەردىمۇ ئەخلاق تەربىيەسىگە ئائىت نەسىھەتلىك مەزمۇنلار خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن. بۇلاردىن خەلقىمىزنىڭ ئەخلاق تەربىيەسىدىكى ئىلغار ئەنئەنىلىرىنى چۈشىنەلەيمىز ۋە ئۇنى دەۋرىمىز ئەۋلادلىرىنى تەربىيەلەشتىكى نەمۇنە قىلالايمىز.

ئۇيغۇرلارنىڭ بالىغا ئەخلاقىي تەربىيە بېرىشى بوۋاق تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرىلا باشلىنىدىغان بولۇپ، بالىنىڭ گۈزەل خۇلقلۇق، ئەخلاق – پەزىلەتلىك بولۇشىنى نەزەردە تۇتۇپ، يېڭىى تۇغۇلغان بوۋاققا خۇي – پەيلى ياخشى، ئەخلاق – پەزىلەتلىك، دىيانەتلىك، ئاق كۆڭۈل، مۇلايىم ئاياللارنى تۇغۇت ئانىسى قىلىدۇ. چۈنكى، ‹‹بالىنىڭ مىجەز – خۇلقى تۇغۇت ئانىسىنىڭ مىجەز – خۇلقىنى تارتىدۇ›› دەيدىغان ئەنئەنىۋى ئادەت قارىشى بويىچە ئاغزى ئىتتىك، يالغانچى، ئەخلاق – پەزىلىتى ناچار ئاياللارنى تۇغۇت ئانىسى قىلمايدۇ. بوۋاق تۇغۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەخلاقلىق، ئۇقۇمۇشلۇق، قولىدىن ئىش كېلىدىغان، گەپ – سۆزى جايىدا، ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىدىن بىرنى تەكلىپ قىلىپ، <<مېھرى ئىسسىق بولۇڭ، گۈزەل خۇلقلۇق بولۇڭ، شېرىن سۆزلۈك بولۇڭ>> دەپ تۇرۇپ ناۋات، قەنت، ھەسەل ۋە تۈرلۈك مېغىزلار بىلەن بالىنى ئېغىزلاندۇرىدۇ.

ئائىلە ئەزالىرىغا ئەخلاق تەربىيەسى بېرىش ئاتا – ئانىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى. ئائىلىلەردە يۈرگۈزۈلىدىغان ئەخلاق تەربىيەسىنىڭ مەزمۇنى ئاساسەن ئائىلە ئەزالىرىنى ئەمگەكچان، ئاق كۆڭۈل، ئەقىل – پاراسەتلىك، راستچىل، ئۆزئارا كۆيۈمچان قىلىپ تەربىيەلەشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئوغۇل بالىنى تەربىيەلەشنى ئاساسەن دادا، قىز بالىنى تەربىيەلەشنى بولسا ئانا ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دادا بولغۇچى ئوغلىنى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ئارقىسىغا ئەگەشتۈرۈپ جەمئىيەت بىلەن كۆپرەك ئۇچراشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەدەپ – ئەخلاق ئۆگىتىدىغان مەشرەپ قاتارلىق سورۇنلارغا بىرگە ئېلىپ بارىدۇ. ئۆيگە مېھمان كەلسە، بالىسىنى مېھمانغا ئەدەپ بىلەن سالام بېرىشكە دەۋەت قىلىدۇ. مېھماننىڭ قولىغا سۇ بېرىشنى مەقسەتلىك ھالدا بالىغا تاپشۇرىدۇ . ئۇيغۇرلار يەنە قىز بالىنىڭ تەربىيەسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئانا بولغۇچى قىزىغا كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ئۆي تازىلىقى، كىر – قات يۇيۇش، تاماق ئېتىش، تىكىمچىلىك قاتارلىق ئىشلارنى ئۆگىتىدۇ.

كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە تەبىئىي يوسۇندا رەسمىيلەشكەن ئەدەپ – يوسۇنلىرىمىز بار ۋە بۇ مەزمۇندا تۈزۈلگەن ئىدىيوم، ماقال – تەمسىل، ھېكمەتلىك سۆز – ئىبارىلەر ۋە ئۇزاق يىل ئېغىزدىن – ئېغىزغا كۆچۈپ داۋاملىشىپ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كەتكەن. ‹‹يامان بولىدۇ›› ۋە ‹‹ساۋاب بولىدۇ›› دېگەندەك ئىبارىلەر ئاتا – بوۋىلىرىمىزدىن بىزگىچە داۋاملىشىپ، كىشىلەرنى يامان ئىش – ھەرىكەتلەردىن توسۇپ، ياخشىلىققا، توغرا يولغا ئۈندەشتە ئىجابىي رول ئويناپ كەلمەكتە. بۇ تۇرمۇشىمىزدا كىشىلەرنىڭ ھەربىر گەپ – سۆز، يۈرۈش – تۇرۇش، مۇئامىلە، كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ھەرىكەتلىرىگە سىڭىپ كەتكەن ئەخلاق ئۇقۇمى بولۇپ، كىشىلەرگە گۈزەللىك، ئالىيجانابلىق تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ. ھەمدە كىشىلەرنى سەت قىلىق، ناتوغرا قىلمىش، بولمىغۇر ئىش – ھەرىكەت، ناچار خاھىشلاردىن چەكلەشتە ئىجابىي رول ئوينايدۇ. مەسىلەن، ‹‹قازان بېشىدا تىرناق ئالما، قازاندىكى تاماققا چۈشۈپ كېتىدۇ›› دېگەندىن كۆرە ‹‹قازان بېشىدا تىرناق ئالسا يامان بولىدۇ›› دېيىش، ‹‹تاماق يېگەندە قاتتىق كۈلمە، تاماق گېلىڭغا تۇرۇپ قېلىپ، ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ›› دېگەندىن كۆرە، ‹‹تاماق يېگەندە قاتتىق كۈلمە، يامان بولىدۇ›› دېيىش، ‹‹ئەخلەت ۋە يۇندىنى ئۇدۇل كەلگەن يەرگە تۆكسە مۇھىتنى بۇلغاپ، كېسەللىك تارقىتىدۇ›› دېگەندىن كۆرە، ‹‹ئەخلەت ۋە يۇندىنى ئۇدۇل كەلگەن يەرگە تۆكسە يامان بولىدۇ›› دېسە كىشىلەرگە بولۇپمۇ بالىلارغا بەكرەك تەسىر قىلىپ، شۇ ئىشتىن دەرھال ئۆزىنى تارتىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاق تەربىيەسى ئەنئەنىۋى ئائىلە تەربىيەسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ، ئەخلاق تەربىيەسىنىڭ دائىرىسى نوقۇل ھالدا يۈرۈش – تۇرۇش، كىيىم – كېچەك، گەپ – سۆزلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، جامائەت ئەخلاقى، كەسپىي ئەخلاق، ئائىلە ئەخلاقى، جەمئىيەت ئەخلاقى، ئىجتىمائىي ئەخلاق ۋە مۇھىت ئەخلاقى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەخلاق كىشىلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا پەيدىنپەي شەكىللەنگەن ئادەم بىلەن ئادەم، ئادەم بىلەن جەمئىيەت، كەسىپ بىلەن كەسىپ، چوڭلار بىلەن كىچىكلەر، ئۇستاز بىلەن شاگىرتلار، قوشنىلار بىلەن قوشنىلار، ئاتا – ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەيدىغان ئىجتىمائىي ئالاقە، كىشىلىك تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئائىلىدە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر خىل ھەرىكەت مىزانى بولۇپ، جامائەت پىكرى، كىشىلىك قاراش، ئۆرپ – ئادەت، ئەنئەنە ۋە تەربىيە ئارقىلىق رول ئوينايدىغان ئىجتىمائىي ئاڭ فورماتسىيەسىدىن ئىبارەت. ئائىلە تەربىيەسىنىڭ يادروسى ئەخلاق تەربىيەسىدۇر. ئەدەب – ئەخلاقلىق ۋە مەدەنىيەتلىك بولۇش خەلقىمىز ئەزەلدىن تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ۋە ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان گۈزەل خۇلقلاردىن بولۇپ، خەلقىمىز ئادىمىيلىكنى ئەخلاق – پەزىلەت بىلەن ئۆلچەشتە چىڭ تۇرۇپ كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشتا ئەدەپ – ئەخلاقلىق بولۇش تەكىتلىنىدۇ.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button