ئاياللارساغلاملىقى

بالياتقۇ سىرتىدىكى ھاملىدارلىق توغىرسىدا …

بالياتقۇ سىرتىدىكى ھامىلدارلىق بولسا ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالياتقۇ بوشلۇقىغا ئورۇنلاشماستىن بەلىكى بالياتقۇ سىرتىدا ئورۇنلشىپ ئۆسۈپ يىتىلش بىلەن كىلىنكىدا ھېيز توختاش تويۇقسىز تۆۋەنكى قورساق ئاغرش ،جىنسى يولدىن تەرتىپسىز خۇن كىلىش ھەتتا شۈك بولۇپ قىلش بىلەن ئىپادىلىندىغان كسەللىك.تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى ھامىلدارلىق كۆپ ئۇچىرايدۇ .تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنڭ چۆگۈن قورساق قىسىمدىكى ھامىلدارلىق كۆپ كۆرۈلىدۇ .سەۋەبى :1.تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنڭ ئتترىپ چىقىرش قۇۋۋتى ئاجىزلاش سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ .2.بالياتقۇ نىڭ شۈمۈرۈش قۇۋۋتىنىڭ ئاجزلىشىدىن كىلىپ چىقدۇ.
3.سوزۇلما خاراكتىرلىك تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ.4.تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ يىتلىشىنىڭ ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ.مەسىلەن :تۇخۇم توشۇش نەيچىسى زىيادە ئۇزۇن بولۇش ،ئىچكى پەردە تىۋىتلىق ھۈجەيرە كەمچىلى بولۇشى .(ئىچكى پەردە تىۋىتلىق ھۈجەيرە بالياتقۇ بوشلۇقى تەرەپكە قاراپ ھەركەت قىلىپ ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىى بالياتقۇ بوشلۇقىغا قايتپ كىلشىگە ياردەم بىرىدۇ .)
4.ئىسپىرما تەركىبىدىكى ئۇرۇقىنىۇ ھەركەت قىلىش كۈچى ئاجىز بولشىدىن كىلىپ چىقىدۇ .
5.باشقا كىسەللىكلەر تەسىردىن كىلىپ چىقىدۇ ،مەسلەن :داس بوشلۇقىدىكى ئۆسمىنىڭ تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنى بىسىپ ئەگىرى -بۈگرى بولۇپ قىلشى ،بالياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ غەيرى ئورۇنلششى يەنى تۇخۇم توشۇش نەيچىسىگە ئورۇنلششىدىن كىلىپ چىقىدۇ .
داۋالاش :دەسلەپتە بايقالغان بولسا يەنى سۈيدۈكتىكى ھامىلدارلىق تەجىبسى ‹‹مۇسبەت›› چىقىپ تۆرەلمە بالياتقۇ بوشلۇقىغا چۈشمىگەن بولسا ياكى بتىپلىق ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇن ئاپىراتىدا تەكشۈرگەندەبالياتقۇ يىنىدىكى مونەكنىى ئۇنىڭ ئىچىدىكى تۆرەلمە خالتىسى بىلەن تۆرەلمەيۈرەك سو قۇشىنى بىلگىلى بولدۇ .
داۋالاشتا داس بوشلۇقىدىكى ئەزالارنىڭ قان ئايلىنشىنى ياخشلىغۇچى ،ئۇيىغان قاننى تارقاتقۇچى دورىلارنى ئشلىتش ،تۆۋەنكى قورساققا ئسىق ئۆتكۈزۈپ بىرش .شارائىت بولسا ياتاققا ئىلىنىپ دوختۇر كۆرسەتمىسى بويچە داۋالاش ئىلىپ بىرش .ئەگەر تۇخۇم توشۇش نەيچىسى يىرىلغان بولسا دەرھال ئوپراتسىيە قىلش لازىم .
دىقققەت قىلدىغان ئشلار:يىتىپ ئارام ئىلىش. قورساق بىسىمىنى ئاشۇرىدىغان بارلىق ھەركەتلەردىن ساقلىنىش لازىم.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button