ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرى

سۈيدۈك ۋە ئۇنى تەكشۈرۈش

سۈيدۈك- جىگەردىكى ھەزىمنىڭ داۋاملىشىشى بىلەن بۆرەكتە ھاسىل بولۇپ دوۋساق (ماسانە) تا يىغىلىپ، سىرتقا چىقىپ كېتىدىغان سويۇقلۇقتۇر. سۈيدۈك تەكشۈرۈش ئارقىلىق بەدەننىڭ مىزاجى بولۇپمۇ خىلىتلار ئەھۋالىدىن ۋە جىگەر ھەم بۆرەكنىڭ خىزمىتىدىن خەۋەر تاپقىلى بولىدۇ. تىۋىب سۈيدۈكتىن ئاساسەن رەڭگى، قىيامى (قويۇق- سۇيۇقلىقى)، سۈزۈكلىكى،  دوغلىقى، كۆپلىكى، چۆكمىسى (رۇسۇبى)، پۇرىقى ۋە مىقدارىغا ئوخشاش سەككىز نەرسىنى ئېنىقلىشى كېرەك.
1. سۈيدۈكنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى
ئادەم سۈيدۈكى سۈزۈك، ئاق بولسا بۇ تەبئىي سۈيدۈك ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى سۇنىڭ رەڭگىمۇ ئاق كېلىدۇ. ئاقلىق سۈيدۈكنىڭ ئەسلىدۇر. ئادەم بەدىنىدىكى خىلىتلار تۆت خىل بولغانلىقى ئۈچۈن سۈيدۈكنىڭ خىلىتلار رەڭگىدە كېلىشىمۇ تەبئىي ھېسابلىنىدۇ. يەنى ئاق، قىزىل، سېرىق ۋە قارا رەڭلەرنىڭ ھەر بىرى بىر خىل خىلىتنىڭ بەلگىسى بولۇپ، بۆرەكلەرنىڭ ئۆزگىرىشى قايسى بىر خىلىتنىڭ ئاز- كۆپلۈكى، غالىپ ياكى مەغلۇپلۇقنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: سۈيدۈكنىڭ ئاق بولۇشى تەبئىي، شېشىدەك، مەنىي سۇيۇقلۇقىدەك ياكى جىگدە شەربىتىدەك ئاق بولۇشى غەيرىي تەبئىي بولۇپ، كېسەللىىك ئەھۋالىدىن خەۋەر بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سېرىق سۈيدۈك سامان رەڭلىك، ئاپېلىسىن رەڭلىك، كاۋا چېچىكى رەڭلىك، يالقۇن رەڭلىك، زەپەر سېرىق رەڭلىك، سېرىق زاك رەڭلىك ئالتە تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
قىزىل سۈيدۈك، قىزىلگۈل رەڭلىك، قان رەڭلىك (قارىغا مايىل قىزىل)، ئاققا مايىل سۇس قىزىل، ئوردان رەڭلىك دەپ پەرقلەندۈرلىدۇ. سۈيدۈكتىكى قىزىللىق بەدەندىكى قان ئەھۋالىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.
قارا سۈيدۈك: سېرىققا مايىل قارا، قىزىلغا مايىل قارا دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بۇ سەۋدا ۋە تال ئاغرىقلىرىدىن خەۋەر بېرىدۇ.

سۈيدۈك ئاق بولۇشنىڭ سەۋەبى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى

     1) ھۆل مېۋە- كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، بولۇپمۇ تەرخەمەك، قوغۇن، شاپتۇل قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن سۈيدۈك رەڭگى ئاق كېلىدۇ.
2) سەپرادىن بولغان ئاغرىقلاردا ھارارەت مېڭىگە يېتىپ بارغاندا سۈيدۈك ئاق، سۇيۇق ۋە سۈزۈك بولۇپ، تېگىدە چۆكمىسى بولمايدۇ.
3) مېڭە سالامەت بولغاندىمۇ سۈيدۈك ئاق كېلىدۇ. سەپرا ئۈچەيگە قويۇلغان چاغدىمۇ سۈيدۈك ئاق كېلىدۇ. ئەمما بۇ چاغدا ئۈچەيدە يارا بولۇش خەۋىپى بار. ئاغرىقلارنىڭ سۈيدۈكى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆزگەرمەي ئاق تۇرسا، مېڭە سالامەتلىكىدىن خەۋەر بېرىدۇ.
4) بەلغەم كۆپ بولۇش نەتىجىسىدە، سۈيدۈك ئاق ۋە قىيامى قويۇق يەنى مەنىيدەك ئاق، قويۇق ۋە شىلىمشىق كېلىدۇ. بۇ شەكىلدە پالەچ ۋە تارتىشىپ قېلىش (تەشەننۇج) كېسىلىنىڭ ئالدىنقى بەلگىسىدىن ئىبارەت. ئەگەر سېرىق كۆپۈك بولسا، يامان ھېسابلىنىدۇ. سۈيدۈكنىڭ رەڭگى يۇقىرىقىدەك بولۇپ، بەلغەمدىن بولغان كېسەللەرنىڭ بەلگىلىرى كۆرۈلمىسە، سالامەتلىكنىڭ نىشانىسى ھېسابلىنىپ، سۈرگە بېرىش بىلەن ساقىيىپ كېتىدۇ.
5) سۈيدۈكنىڭ ئاق ۋە ياغلىشاڭغۇ بولۇشى چاۋا ياغلاردا ئېرىش يۈز بەرگەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ.

سۈيدۈك قىزىل بولۇشنىڭ سەۋەبى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى

     سۈيدۈكنىڭ قىزىل بولۇشى سېرىق بولغىنىغا نىسبەتەن تەبئىي (مۇۋاپىق) دۇر. چۈنكى سۈيدۈكنىڭ قىزىل بولغانلىقى قاننىڭ كۆپلۈكىنى ئىپادىلەيدۇ. قان خىلىتلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولۇپ، ئادەم ھاياتلىقى قان بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. قاننىڭ ئىسسىقلىقى سەپراغا قارىغاندا كەمرەك.
1) سۈيدۈك قىزىل ئەمما سۇيۇق بولسا، خىلىت (ماددا) نىڭ خاملىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنداقتا كېسەل ئۇزۇنغا سۇزۇلىدۇ.
2) قىزىل سۈيدۈكتە چۆكمە بولمىسا، قۇرۇقلۇقنىڭ بەدەندە كۆپلۈكى، تەبئىيەتنىڭ ناچارلىقى، كۈچىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە ماددىنىڭ كۆپلىكىنى كۆرسىتىدۇ ھەم جىگەردە ۋە رەم (ئىششىق) بارلىقىنىڭ بەلگىسى بولىدۇ.
3)قىزىل سۈيدۈكتە ئاق چۆكمە بولسا، بۇ سالامەتلىكنى كۆرسىتىدۇ.
4) چۆكمىنىڭ قىزىل بولۇشى كېسەلنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
5) قىزىل سۈيدۈكتە سەپرا قوشۇلغان بولسا، خىلىت كۆيگەن بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئىككى خىل ئىسسىقلىق بىرىكسە ھارارەتنى ئاشۇرىدۇ. بۇ ئەھۋال بەزىدە بىمارنىڭ تېز تەرلەپ ساقىيىشىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
6) قىزىل سۈيدۈك تامچىلاپ كەلسە، قويۇق ۋە سېسىق بولسا، قىزىتمىلىق ئاغرىقلاردا ماددىنىڭ خاملىقىنى كۆرسىتىدۇ. سېسىقلىق تەبىئەت كۈچى مەغلۇپ بولۇپ، كېسەللىكنىڭ غالىپ بولغانلىق ئالامىتىدۇر ياكى بۆرەكتە يىرىڭلىق ۋەرەم بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
7) سۈيدۈك قىزىل، سۇيۇق شۇنىڭدەك مەئدە ئاجىز، بەدەندە قىچىشىش بولسا يەرقان (سېرىق كېسەل) باشلىنىشنىڭ ئالامىتىدىن ئىبارەت. قىزىل سۈيدۈك ئۈستىدە سېرىق كۆپۈك بولسا ياكى سېرىق چۆكمە بولۇتقا ئوخشاپ سۈيدۈك تېگىدە تۇرسا، كېسەلنىڭ ئاقىۋىتى يامانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
8) ھارارەتلىك كېسەللەردە سۈيدۈك قىزىل بولسا، جىگەرنىڭ ئىسسىقلىقى ئارتۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. سۈيدۈك قىزىل بولۇپ، ئارقا تەرىتى قۇرۇق بولسا، كۆكرەك كېسەللىكلىرى بولۇپ، ئۆپكە كېسىلى پەيدا بولغانلىقنىڭ بەلگىسى بولىدۇ. بەزى ھاللاردا بۇ قان بىلەن بىرىكىپ كەلگەنلىكنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، قان- تومۇر دىۋارلىرى كېڭەيگەنلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر.
9) بەزى قاندىن بولمىغان ئېغىر كېسەللەردە، مەسىلەن: ئۈچەي توسۇلۇش (قۇلۇنجى) كېسىلىدە سۈيدۈك قىزىل كەلسە، بەزىلەر بۇنى قان سەۋەبىدىن دەپ خاتا ئويلىشىدۇ.
10) جىگەر كېسەللىكلىرىدە ئومۇمەن سۈيدۈك قىزىل كېلىدۇ.
11) سۇددە كېسەللىكلىرىدە ( قان تومۇرلار توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئاغرىقلاردا) بۇ سۈيدۈك قىزىل بولۇپ، سىل قىزىتمىسى (تەپى دىق) ۋە ئۈچەي سىلىنىڭ پەيدا بولۇشى ياكى كېسەلنىڭ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى ھەم چاۋا ئېرىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا چوقۇم كېسەلنىڭ ئىچى سۈرۈپ كېتىدۇ. دوۋساقتا يارا بولسا، سۈيدۈك قىزىل بولىدۇ. ئەگەر يىرىڭلىق يارا بولسا، سۈيدۈك يېرىڭلىق كېلىدۇ ۋە جىنسىي ئەزانىڭ تۈشۈكى ئېچىشىپ قىچىشىدۇ.
12) بەلغەمدىن بولغان كېسەللەردە سۈيدۈكنىڭ قىزىللىقى بوھران (كىرزىس)نىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى ھەم تەرلەشنىڭ بەلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چوڭ تەرەتنىڭ كۆپلۈكى، ئۆتۈش يوللىرىنىڭ توسۇلۇشى، بەلغەم ماددىسىنىڭ قويۇلۇپ قېلىشلىرى بەلغەمدىن بولغان كېسەللەرنىڭ ئالامەتلىرىدىن ئىبارەت.
13) سوغۇق مىزاج كىشىلەرنىڭ سۈيدۈكى قىزىل رەڭلىك، قىزىق ۋە سۇيۇق بولىدۇ.
يۈرەككە يېقىنبولغان ئەزالاردا ۋەرەم بولغاندا سۈيدۈكنىڭ رەڭگى قىزىل كېلىدۇ. سەۋەبى يۈرەكنىڭ ھارارىتى ئېشىپ كەتكەنلىكىدىندۇر.

سۈيدۈك سېرىق بولۇشنىڭ سەۋەبى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى

   1) سامان رەڭلىك سېرىق سۈيدۈك ھارارەتنىڭ مۆتىدىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
2) تۇرۇنجى (ئاپلىسىن) رەڭگىدىكى سۈيدۈك بىر ئاز ئىسسىقلىققا مايىللىق بەلگىسى. سېرىق قىزىلغا مايىل بولغانسىرى ئىسسىقلىق كۆپ، سوغۇقلۇق شۇنچە ئازلىقنى ئىپادىلەيدۇ. سۈيدۈكى دائىم يالقۇن رەڭدە بولىدۇ. سېرىق سۈيدۈك ئۈستىدە لەيلىگەن چۆكمە بولسا بۇ ناھايىتى يامان. لېكىن ساغلام كېشىلەردە سۈيدۈكنىڭ سېرىق بولۇشى ئوزۇقلۇق ۋە سەپرانىڭ كەملىكىدىن بولۇپ، بۇنداق كېشىلەر ئورۇق بولىدۇ.

سۈيدۈك قارا بولۇشنىڭ سەۋەبى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى

    1) سۈيدۈك قارا رەڭلىك بولۇپ بەش كۈنگىچە ئۆزگەرمىسە، كېسەلنىڭ ئاقىۋىتى ناچار بولىدۇ دەپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر سۈيدۈكنىڭ چۆكمىسى تېگىدە بولماي ئۈستىدە بولسا ئاقىۋىتى ياخشى. سۈيدۈك قويۇق بولسا، ماددىنىڭ خاملىقى ۋە قۇۋۋەتنىڭ ئاجىزلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ھال كېسەللىكنىڭ ئاخىرىدە يۈز بېرىپ، چۆكمە سۈيدۈكنىڭ تېگىگە چۆككەن، ئۈستىدە قارا كۆپۈك بولسا، مېڭە ئىششىغانلىقتىن ۋە ئۆلۈمگە يېقىنلاشقانلىقتىن دىرەك بېرىدۇ. قارا سۈيدۈكنىڭ ئۈستىدە كۆپۈك بولۇشى باش ئاغرىش ۋە جۆيلۈشنىڭ سەۋەبچىسى بولۇپ، بۇرۇن قاناش بىلەن تۈزۈتۈلۈپ كېتىدۇ.
2)
قارا سۈيدۈك زاك رەڭگىدە بولسا ماددىنىڭ خاملىقىنى بىلدۈتىدۇ.
3)
سۈيدۈك قارا، سۇيۇق، لەيلىگەن، چۆكمە، چېچىلاڭغۇ، بەدەن ئېغىرلاشقان بولسا، بۇرۇن قاناش بەلگىسىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ ھال قارا (ئەسۋىلىك) كېزىكتە كۆپ ئۇچرايدۇ. ئەگەر قارا كېزىك قاندىن بولغان بولسا، بۇ قان كۆيگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. قۇلاق ئېغىرلىقى بىلەن بىللە كەلسە، بۇ ماددىنىڭ پىشمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
4)
كۆكرەك پەردە ياللۇغىدا سۈيدۈكنىڭ قارا بولۇشى ئۆلۈم يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. سۈيدۈك قارىغا مايىل، سۇيۇق بولسا، ئاغرىقنىڭ ئۇزۇن يېتىپ قالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
5)
سېرىق كېسەل (يەرقان) نىڭ سۈيدۈكى قارا دۇغ بولسا، كېسەلنىڭ ياخشىلىنىشقا باشلىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ. قارا سېرىق، قىزغۇچ، كۆپۈكسىز بولسا كېسەلنىڭ ئېغىر ئۆتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. قىزىل بولۇشى ھارارەتنىڭ بەلگىسى، قارا بولۇشى ماددا كۆيۈپ تەبىئەتنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى، كۆپۈك بولماسلىقى ئۆتۈش يوللىرىنىڭ توسۇلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
6)
ساغلام كېشىلەردە سۈيدۈك بىر نەچچە كۈن قارا تۇرسا، بۆرەككە تاش ئورۇنلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر. چوڭ تەرەت بىلەن سۈيدۈكنىڭ بىردەك قارا بولۇشى سەپرا ياكى سەپرانىڭ كۆيگەنلىكىنى، ھارارەت تۆۋەنلەپ تەرلىمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
تۇردى مۇھەممەت ئاخۇنۇم ۋە مۇھەممەتتۇرسۇن ھاجىم تۈزگەن «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك قوللانمىسى» ناملىق كېتابتىن ئېلىندى.


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

# ئاقىللار گورۇپپىسى

# سىستېما گورۇپپىسى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button