ساغلاملىق بىلىملىرى

تاجسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسەللىكلىرى ھەققىدە چۈشەنچىلەر؟

تاجسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسەللىكلىرى ھەققىدە چۈشەنچىلەر؟ تاجسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسەللىكى نۇرغۇن ئادەملەرگە تونۇشلۇق سۆز بولسىمۇ، تاجسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسەللىكنىڭ قانداق كېسەللىك ئىكەنلىكنى سورىسا، ئېنىق ئېيتىپ بېرەلىشى ناتايىن. ئەمەلىيەتتە، تاجسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسەللىكنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى تاجسىمان ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى دېيىلىدۇ. ئادەمنىڭ يۈرىكى يۈرەك مۇسكۇللىرىنىڭ قىسقىرىشىغا تايىنىپ قاننى ھەرقايسى ئەزالىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئوكسىگېن ھەم تۈرلۈك ئوزۇقلۇقلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئەمما، يۈرەكنىڭ ئۆزىمۇ ئوكسىگېن ۋە تۈرلۈك ئوزۇقلۇقلارغا ئېھتىياجلىق بولۇپ يۈرەكنىڭ ئۆزىنىڭ قان بىلەن تەمىن ئېتىلىشى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. يۈرەككە قان يەتكۈزۈپ بېرىدىغان قان تومۇر تاجسىمان ئارتېرىيە دەپ ئاتىلىدۇ. تاجسىمان ئارتېرىيە ئوڭ، سول تەرەپ قان تومۇرىغا بۆلۈنىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپ ئارتېرىيەنىڭ نۇرغۇن ئۇششاق تارماقلىرى يۈرەك مۇسكۇلى بىلەن تۇتىشىپ، يۈرەك مۇسكۇلىنى يېتەرلىك قان بىلەن تەمىن ئېتىشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ ۋە يۈرەكنىڭ نورمال ئىقتىدارنى ساقلايدۇ. تاجسىمان ئارتېرىيىدە بوتقىسىمان قېتىش پەيدا بولغاندا قان تومۇر ئىچكى پەردىسى قېلىنلاپ قېتىشىپ، قان تومۇر بوشلۇقى تارىيىدۇ، ھەتتا توسۇلىدۇ. نەتىجىدە، تاجسىمان ئارتېرىيەنىڭ قاننى ئايلاندۇرۇشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، قىسمەن يۈرەك مۇسكۇللىرىغا قان يېتىشمەيدۇ ياكى قان ئۈزۈلۈپ قالىدۇ-دە، يۈرەك ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، بۇخىل ئەھۋال تاجسىمان ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى يەنى تاجسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ.

تاجسىمان يۈرەك كېسەللىكى بولسا ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تاجسىمان ئارتېرىيىدە بوتقىسىمان توسۇلۇش پەيدا بولۇپ، يۈرەك مۇسكۇلىغا قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان خەتەرلىك كېسەللىك. بۇ خىل كېسەللىك ئوتتۇرا ياشتىن ئاشقانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ، يۈرەك مۇسكۇل سانجىقى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، يۈرەك مۇسكۇلىغا ئېغىر دەرىجىدە قان يېتىشمەسلىك، تۇيۇقسىز ئۆلۈم ، ئالامەتسىز تاجسىمان يۈرەك كېسەللىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كېسەللىككە قارىتا ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى قوللىنىلمىسا، بىمارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكنى داۋالاش بىر قەدەر قىيىن بولۇپ، داۋالاش ئېلىپ بارغاندا كېسەللىك ياخشىلىنىدۇ. لېكىن تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتىش تەس، ئۇزۇن مۇددەت داۋالاشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا تاجسىمان يۈرەك كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ۋە قايتا قوزغىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم. تاجسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئالدى بىلەن ھەرخىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كېسەل پەيدا قىلغۇچى ۋە قوزغاتقۇچى ئامىللارنىڭ بەدەنگە بولغان ناچار تەسىرىنى ئازايتىش لازىم.بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

1.روھى ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن ساقلىنىش كېرەك.

تاجسىمان يۈرەك كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇشدا روھى ئامىل ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ. يەنى، ياخشى روھى كەيپىياتنىڭ  بولۇشى يۈرەك ۋە باشقا ئەزالارنىڭ خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ روھى،جىسمانىي ساغلاملىقنى ئاشۇرىدۇ. ئەكسىچە ،ناچار روھى كەيپىيات روھنى خورۇتۇپ، رەئىس ئەزالار خىزمىتىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. قان تومۇرلارنى سىپازمىلاپ، توسۇلۇش پەيدا قىلىدۇ. دېمەك ناچار روھى كەيپىيات ئۇزاق داۋاملاشسا، بۇنىڭ ناچار تەسىرى يۈرەككە تەسىر قىلىپ، يۈرەكتىكى روھى ھايۋانىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. يۈرەك قان تومۇرلىرىنى سىپازمىلاپ، توسۇلۇش پەيدا قىلىپ، ئاقىۋەتتە تاجسىمان يۈرەك كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا تاجسىمان يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ قايتا قوزغىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پەيدا بولىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆزىنى ئازادە تۇتۇش، خۇشال-خۇرام، ئۈمىدۋار بولۇپ، مىجەزىنى تۇراقلاشتۇرۇش، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش، روھى بېسىمغا ئۇچرىماسلىق ، تولا ئويلىنىش، ھاياجانلىنىش،ئاچچىقلىنىشتىن ، ۋاراڭ-چۇرۇڭ مۇھىتتا تۇرۇشتىن ۋە باشقا ناچار روھى كەيپىياتلاردىن ساقلىنىش لازىم.

2. يېمەك -ئىچمەكنى تەرتىپكە سېلىش كېرەك.

تاجسىمان يۈرەك كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇشىدا يېمەك -ئىچمەك ئامىلىمۇ ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. بولۇپمۇ ئىسسىق تەبىئەتلىك، مايلىق، تۇزلۇق غىزالارنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىش سەۋەبىدىن قان قويۇلۇپ، يۈرەك قان تومۇرلىرىدا چۆكمە پەيدا بولىدۇ. يۈرەك قان تومۇرلىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى تۆۋەنلەپ ، يۈرەك قان تومۇرلىرىدا كېرەكسىز ماددىلار كۆپلەپ يىغىلىپ قالىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇزاق داۋاملاشسا يۈرەك مۇسكۇلىغا قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەي تاجسىمان يۈرەك كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئىسسىق تەبىئەتلىك، يۇقىرى كالورىيەلىك، مايلىق، تۇزلۇق غىزالارنى ئاز ئىستېمال قىلىش، تەركىبىدە ئوزۇقلۇق تالالىرى ۋە ۋېتامىنلار مول بولغان، توسالغۇلارنى ئېچىش، ماينى ئېرىتىش، قان تومۇرلارنى كېڭەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان لەتىف يېمەكلىكلەردىن قوناق، قارا بۇغداي ، ئارپا، نوقۇت، گۈرۈچ، ئالما، ئامۇت، چىلان، بادام، شاپتۇل قېقى، ئۈجمە، ھەسەل، كاۋا، كەرەپشە، چامغۇر، پالەك، بېدە، تەرخەمەك، سەۋزە، بېلىق گۆشى، ئۇرۇق قوي گۆشى قاتارلىقلار ۋە ئۇلاردىن تەييارلانغان ھەر خىل غىزالارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش لازىم. ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى ياخشىلاپ، ۋاقتىدا غىزالىنىش، زىيادە تويۇنۇپ غىزالىنىش، زىيادە ئاچ قېلىشتىن ساقلىنىش، تاماق مىقدارىنى ئازايتىش، ئەمما پات-پات يېيىش، زىيادە ئىسسىق ياكى زىيادە سوغۇق تەبىئەتلىك، تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى يېمەك -ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىپ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان، سىڭىشلىك يېمەك -ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىش لازىم.

3. ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىدىن ساقلىنىش كېرەك.

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىمۇ تاجسىمان يۈرەك كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىدىن ھاراق ئىچىش، نەشە، تاماكا چېكىش، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلار يۈرەكتىكى روھى ھايۋانىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، قان تومۇرنى سىپازمىلاپ، يۈرەكنى ۋە ئومۇمىي بەدەننى زەئىپلەشتۈرىدۇ-دە، ئاقىۋەتتە تاجسىمان يۈرەك كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ھاراق ئىچىشتىن، نەشە،تاماكا چېكىشتىن، قالايمىقانجىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.

4. ھەرىكەت بىلەن ئارام ئېلىشنى مۇۋاپىق تەڭشەش كېرەك.

ھەرىكەتنىڭ كۆپ بولۇشىمۇ يۈرەككە بېسىم كەلتۈرۈپ، يۈرەك كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ. ھەرىكەتنىڭ ئاز بولۇشىمۇ بەدەندە كېرەكسىز ماددىلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان تومۇرلاردا توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىل توسۇلۇش يۈرەك ۋە يۈرەكنى مەركەز قىلغان قان تومۇرلاردا ئەكس ئەتسە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تاجسىمان يۈرەك كېسەللىكلىرى پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرىكەت بىلەن ئارام ئېلىشنى مۇۋاپىق تەڭشەش، ئەتىگەن ۋە كەچتە يەڭگىل ھەرىكەت قىلىپ بېرىش، ئېغىر جىسمانىي ۋە ئەقلىي ئەمگەكتىن، زىيادە ئىسسىق ياكى سوغۇق مۇھىتتا ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەشتىن ساقلىنىش كېرەك.

5.بەدەن ئىچكى بېسىمى ئارتىپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

بولۇپمۇ قەۋزىيەت، يۇقىرى قان بېسىم، سېمىزلىك قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە بەدەن ئىچكى بېسىمى تىزلا ئارتىپ، يۈرەككە بېسىم پەيدا بولىدۇ، قان تومۇرلار تارىيىپ، قاننىڭ راۋان ئېقىشىغا تەسىر يېتىدۇ. قان راۋان ئاقالمىغان شارائىتتا يۈرەككە قان ۋاقتىدا يېتىپ كېلەلمەي تاجسىمان يۈرەك كېسەللىكلىرى پەيدا بولىدۇ.شۇڭا قەۋزىيەت بولۇشتىن ساقلىنىش، قەۋزىيەتلىك كۆرۈلگەندە،يۇمشاتقۇچى دورىلارنى ئىستېمال قىلىپ تەرەتنى راۋان قىلىش، قەرەللىك ھالدا قان بېسىمى ۋە قاندىكى تەركىبلەرنى تەكشۈتۈپ تۇرۇش،تولا زۇكامداش، يۇقىرى قان بېسىم بولۇشتىن ساقلىنىش، نورمالسىزلىق كۆرۈلسە ۋاقتىدا داۋالېتىش كېرەك.

6. كېسەللىك قوزغالغاندا، بىمارنى باشقا ئورۇنغا يۆتكىمەي، تەكشى، تۈز ياتقۇزۇپ، تىنچ ئارام ئالدۇرۇش، ئوكسىگېن پۇرىتىش، سۇمبۇلنى كۆيدۈرۈپ ئىسىنى بۇرۇنغا پۇرىتىش، كۆكرەكنى سىرتىدىن بېسىش، زۆرۈر تېپىلغاندا نىترو گېلىتسېرىننى 2-1 تالغىچە تىل ئاستىغا سېلىش،نەپەس يولىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.

Back to top button