ساغلاملىق بىلىملىرى

رەئىس ئەزا كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى

رەئىس ئەزالار، روھ، قۇۋۋەتلەرنىڭ باشلىنىش ۋە ساقلىنىش مەنبەسىدۇر. رەئىس ئەزالار ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىقى ۋە نەسلىنى ساقلاپ قېلىش، ئەقلىي، جىسمانىي پائالىيەتلىرىنى باشقۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئويناپلا قالماستىن، بەلكى خادىمى ئەزالارنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ئورگانىزىملارنىڭ ھەرىكەت پائالىيەتلىرىنى ئومۇمىي دائىرىدە تەڭشەپ، تولۇقلاپ ھەم تىزگىنلەپ، بەدەننىڭ بىر پۈتۈنلىكىنى ساقلايدۇ.
ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە مېڭە، يۈرەك ۋە جىگەر رەئىس ئەزا دەپ قارىلىدۇ. چۈنكى مېڭە بولسا تەپەككۇر، سەزگۈ ۋە جىسمانىي ھەرىكەت يەنى روھىي نەپسانىيەتنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدۇ.
يۈرەك روھىي ھايۋانىنىڭ باشلىنىش باشلىنىش مەنبەسى بولۇپ، ئادەم ھاياتى ئاخىرلاشقانغا قەدەر يۈرەك ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى توختاتمايدۇ. يۈرەك ھەرىكىتىنىڭ توختىشى ھاياتلىقنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ۋە تىرىكلىكنىڭ توىتىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
جىگەر بولسا روھىي تەبىئەتنىڭ ،مەركىزى بولۇپ، ماددا ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ئۆزىنىڭ نورمال خىزمىتى ئارقىلىق، سەپرا، قان، بەلغەم، سەۋدا خىلىتلىرىنى سان ۋە سۈپەتكە لايىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىپ پۈتۈن بەدەننى ئوزۇقلاندۇرىدۇ ۋە ئۆستۈرىدۇ. زەھەرسىزلەندۈرۈش رولى ئارقىلىق ئىنسان بەدىنىنى قوغداش خىزمىتىنى ئۆتەيدۇ.
شۇڭلاچقا ئەزالاردا يۈز بەرگەن كېسەللىكلەرنى داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم. تۆۋەندە رەئىس ئەزالاردا يۈز بەرگەن كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۇسۇلى ئايرىم- ئايرىم بايان قىلىنىدۇ.

ئۇيغۇر تېبابىتى داۋالاش ئۇسۇللىرى ئىلمى ناملىق كېتابتىن ئېلىندى.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button