خام دۇرىلار

زەپەر

ئەرەپچە نامى: زەئىپران، كۇركۇم.

تونۇش: بۇ چىغىرتماق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك زەپەرنىڭ ئانىلىق بوينىنىڭ يۇقىرىق قىسمى ۋە ئانىلىق تۇمشۇقىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئانىلىق يۇمشۇقى <زەپەر> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

شىپالىق رولى: كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، ھېس-تۇيغۇنى كۈچەيتىش، ماددىلارنى تەڭشەش، پىشۇرۇش ۋە تارقىتىش، بەلغەم مەنبەلىك قويۇق ئوفۇنەتنى يوقىتىش، خىلىتلارنى بۇزۇلۇشتىن ساقلاش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، سۈيدۈكنىڭ كۆپ كېلىشىنى تىزگىنلەش، تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇش، باھنى كۈچلەندۈرۈش، روھىي ھايۋاننى قۇۋۋەتلەش، جىگەرنى ۋە باشقا ئىچكى ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش، نەپەسلىنىشنى ياخشىلاش، خۇشاللىق پەيدا قىلىش، بۆرەك ۋە دوۋساقنى تازىلاش، مۇرەككەپ دورىلار قۇۋۋىتىنى يۈرەككە ۋە باشقا ئەزالارغا يەتكۈزۈش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.

ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: يۈرەك كېسەللىكلىرى، ھەرخىل ئىششىقلار، كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىقى، بۇرۇن شىللىق پەردە ياللۇغى، جىگەر، تال، مېڭە توسۇلۇش، قاتتىق باش ئاغرىقى، ئۇيقۇسىزلىق، ھەيز كەلمەسلىك قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى: زەپەردىن ئىككى قۇلاق ئېلىپ مۇسەللەس ياكى شەربىتى زىبىب بىلەن ئىچىلسە، يۇقىرىدىكى كېسەللەرگە پايدا قىلىدۇ، خۇمارلىقنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ھەسەل بىلەن بېرىلىدۇ. سۈيدۈك يولىدىكى تاشلارنى ئېزىپ پارچىلاپ چىقىرىش، بالىياتقۇ ۋە مەقئەتنىڭ ئاغرىقلىرىنى داۋالاش ئۈچۈن مۇناسىپ دورىلار بىلەن قوشۇپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ، مېڭە ياللۇغى، ئۇيقۇسىزلىق كېسەللىرىدە بۇرنىغا پۇرۇتىلىدۇ، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش ۋە كۆزنىڭ تورلىشىشىنى يوق قىلىش، كۆزگە چۈشكەن كۆكۈش پەردىلەرنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: 1-2 گرام.

زىيانلىق تەسىرى: بۆرەككە زىيان قىلىدۇ ۋە ئىشتىھاسىزلىق پەيدا قىلىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى: رۇم بەدىيان، سىركەنجىۋىل، زىرشىك.

ئورۇنباسارى: ئۇتۇرۇچ ئۇرۇقى، قۇستە.

چىقىش ئورنى: ئىران، ھىندىستان، ئىتالىيە، مىسىر، ياپونىيە، فرانسىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى قاتارلىق ئەللەردىن چىقىدۇ. ئىلگىرى زەپەر شىزاڭغا نىپال ۋە ھىندىستان ئارقىلىق كىرىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە سېتىلاتتى، ھازىر ئېلىمىزنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا سىناق تەرىقىسىدە تېرىلىۋاتىدۇ.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button