ساغلاملىق بىلىملىرى

ئوزۇقلۇق ئارقىلىق بالدۇر قېرىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرى

تەتقىقات نەتىجىلىرى تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەر ئارقىلىق قېرىشنى كېچىكتۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى:
يەر ياڭىقى (خاسىڭ ): يەر ياڭىقى تەركىبىدە كاتېفول دەپ ئاتىلىدىغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدىغان ماددا بولۇشتىن تاشقىرى، قېرىشنى كېچىكتۈرىدىغان ۋىتامىن E قاتارلىقلار بار ئىكەن . يەر ياڭىقى ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى داۋاملىق ئىستېمال قىلغاندا، جىسمانىي قۇۋۋەتنى ئاشۇرغىلى بولىدىكەن ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ياخشىلىنىدىكەن ، ئۇنىڭ يېغىنى بەدەن ئوڭاي قوبۇل قىلىدىكەن ، شۇڭا يەر ياڭىقىنى دائىم ئىستېمال قىلغاندا قېرىشنى كېچىكتۈرگىلى بولىدىكەن .
كۈنجۈت :كۈنجۈت تەركىبىدە ۋىتامىن Eبىر قەدەر مول بولۇپ ، بۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ بۆلۈنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، پروكسىدلانغان ياغلارنىڭ زىيىنىنى توسۇيدىكەن . كۈنجۈت ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بالدۇر قېرىتقۇچى ماددىلارنىڭ توپلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىدىكەن. بەدەننىڭ ئىممۇنېت كۈچىنىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ياخشىلايدىكەن .شۇڭا ئەجداتلىرىمىز ئەزەلدىن كۈنجۈت ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ئىستېمال قىلىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن.
ياڭاق : ياڭاق بەدەننى ئومۇميۈزلۈك جانلاندۇرىدىغان ئوزۇقلۇق بولۇپ ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى كۆپ خىل ۋىتامىن، فوسفور، تۆمۈر، سىنىك قاتارلىقلار مېڭىنى كۈچلەندۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. باش قېيىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ، ئۇيقۇسىزلىق، يۈرەك سېلىش قاتارلىقلارغا ئۈنۈملۈك شىپا بولالايدۇ . ياڭاقنى دائىم ئىستېمال قىلىپ تۇرغاندا قېرىشنى كېچىكتۈرگىلى ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ .
سەۋزە: سەۋزە تەركىبىدە سېلىلوزا مول بولغاندىن باشقا ، ۋىتامىن A، ۋىتامىن B، ۋىتامىن Cلار ۋە تۆمۈر، كالتسىي قاتارلىقلار بىر قەدەر مول . ئۇنىڭ نورمال ھۈجەيرىلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىش، ئىممۇنېت كۈچىنى ئاشۇرۇش ، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش رولى بار .

سۆڭەك شورپىسى : ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بەدەندىكى سۆڭەكلەرنىڭ قىزىل، ئاق قان ھۈجەيرىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تەبىئىي تۆۋەنلەيدۇ . بۇنىڭ بىلەن سۆڭەك شالاڭلىشىپ، چۈرۈكلىشىپ ، قېرىشقا باشلايدۇ .بۇنداق چاغدا دائىم سۆڭەك شورپىسى ئىچىپ بەرگەندە، سۆڭەكنىڭ قان ئاقسىلى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئاشىدۇ . بەدەنگە زۆرۈر بولغان كالتسىيمۇ تولۇقلىنىپ ، سۆڭەكنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ.
گۈل چېڭى : گۈل چېڭى تەركىبىدە ئامىنو كىسلاتالىرى ، ۋىتامىنلار، مېنىرال ماددىلار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئانتىبىئوتىك ماددىلار ھەر خىل خاراكتېرلىك كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ . ئۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۈلۈشىنى ۋە قېرىشىنى كېچىكتۈرىدىغان ئوزۇقلۇق بولۇپ ، قېرىشنى كېچىكتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ .
ھەسەل ۋە ھەسەل جەۋھىرى:ھەسەل ۋە ھەسەل جەۋھىرى چوڭ مېڭى ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، قېرىشنى تېزلىتىدىغان ھۈجەيرىلەرنىڭ پائالىيىتىنى چەكلەيدۇ.ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىنلار ئاشقازان ، ئۈچەي كېسەللىكلىرى ، بەدەن ئاجىزلىق، قان ئازلىق كېسەللىكلىرىگە شپا بولىدۇ ھەمدە بەدەننىڭ ئىممۇنېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ .
چىلان ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇق دورىلارنىڭ بىرى بولۇپ ، چىلاننى دائىم يەپ بەرگەندە قاننىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ ، بالدۇر قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button