خام دۇرىلار

سوقمۇنىيا

ئەرەپچە نامى: مەھمۇدە

تونۇش: بۇ يۆگەيلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق پېلەكلىك سامان غوللۇق، تاغلاردا ۋە تاشلىقلاردا ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك يېلىمسىمان يۆگەينىڭ قۇرۇتۇلغان سۈتىدىن ئىبارەت بولۇپ، <سوقمۇنىيا> ياكى <مەھمۇدە> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈك شەكلى ھەشىقپىچەككە ئوخشايدۇ، ئۆزى ناھايىتى سۈتلۈك كېلىدۇ، بىر تەندىن كۆپلىگەن شاخلار ئۆسۈپ چىقىدۇ، ئوزۇنلۇقى ئىككى مېتىردىن ئارتۇقراق، يەر بېغىرلاپ پېلەك سوزۇپ ئۆسىدۇ، شاخلىرىنىڭ ئۈستىدە چاپلىشاڭغۇ ھۆللۈك بولىدۇ، ھەشىقپىچەكتىن يۇمشاق، رەڭگى كۆك ۋە ئىنچىكە كېلىدۇ، گۈلى يۇمىلاق، ئاق، ئوتتۇرىسى كاۋاك، يىلتىزى ئاق، چوڭلۇقى سەۋزىنىڭ يىلتىزىدەك. لېكىن ئۇنىڭدىن قىسقىراق، ئىچى كاۋاك، سېسىق پۇراقلىق، سۈت بىلەن تولغان بولىدۇ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ۋە غولىنى تىلىپ قويسا سۈتى ئېقىپ چىقىپ قېتىپ سوقمۇنىيا بولىدۇ. ئۇ ساپ، يېنىك، تۆشۈكلۈك، ئاسان ئۇۋۇلىدۇ. رەڭگى سېرىق، كالا تېرىسىدىن ياسالغان يار يېلىمىغا ئوخشايدۇ. سۇغا سالسا سۈتتەك ئاق بولىدۇ، تىلنى ئېچىشتۇرىدۇ. بۇنداق بولمىغىنى ساختا ھېسابلىنىدۇ.

تەبىئىتى: ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

شىپالىق رولى: پارقىرىتىش، ئىششىق ۋە يەل تارقىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، سەپرا ۋە شىلىمشىق ماددىلارنى چىقىرىش، ئەزالارنىڭ پائالىيىتىنى كۈچەيتىش، ئارتۇق خىلىتلارنى سۈرۈپ چىقىرىش، قورساقتىكى ئۆلۈك ھامىلىنى چۈشۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: قەۋزىيەت، ئومۇمىي بەدەن سۇلۇق ئىششىقى، بوغۇم ئاغرىقلىرى، ئۈچەي قۇرتى، ئاشقازان ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى: چايان ۋە يىلان چېقىۋالغان ئورۇنغا سۈركىسە ئاغرىق پەسەيتىدۇ. تۇربۇت بىلەن قېتىپ يېڭى سېغىلغان سۈت قوشۇپ ناشتىدا ئىچسە ئاشقازان ۋە ئۈچەيلەردىكى قۇرتلارنى ئۆلتۈرىدۇ. سەۋدايى كېسەللىرىگە زەنجىۋىل ۋە تۇربۇت بىلەن قوشۇپ بېرىلىدۇ، قىزىلگۈل بىلەن بېرىلسە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئاشقازاندىكى ئارتۇق ماددىلارنى چىقىرىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى: 0.1-0.7 گرام.

زىيانلىق تەسىرى: قورساقتا ئاغرىش پەيدا قىلىدۇ، كۆڭۈلنى ئېلىشتۇرىدۇ، ئىسسىق مىزاج كىشىلەر ۋە يۈرىكى ئاجىز كىشىلەرگە ۋە بالىلارغا بېرىلمەيدۇ ھەم ئۆزىنى يەككە ھالەتتە سۈرگە ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

تۈزەتكۈچىسى: قىزىلگۈل سۈيى، رۇم بەدىيان، تۇخۇمنىڭ سېرىقى.

ئورۇنباسارى: سەبرى.

چىقىش ئورنى: تۈركىيە، شام، سۈرىيە، پەلەستىن، ئىراق قاتارلىق ئەللەردىن چىقىدۇ.

قوشۇمچە: سوقمۇنىيانى مەستىكى بىلەن بىرگە ئېزىپ ئۇنى بىر خالتىغا سېلىپ ئالما ياكى بېھىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن يېرىپ ئويۇپ قالغان قىسمى بىلەن بېكىتىپ، ئۈستىنى خېمىر بىلەن چاپلاپ تونۇرنىڭ ئوتىنى تارتىۋېتىپ ئۇنى تونۇردا قويۇپ تونۇر سوۋۇغاندىن كېيىن ئالسا پىشىدۇ. ئاندىن كېيىن خېمىرنىڭ ئارىسىدىن ئېلىپ سايىدا قۇرۇتۇپ شېشىگە سېلىپ ساقلاپ ئىشلىتىدۇ.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button