ساغلاملىق بىلىملىرى

سۆڭەك سىلى

قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى

بۇ كېسەللىك، سىل جاراسىملىرىنىڭ سۆڭەككە چۈشۈشى سەۋەبىدىن بولىدىغان يەرلىك ئورۇن ئاغرىش، قىزىتما، ئۇزاققا داۋام قىلغان ئومۇمىي بەدەنلىك يەڭگىل قىزىتما ۋە كېسەللەنگەن ئورۇننىڭ توقۇلمىلىرى بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن ھەرىكىتى توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر.

كېسەللىك ھەققىدە

سەۋەبى:

سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، سىل جاراسىملىرىنىڭ سۆڭەككە چۈشۈشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى:

ئالامىتى: يەرلىك ئورۇن ئاغرىش، قىزىتما، ئۇزاققا داۋام قىلغان ئومۇمىي بەدەنلىك يەڭگىل قىزىتما ۋە كېسەللەنگەن ئورۇننىڭ توقۇلمىلىرى بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن ھەرىكىتى توسالغۇغا ئۇچراش، ئاخىر بېرىپ كېسەللەنگەن ئورۇننىڭ شەكلى ئۆزگىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

داۋالاش ئۇسۇلى

1-رېتسېپ

تەركىبى:

تەركىبى: زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن كۇچۇلا 100 گىرام، يىلان گۆشى 360 گىرام، قىزىل سىر 60 گىرام، چايان 20 گىرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.

تەييارلاش ئۇسۇلى:

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى:

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

تەركىبى:

تەركىبى: قوۋزاقدارچىن، قەلەمپۇر، خولىنجان، قاقىلە، زەنجىۋىل، جويۇز 7 گىرامدىن، سۇ ئىككى لىتىر.

تەييارلاش ئۇسۇلى:

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇدا 15 مىنۇت قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى:

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم يەرلىك ئورۇن يۇيۇلىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى:

تەركىبى: زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن كۇچۇلا 18 گىرام، گاۋزىبان گۈلى، زۆرەنباد، ئۈستقۇددۇس، كەتىرا، نارجىل، چىلغوزا، شاقاقۇل، لاچىندانە ئالتە گىرامدىن، ئاق سەندەل، قەلەمپۇر ئۈچ گىرامدىن، ئامىلە، قارا ھېلىلە 15 گىرامدىن، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.

تەييارلاش ئۇسۇلى:

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل ئۈستىگە سېلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى:

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 2 ~ 5 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button