ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرى

شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك مېڭە كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى

شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك مېڭە كېسەللىكلىرى خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك مېڭە كېسەللىكلىرىنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىي قىلىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىكنىڭ بىر قەدەر ئېغىرلاشقان باسقۇچى بولۇپ، بۇ باسقۇچتا مېڭىنىڭ نورمال ئاناتومىيىلىك تۈزۈلۈشىدە ئۆزگىرىش يۈز بىرىپ فىزىئولوگىيەلىك خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. شۇڭا بۇ باسقۇچتا داۋالاشنى چىڭ تۇتۇش ئىنتايىن زۆرۈر.
بۇ خىل شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك مېڭە كېسەللىكلىرىنى داۋالاش جەريانى تۆۋەندىكىچە:
1)مۇنزىچ، مۇسھىل بېرىش.
بۇنىڭدا كېسەللىك قايسى خىلدىكى غەيرىي تەبىئىي خىلىت سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇشتا سۆزلەنگەن شۇ خىل غەيرىي تەبىئىي خىلىتقا ماس بولغان مۇنزىچ، مۇسھىل دورىلىرى تەركىبىگە شۇ خىل كېسەللىكنىڭ خاراكتىرىگە ماس كېلىدىغان تاللانما تەسىرلىك يەككە دورىلارنى قوشۇپ تەييارلاپ بېرىش ئارقىلىق بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ.
مەسىلەن: ياللۇغلىنىش خاراكتىرلىك كېسەللىك  بولسا ياللۇغش قايتۇرغۇچى دورىلاردىن يەرلىك شوخلا، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، چۆبچىن قاتارلىقلار. توسۇلۇش خاراكتىرلىك كېسەللىكلەر بولسا توسالغۇلارنى ئاچقۇچى دورىلاردىن ئەفتىمون، شاھتەررە، بىستپايەنجى قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ تەييارلاپ بېرىش كېرەك.
2)ئاساسىي داۋالىغۇچى دورىلارنى بېرىش.
بۇنىڭغا ئاساسەن مۇرەككەپ (پىششىق) دورىلار ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن: ياللۇغلىنىش خاراكتىرلىك بولسا مەتبۇخ ھېلىلە، ئەرقى شاھتەررە، ئىترىفىل چۆبچىن، مەجبنى ئۆشبە… قاتارلىقلار. توسۇلۇش خاراكتىرلىك كېسەللىكلەر بولسا ئەرقى كاسىنە، مەتبۇخ ئەفتىمۇن، ئېتىرفىل ئۈستقۇددۇس، ھەبىبى قوقىيا… قاتارلىقلار. ئۆسمە خاراكتىرلىك كېسەللىكلەر بولسا مەتبۇخى خيار شەنبار، مەتبۇخ شاھتەررە بىرىلىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا ئوپراتسىيە قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىدۇ.
3)   يېمەك ئىچمىكى.
كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق كېلىدىغان يېمەك- ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ. مەسىلەن: قۇشقاچ گۆشى، كەپتەر گۆشى، شوۋىگۈرۈچ، ئارپا ئېشى، يۇمغاقسۈت، كەرەپشە، ئوسۇڭ، چىلان، ئالقات، ئاپېلىسن … قاتارلىقلار.
4)    باشقا خىل داۋالاش ئۇسۇللىرى.
روھىي داۋالاش، ئارام ئالدۇرۇپ داۋالاش، ئۇخلىتىپ داۋالاش، ئىسسىق ياكى سوغۇق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش، قان ئېلىپ داۋالاش، چۈشكۈرتۈپ داۋالاش، ياغلاپ داۋالاش… قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ ماس كېلىدىغانلىرى تاللاپ قوللىنىلىدۇ.
5)    پەرھىز
زىيادە ئىسسىق ياكى زىيادە سوغۇق تەبىئەتلىك دورىلار ھەم غىدىقلاش خۇسۇسىيتى كۈچلۈك بولغان مايلىق، تەستە ھەزىم بولىدىغان يېمەك- ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: زىيادە سوغۇق تەبىئەتلىك دورىلار كافۇر، لىمون، قارا ئۆرۈك… زىيادە ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلار كۇچۇلا، قىچا، جەدۋار… يېمەك- ئىچمەكلەر تۇزلانغان گۆش، تۇخۇم پوشكىلى، سامسا، پىياز، كۈدە… قاتارلىقلار.
ئۇنىڭدىن باشقا ئىسسىق ياكى سۇغۇق مۇھىتتا تۇرۇش، زىيادە قىززىق ياكى زىيادە سۇغۇق سۇدا  يۇيۇنۇش، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىش، كۆپ ئۇخلاش ياكى ئۇخلىماسلىق، غەم- قايغۇ، روھىي ئازاب چىكىش ياكى ھەددىدىن زىيادە ھاياجانلىنىش، غەزەبلىنىش، خۇشاللىق قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ.
6)    مېڭە ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى، بەدەننىڭ «تەبىئەت»
كۈچىنى ئاشۇرغۇچى دورىلار بىرىلىدۇ. مەسىلەن: خېمىرى مەرۋايىت، خېمىرى گاۋزىبان ئەنبىرى، شەربىتى رەيھان، لوبۇبى كەبىر، دائىلمىشكى… قاتارلىقلار.

ئۇيغۇر تېبابىتى داۋالاش ئۇسۇللىرى ئىلمى ناملىق كېتابتىن ئېلىندى.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button