ساغلاملىق بىلىملىرىنەپەس يولى كىسەللىكلىرى

بۇرۇن ياللۇغى

بۇرۇن ياللۇغى ئىچكى-تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەدەندىكى قان، بەلغەم، سەپرا خىلىتلىرىدا غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىش بولۇپ، بۇرۇن بوشلۇقىدىكى شىللىق پەردىلەر ياللۇغلىنىپ، كىلىنىكىدا باش ئاغرىش، قىزىش، بۇرۇن ئىچى قىچىشىش، كۆپ چۈشكۈرۈش، بۇرۇن پۈتۈش، پۇراش سېزىمى ئاجىزلاش، بۇرۇن بوشلۇقىدىكى شىللىق پەردىلەر قىزىرىپ ئىششىش، ھەم بۇرۇندىن ھەر خىل ئاجرالما سۇيۇقلۇقلار ئېقىپ، چىقىش قاتارلىق تىپىك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

 

غەرب تېبابىتى نامى بۇرۇن ياللۇغى
كېسەللىك سەۋەبى ھەرخىل چاڭ-توزان، سېسىق پۇراق، ئىس-تۈتەكلەرنىڭ غىدىقلىشى، زۇكام، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئاسارىتى ۋە سوغۇق ئۆتۈش
تەۋە بۆلۈم قۇلاق – بۇرۇن – كېكىردەك بۆلۈمى
كېسەللىك ئورنى بۇرۇن
ئاساسلىق ئالامىتى بۇرۇن ئىچى قىزىرىش، قىچىشىش، ئاغرىش، دىماق پۈتۈش، باش چىڭقىلىپ ئاغرىش، چۈشكۈرۈش
خەنزۇچە نامى 鼻炎
يۇقۇملىنىشى ھەرقايسى تۈرلىرىنىڭ ئوخشاش ئەمەس
ئىنگلىزچە نامى rhinitis

مۇندەرىجە

  • 1سۈرەت ۋە ۋىدىيولار
  • 2كېسەللىك ھەققىدە
  • جىددى خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى
  • ئاستا خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغ
  • يىگىلىشچان بۇرۇن ياللۇغى
  • زىيادە سېزىمچان بۇرۇن ياللۇغى
  • بۇرۇن كاۋاكچە ياللۇغى
  • دورا خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى
  • 3داۋالاش ئۇسۇلى
  • 1-رېتسېپ
  • 2-رېتسېپ
  • 3-رېتسېپ
  • ئوزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاش
  • 4پەرۋىش تەدبىرى:

1سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۈرەتلەر

2كېسەللىك ھەققىدە

بۇرۇن ياللۇغى مەلۇم يۇقۇشچانلىق خۇسۇسىيەتكە ھەم تارقىلىشچانلىققا ئىگە بولۇپ، كۆپىنچە، نەپەس يوللىرى ئارقىلىق يۇقۇپ تارقىلىدۇ. ھەم تەكرار قوزغىلىدۇ. ئەتىياز پەسلىدە كۆپ كۆرىلىدۇ.

سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئىرسىيەت ئامىلى ۋە ھەرخىل چاڭ-توزان، سېسىق پۇراق، ئىس-تۈتەكلەرنىڭ غىدىقلىشى، زۇكام، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئاسارىتى ۋە سوغۇق ئۆتۈش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: بۇرۇن ئىچى قىزىرىش، قىچىشىش، ئاغرىش، بەزىدە ئومۇمىي بەدەن قىزىتىش، دىماق پۈتۈش، باش چىڭقىلىپ ئاغرىش، چۈشكۈرۈش، بۇرۇن شىللىق پەردىلىرى قىزىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

جىددى خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى

جىددى خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغىنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش-كۆپرەك سۇ ئىچىپ بېرىش، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، قىزىپ قالغاندا ۋاقتىدا دەم ئېلىش، ئىسسىق تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقىۋېلىش، ئاسان ھەزىم بولىدىغان سۇيۇق تاماقلارنى يېيىش، تەرلىتىدىغان دورىلارنى ئىستېمال قىلماسلىق، جوڭيىچە دورىلارنى يېنىك دۈملەپ كۆپ قېتىم ئىستېمال قىلىش، دورا ئىستېمال قىلغاندا سوغۇق، چۈچۈمەل نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك.

ئاستا خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغ

بۇ خىل بۇرۇن ياللۇغىنىڭ ئاساسلىق ئالامىتى بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، بۇرۇن ئاجرالمىلىرى كۆپىيىش ۋە بۇرۇن شىللىق پەردىسى ئىششىپ سۇيۇقلۇق چىقىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بەك ئېغىر بولغاندا قېلىنلاش خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغىدا توقۇلمىلار ئۆسكەنلىكتىن، بۇرۇن شىللىق پەردە يۈزى قوپاللىشىپ، سىلىق ھالىتىنى يوقىتىدۇ، تۆۋەنكى بۇرۇن قالقىنى ئۈجمىسىمان ئۆزگىرىدۇ.

ئاستا خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغىنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش-بەدەن چېنىقتۇرۇشقا دىققەت قىلىش، مۇۋاپىق تەنھەرىكەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش، ھەر كۈنى ئەتىگەندە سوغۇق سۇ بىلەن يۈزىنى يۇيۇش(بۇنداق قىلغاندا بۇرۇن بوشلۇقى پەردىسىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ)، ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىپ، قېلىن كىيىنىش، بۇرۇن پۈتۈپ قالغاندا قالايمىقان كۈچىمەسلىك، چوڭ تەرەتنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، كەيپىياتنى ياخشى تۇتۇش، ئۇزۇن مۇددەت قان-تومۇر تارايتىدىغان بۇرۇن تېمۇتقۇچلارنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك، مەسىلەن ئېفېدرىن قاتارلىق.

يىگىلىشچان بۇرۇن ياللۇغى

بۇرۇن پۈتۈش، بۇرۇن بوشلۇقى سېسىق پۇراش، باش ئاغرىش ۋە پۇراش سېزىمى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

يىگىلىشچان خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغىنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش-مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇش، ھەر كۈنى بۇرنىنى تازىلاپ تۇرۇش، كۈندە بۇرۇن پەللىسىنى ئۇۋىلاپ بېرىش، ھاۋا قۇرغاق مەزگىللەردە سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقىۋېلىش ياكى مايلىق بۇرۇن تېمىتمىسى تېمىتىۋېلىش، مەسىلەن يالپۇز مېيى. ھاراق-تاماكىدىن يىراق تۇرۇش، مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش، چوڭ تەرەتنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاش، قول بىلەن بۇرۇننى كۈچەپ كوچىلىماسلىق، ئاچچىق ۋە قۇرۇق ئىسسىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك.

زىيادە سېزىمچان بۇرۇن ياللۇغى

زىيادە سېزىمچان بۇرۇن ياللۇغى بۇرۇن قىچىشىش، بۇرۇن پۈتۈش، سۈزۈك ماڭقا ئېقىش، توختىماي چۈشكۈرۈش قاتارلىق ئالامىتى بار.

زىيادە سېزىمچانلىق بۇرۇن ياللۇغىنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش-ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل زىيادە سېزىمچانلىق مەنبەسىدىن يىراق تۇرۇش، قان-تومۇرلارنى تارايتىش رولىغا ئىگە دورىلارنى كۆپ ئىشلەتمەسلىك، سوغۇق، قۇرغاق ھاۋادا سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقىۋېلىش، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

بۇرۇن كاۋاكچە ياللۇغى

بۇرۇن پۈتۈش، سېسىق يىرىڭلىق ماڭقا ئېقىش، باش ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

دورا خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى

ئاساسلىق ئالامىتى بولسا ئىككىلا تەرەپ بۇرۇن تۆشۈكى پۈتۈپ قېلىش، بۇرۇن قۇرغاقلىشىش، كۆيۈشكەندەك ئاغرىش، بۇرۇن شىللىق پەردىسىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى قان تولۇپ قېلىشتىن ئاقىرىپ سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇپ قېلىشتەك ئۆزگىرىش بولىدۇ. تىپىك بولغاندا شىلىمشىق پەردە بىنەپشە رەڭدە بولىدۇ. [2]

3داۋالاش ئۇسۇلى

1-رېتسېپ

تەركىبى: قاپاق يېغى، يۇمغاقسۈت سۈيى، ئەرقى گۈل تەڭ مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە 3 ~ 4 قېتىم بۇرۇنغا تېمىتىلىدۇ.

2-رېتسېپ

تەركىبى: سېرىقماي ئالتە گىرام، ئاچچىق ئانار سۈيى سەككىز گىرام، ھەسەل 150 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: ھەسەلنى ئېرىتىپ، سېرىقماي ۋە ئانار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە تۆت قېتىم بۇرۇن ئۈستىگە چېپىلىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: ھۆل ئىتئۈزۈمى، كاكىنەچ تەڭ مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سىقىپ سۈيىنى ئېلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم پەلكۈچ ئارقىلىق بۇرۇنغا سۈركىلىدۇ.

ئوزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاش

بۇرۇن ياللۇغىبۇرۇن ياللۇغى قىش پەسلىدە كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ كىشىلەرگە ئاز بولمىغان قولايسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇنى ئەڭ ياخشىسى ئوزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالىغاندا بەدەنگە ئەكس تەسىرى بولمايلا قالماستىن يەنە ئۈنۈملۈك داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

  • ماگنولىيە گۈلىدە پىشۇرۇلغان تۇخۇم .
  •  ئاستا خاراكتېرلىك بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى، بۇرۇندىن ماڭقا ئېقىشنى داۋالاشتا ماگنولىيە گۈلىدىن 15 گىرامنى قۇم قازانغا سېلىپ، ئىككى چېنە پاكىز سۇ قۇيۇپ قاينىغاندىن كىيىن   ،پىشۇرۇلغان تۇخۇمىنىڭ پوستىنى ئايرىۋېتىپ ئۇششاق تۆشۈك تېشىپ قۇم قازانغا قايتىدىن ئۆت يېقىپ، تۇخۇمنى يالپاقلاپ قاينىتىپ شورپا قىلىپ ئىچىلىدۇ
  • جۇخارگۈل –بېلىق شورپىسى
  • يىگىلەپ قالغان ئاستا خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى، كۆپ قوزغىلىدىغان زۇكامنى داۋالاشتا : بېلىقنىڭ بېشىدىن 100 گىرامنى پاكىز يۇيۇپ قىزىتىلغان مايدا ئىككى تەرىپىنى بوش پىشۇرۇپ، 15 گىرام    ئۇرۇقى ئېلىۋېتىلگەن چىلاننى پاكىز يۇيۇپ، جۇخار گۈلدىن 30 گىرام، بايناق 15 گىرام، بۇدۇشقاق ئۇرۇقى 10 گىرام، زەنجىۋىل 3 پارچىنى قۇم قازانغا سېلىپ بېلىق بېشى بىلەن بىللە قاينىتىپ شورپىسى ئىچىلىدۇ.
  • كەتىرا ئۇمىچى
  • زىيادە سەزگۈر خاراكتېردىكى بۇرۇن ياللۇغىنى داۋالاشتا كەتىرا 400 گىرام، بايناق 230 گىرام، كەۋرەك 240 گىرام، چۈچۈكبۇيا 60 گىرام گۈرۈچ 20 گىرام (ھەر كۈنى) گۈرۈچتىن باشقىلىرىنى ئۇششاق ئېزىپ ئارىلاشتۇرۇپ قۇرۇتۇلغان ئىدىشقا سېلىپ ساقلىنىدۇ. 400 گىرام سۇ بىلەن گۈرۈچنى قازاندا كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىلىدۇ. ئاندىن ئاجىز ئوتتا يەنە 20 مىنۇت قاينىتىپ 10 گىرام ئېزىلگەن ئارىلاشمىنى قازانغا سېلىپ ئاجىز ئوتتا 5 مىنۇت قاينىتىلىپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
  • جۈخار ئۇمىچى
  • پاكىز ئېرىغدالغان جۈخار گۈلى ۋە ئۈجمە يوپۇرمىقىدىن 15 گىرام، يۇمىلاق شال گۈرۈچى 60 گىرامنى بىرلىكتە قاينىتىپ ئىستېمال قىلىنسا ئاستا خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
  • ماگنولىيە گۈلى پۇرچاق ئۇيۇتمىسى شورپىسى
  • ماگنولىيە گۈلىدىن 15 گىرام، پۇرچاق ئۇيۇتمىسىدىن 250 گىرامنى بىرلىكتە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە بۇرۇن توسۇلۇپ قىلىش، ماڭقا ئېقىش، باش چىڭقىلىپ ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا قىلىدۇ. [0]

 

 

 

4پەرۋىش تەدبىرى:

بۇرۇن ياللۇغى1. سوغۇقتىن ساقلاندۇرىلىدۇ، ئىسسىق تۇتۇشقا دىققەت قىلدۇرۇلىدۇ، مۇھىت تازىلىقى كۈچەيتىلىدۇ، قايتا زۇكام بولۇشتىن ساقلاندۇرىلىدۇ، قوشۇپ يۇقۇملانغاندا مۇۋاپىق دەم ئالدۇرىلىدۇ، كۆپرەك قايناق سۇ ئىچكۈزۈلىدۇ، تاماكا چەككۈچىلەرگە تاماكا چەكمەسلىك توغرىسىدا نەسىھەت قىلدۇرۇلىدۇ .

2. كېسەللىك قوزغاتقۇچى ئامىللاردىن يىراق تۇتۇلىدۇ، ياتاقنىڭ تېمپېراتۇرىسى تەڭشەپ تۇرۇلىدۇ، بىمارغا پاكىزە ئازادە بولغان مۇھىت ھازىرلاپ بېرىلىدۇ .

3. غىدىقلىغۇچى ئامىللاردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ، نەپەس يوللىرىنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ .

4. بىمارغا روھى جەھەتتىن خۇشال تۇتۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ. ساقىيىشقا بولغان ئىشەنچىسى ئاشۇرىلىدۇ. قايتا-قايتا يۇقۇملىنىشتىن ساقلاندۇرىلىدۇ. ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشتىن ساقلاندۇرىلىدۇ. ئەگەشمە كېسەللىكنىڭ ئەھۋاللىرى پەيدا بولدىمۇ-يوق؟ كۆزىتىلىدۇ ۋە دوختۇرغا مەلۇم قىلىنىدۇ.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.

Back to top button