ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرىساغلاملىق بىلىملىرىنەپەس يولى كىسەللىكلىرى

زىققە

زىققە كېسىلى بولسا كۆپ خىل ھۈجەيرە بىلەن ھۈجەيرە تەركىبلىرى سەۋەبىدىن بولىدىغان سوزۇلما نەپەس يولى ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىك ،ئادەتتە كەڭ ھەم ئۆزگىرىشچان قايتمىلىق ھاۋا ئېقىمى چەكلىمىگە ئۇچراش سەۋەبىدىن ، تەكرار قوزغىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .

غەرب تېبابىتى نامى زىققە
كېسەللىك سەۋەبى زۇكامنىڭ نەزلىسى، يۈرەكتە قان قېيىش ۋە بەدەندە بەلغەم خىلىتى ئېشىپ كېتىش تەسىرىدىن ئۆپكىدە قويۇق بەلغەم يىغىلىپ قېلىش، نەپەس يوللىرى ياللۇغلانغاندىن كېيىن ئۇزاققىچە ساقايماسلىق
تەۋە بۆلۈم نەپەس كېسەللىكلىرى بۆلۈمى
كېسەللىك ئورنى شاخچە كاناي
ئاساسلىق ئالامىتى نەپەس قىيىنلىشىش، بىمار ياتالماي ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولۇش، تىنىقى چىقماي، چىرايى قىزىرىپ كېتىش، بەزىدە ئىسقىرتقاندەك ئاۋاز چىقىرىپ نەپەسلىنىش، كۆپۈكلۈك بەلغەم چىقىرىش ۋە كالپۇك، بارماقلىرى كۆكىرىش
خەنزۇچە نامى 支气管哮喘
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ
ئىنگلىزچە نامى bronchial asthma

مۇندەرىجە

  • 1سۈرەت ۋە ۋىدىيولار
  • 2تەبىرى
  • 3كېسەللىك ھەققىدە
  • 4ئالامىتى:
  • 1. كېسەللىك قوزغالغان دەۋرىدىكى ئالامەتلەر:
  • 2. زىققىنىڭ داۋاملىشىش ھالىتىدىكى ئالامەتلەر:
  • 5كېسەللىك ئۆزگىرىشى
  • 6دىئاگنوزى
  • 1. تىپىك كېسەللىك ئالامىتى ۋە كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.
  • 2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.
  • 7سېلىشتۇرما دىئاگنوزى
  • 1. يۈرەك مەنبەلىك زىققىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.
  • 2. ھاسىراش تىپلىق كانايچە ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.
  • 3. ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.
  • 8داۋالاش ئۇسۇلى
  • 1-رېتسېپ
  • 2-رېتسېپ
  • 3-رېتسېپ
  • 9دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
  • 10ئاقىۋىتى

1سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۈرەتلەر

  • تۈر1

2تەبىرى

ھەرخىل سەۋەبلەردىن كانايچە سىلىق يوللۇق مۇسكۇللار ياللۇغلىنىپ، كانايچىلار تارىيىپ ياكى سپازمىلىنىپ، كلىنىكىدا تۇتقاقلىق دەم سىقىلىش، نەپەس چىقىرىش خاراكتېرلىك نەپەس قىيىنلىشىش، كۆكرەك سىقىلىش، يۆتىلىش، ئۆپكە ساھەسىدىن زىققە تاۋۇشى ئاڭلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان، جىددىي چارە قىلمىغاندا نەپەس توختاپ ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەردە بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ.

كانايچە زىققىسى ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «رەبو» دەپ ئاتىلىدۇ.

3كېسەللىك ھەققىدە

زىققەسەۋەبى: 

1. گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خل غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى كانايچە شىللىق پەردىلىرىگە تەسىر قىلغاندا، يېتەرلىك ئورۇندىكى ماددا ئالمىششىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ، كاناي شىللىق پەردىلىرى ۋە سىلىق يوللۇق مۇسكۇللىرىنى غىدىقلاپ، ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كانايچىلار تارىيىپ سپازمىلىنىپ كانايچە زىققىسى كېلىپ چىقىدۇ.

2. بەلغەم خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى كاناي ۋە كانايچە ماددا ئالمىششىنى سۇسلاشتۇرۇپ، توقۇلما شىللىق پەردىلەردىكى تەبىئىي قۇۋۋەتلەرنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ھەرخىل جاراسىملارنىڭ كىرىشى ۋە ئۆسۈپ كۆپىيىشىگە شەرت ھازىرلاپ، كانايچە سىلىق يوللۇق مۇسكۇللىرىنى كۈچلۈك غىدىقلاپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كانايچىلار تارىيىپ، سپازمىلىنىپ بۇ كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتى كاناي ۋە كانايچە شىللىق پەردىلىرىگە تەسىر قىلغاندا توقۇلما ئارىلىقىدا چۆكمىگە چۈشۈپ ماددا ئالماشتۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلىش بىلەن توقۇلما شىللىق پەردىلەرنىڭ روھىي ھايۋانى بىلەن ئوزۇقلىنىشى ۋە چىقىرىندى ماددىلارنىڭ تۇرۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ چىقىرىندى ماددىلار يەرلىك ئورۇننى غىدىقلاپ زەخىملەندۈرۈپ ياللۇغلاندۇرۇپ، بۇنىڭ بىلەن كانايچە بوشلۇقى تارىيىپ ۋە سپازمىلىنىپ كانايچە زىققىسى كېلىپ چىقىدۇ.

4. زىيادە سېزىمچانلىق پەيدا قىلىدىغان ئامىللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

چاڭ-توزان، گۈل چاڭلىرى، ھايۋانات مويلىرى، ئىس-تۈتەك، ماي پۇرىقى، بۇزۇلغان يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ پۇراقلىرى، ھايۋانات ئاجرالمىلىرى، ھەر خىل ئوكۇللارنىڭ پۇراقلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى بىلەن كانات ۋە كانايچىلەردىكى ئاداشقان نېرۋىنىڭ سېزىمچانلىقى زىيادە ئېشىپ، تەدرىجىي كانايچىلارنىڭ سپازمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، يۇقىرى ئامىللارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تەسىر قىلىشى بىلەن كاناي ۋە كانايچىلار تەكرار غىدىقلىنىپ، تەبىئەت ئاجىزلاپ، ياللۇغلىنىش بولۇپ، كانايچىلارنىڭ تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇ كېسەللىككە سەۋەبچى بولىدۇ.

5. ئىرسىيەت ئامىلى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا زىققە كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغانلارنىڭ 25% ئېرسىيەتلىك ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.

6. روھىي، نېرۋا ئامىللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

پاسسىپ روھىي كەيپىيات ئامىللىرى چوڭ مېڭە پوستلاق خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئاداشقان نېرۋىنىڭ سېزىمچانلىقىنى زىيادە ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كاناي ۋە كانايچىلاردىكى سىلىق يوللۇق مۇسكۇللار ۋە قان تومۇرلار تارىيىپ، سپازمىلىنىپ بۇ كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

7.نەزلە سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

نەزلە سۇيۇقلۇقى كانايچىلارنى غىدىقلاپ، تەدرىجىي ياللۇغلاندۇرۇپ، كانايچىلارنى تارايتىپ، سپازمىلاندۇرۇپ، بۇ كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قوزغاتقۇچى ئامىللار:

زۇكان بولۇش، سوغۇق ئۆتكۈزۈۋېلىش، تاماكا چېكىش، مۇھىت بۇلغىنىش، چاڭ-توزان، ئىس-تۈتەك، گۈل چاڭلىرى، سىر پۇرىقى، ھايۋانات ئاجرالمىلىرى ۋە بۇزۇلغان يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ پۇرىقى، نەم، زەي ئورۇنلارنىڭ پۇراقلىرى، روھىي جىددىيلىك، زىيادە چارچاش، غەم-ئەندىشە قىلىش، قورقۇش، ھاياجانلىنىش، كۆپ ھەرىكەت قىلىش، ھەيز قالايمىقانلىشىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى زىققىنى قوزغاتقۇچى ئامىل ھېسابلىنىدۇ.

4ئالامىتى:

1. كېسەللىك قوزغالغان دەۋرىدىكى ئالامەتلەر:

بىماردا كۆپىنچە ئالدى بىلەن كۆكرەك قىسمى چىڭقىلىش ياكى تۇنجۇقۇش سېزىمى بولۇپ، تۇيۇقسىز نەپەس چىقىرىش خاراكتېرلىك نەپەس قىيىنلىشىش، زىققە تاۋۇشى ئاڭلىنىش كۆرۈلىدۇ. نەپەس چىقىرىش دەۋرى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئۇزىرايدۇ. زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ نەپەس ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. »ئۈچ ئويمانلىشىش بەلگىسى« كۆرۈلىدۇ. باشلىرى تەرلەپ، ئېغىز كالپۇكلىرى كۆكىرىدۇ. كېسەل كۆپىنچە يېرىم سائەتتىن بىر قانچە سائەتكىچە داۋاملىشىپ، ئاز مىقداردا شىلىمشىق بەلغەم سۇيۇقلۇقىنى تۆكۈرۈپ چىقارغاندىن كېيىن ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ. ئىچكى مەنبەلىك زىققە كۆپىنچە تەدرىجىي پەيدا بولۇپ، كېچىدە قوزغىلىدۇ، تۇتۇشى يەڭگىل، داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزۇن بولىدۇ.

2. زىققىنىڭ داۋاملىشىش ھالىتىدىكى ئالامەتلەر:

زىققىنىڭ تۇتۇشى ئېغىر بولۇپ، 24سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشسا زىققىنىڭ داۋاملىشىش ھالىتى دېيىلىدۇ. بىماردا نەپەس قىيىنلىشىش كۆرۈنەرلىك بولۇپ، كالپۇك، بارماق ئۇچلىرىدا كۆكىرىش ناھايىتى روشەن بولىدۇ. پۈتۈن بەدەن تەرلەيدۇ، چىرايى تاتىرىدۇ، پۇت-قوللار سوۋۇپ، يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىدۇ، نەپەس يۈزە ھەم تېز بولىدۇ.

نەپەس چىقارغاندا بويۇن ۋېناسى كۆپىدۇ، كالپۇك، پۇت-قول بارماقلىرى كۆكىرىدۇ، كۆكرەك قەپىزى چوڭىيىدۇ، ئۆپكىنى چېكىپ تەكشۈرگەندە، زىيادە ئوچۇق تاۋۇش ئاڭلىنىدۇ، يۈرەك بوغۇق تاۋۇش دائىرىسى كىچىكلەيدۇ، ئىككى  ئۆپكىدىن غاژ-غۇژ تاۋۇشى ئاڭلىنىدۇ. ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىش بولغاندا ھۆل خىرىپ ئاڭلىنىدۇ. نەپەس چىقىرىش دەۋرى ئۇزىراپ، نەپەس تاۋۇشى بىلەن ئارىلىشىپ ئېنىق ئاڭلانمايدۇ، «ئۈچ ئويمانلىشىش بەلگىسى» ئېنىق ئىپادىلىنىدۇ.

5كېسەللىك ئۆزگىرىشى

كانايچە سىلىق يوللۇق مۇسكۇلى قېلىنلىشىپ، شىللىق پەردىلەرگە قان تولىدۇ، سۇلۇق ئىششىق بولىدۇ، كانايچە شىللىق پەردە دىۋارىدىكى شىلىمشىق بەزلەرنىڭ ئاجرىتىپ چىقىشى كۈچىيىپ، كانايچە بوشلۇقى تارىيىدۇ. ئېغىر بولغاندا كانايچىلار بوشلۇقى تارىيىپ توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

6دىئاگنوزى

1. تىپىك كېسەللىك ئالامىتى ۋە كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

تۇتقاقلىق دەم سىقىلىش، نەپەس چىقىرىش خاراكتېرلىك نەپەس قىيىنلىشىش، كۆكرەك سىقىلىش، يۆتىلىش، ئۆپكە ساھەسىدىن زىققە تاۋۇشى ئاڭلىنىش، كۆكىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولۇش بىلەن بىرگە ئىلگىرى تەكرار زىققا كېسىلى تۇتقاقلىق تارىخى بولىدۇ.

2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

1) قاننى ئادەتتىكىچە تەكشۈرگەندە كىسلاتا خومار دانچىلىق ھۈجەيرىلەرنىڭ سانى كۆپىيىدۇ، يۇقۇملىنىش قوشۇلۇپ كەلگۈچىلەردە ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى كۆپىيىدۇ.

2) ئۆپكىنى رەسىمگە ئېلىپ تەكشۈرۈش:

دەسلەپتە ئۆپكە سايىسى ناھايىتى  ئوچڭق كۆرۈنىدۇ. قوشۇمچە يۇقۇملىنىش قوشۇلۇپ كەلگۈچىلەردە ئۆپكە سىزىقچىلىرى سۇسلىشىدۇ.

3) نەپەسلىنىش ئەھۋالى تەكشۈرۈلىدۇ:

زىققە ئېغىر دەرىجىدە قوزغالغاندا نەپەس چىقىرىش كۆرسەتكۈچلىرى تۆۋەنلەيدۇ، يەنى بىر سېكۇنت ئىچىدە كۈچەپ نەپەس چىقاراندىكى ھاۋا مىقدارى، تېزلىكى تۆۋەنلەيدۇ.

7سېلىشتۇرما دىئاگنوزى

1. يۈرەك مەنبەلىك زىققىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى، تاجسىمان ئارتېرىيە خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى، رېماتىزم خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلار بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولۇش ۋە سول يۈرەك چوڭىيىشنىڭ ئىپادىلىرى كۆرۈلۈش، يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىش قاتارلىقلارغا ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

2. ھاسىراش تىپلىق كانايچە ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ياشانغانلاردا كۆپ ئۇچراش ۋە ئۆپكە تېگىدىن ھۆل ياكى قۇرۇق خىرىپ ئاڭلىنىش، بەلغەمنىڭ مىقدارى كۆپ بولۇش، تەكرار قوزغالغانلىق تارىخى بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

3. ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

تۇتقاقلىق قوزغىلىش ئالاھىدىلىكى بولماسلىق، تۇڭ كۆكرەك شەكىللىنىش، قوۋۇرغا ئارىلىقى كېڭىيىش، چېكىپ تەكشۈرگەندە زىيادە ئوچۇق تاۋۇش ئاڭلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەرگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

8داۋالاش ئۇسۇلى

1-رېتسېپ

تەركىبى: زىغىر 90 گىرام، قەردمانە 30 گىرام، ھەسەل مەلۇم مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، يەتتە گىرام دورىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئەرىقى گاۋزىبان بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

زىققەتەركىبى: سامساقتىن 50 گىرام، ئالقاتتىن 50 گىرام، ھەسەل مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەلنى چەككىلەپ، ئۈستىگە دورىلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا يەتتە تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: خەشخاش 150 گىرام، رۇببىسۇس، تاتلىق بادام مېغىزى، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى 15 گىرامدىن، قەنت 280 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: خەشخاشتىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ تالقانلاپ، خەشخاشنى سۇغا بىر سوتكا چىلاپ، يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، سىقىپ سۈزۈپ، قەنتنى سۈيىدە قىيام قىلىپ، ئۈستىگە تالقانلانغان دورىلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 15 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

9دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، زىيادە ئاچچىق-چۈچۈك يېمەك-ئىچمەكلەردىن ۋە سۈت، قايماق، سېرىق ماي قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان يېمەك-ئىچمەكلەردىن قۇشقاچ، پاختەك گۆشلىرى، ئۈگرە، شورپا، مائۇللەھىمى قاتارلىقلار بېرىلىدۇ.

3. كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن، ئېغىر جىسمانىي ھەرىكەت قىلىشتىن، زىيادە چارچاش، غەم-ئەندىشە قىلىشتىن، قورقۇشتىن، ئاچچىقلىنىشتىن، سوغۇق ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن، زۇكام بولۇشتىن، چاڭ-توزان، ئىس-تۈتەك، گۈل توزانلىرى، ھايۋانات ئاجرالمىلىرى، ھايۋانات مويلىرى بىلەن ئۇچرىشىشتىن، بۇزۇلغان يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ پۇراقلىرىنى پۇراشتىن، ھاراق ئىچىشتىن، تاماكا چېكىشتىن، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.

4. يەڭگىل ھەرىكەت قىلىش، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش، ئۆزىنى ئىسسىق ساقلاش، توغرا تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم.

10ئاقىۋىتى

ۋاقتىدا ياخشى داۋالاش ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە زىيادە سېزىمچانلىق پەيدا قىلىدىغان ئامىللاردىن يىراق تۇرغاندا كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ، ئەگەر ۋاقتىدا ياخشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىغاندا.

سوزۇلما كاناي ياللۇغى، توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى، سوزۇلما ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.[0]

 

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button