راك كېسىلىدە ئالدىن كۆرۈلىدىغان بىر قانچە ئالامەتلەر
1. بەدەننىڭ ھەرقانداق جايىدا مونەك پەيدا بولسا ياكى لىمفا تۈگۈنى چوڭىيىپ، قىزىرىش، ئاغرىش، قىزىش ئالامەتلىرى ئېنىق بولماي تەدرىجىي چوڭايسا لىمفا ئۆسمىسى ياكى يۆتكەلگەن راكمۇ-ئەمەسلىكىنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك .
2. مەڭ بارغانسېرى چوڭىيىپ يۈزى يېرىلىپ سۇيۇقلۇق سىرغىپ چىقسا ياكى شەلۋەرىسە، مەڭدىكى تۈكلەر تۇيۇقسىز چۈشۈپ، چوڭىيىپ شەلۋەرىسە، مەڭ يامانغا ئۆزگىرىپ قارا پىگمېنت ئۆسمىگە ئۆزگەرگەن –ئۆزگەرمىگەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇش لازىم،
3. تېرە سوزۇلما خاراكتېرلىك يارىسىنى ئۇزۇن مۇددەت داۋالىسىمۇ ساقايماي، ئۇنىڭ گىرۋىكىدە چېچەك سەيدەك مونەك ئۆسۈپ چىقسا تېرە راكىنى كۆزدە تۇتۇش لازىم،
4. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىلا ماڭقىسىنى ئىچىگە تارتىپ تۈكۈرگەندە قان ئارىلىشىپ كېلىشى ئارىلاپ كۆرۈلسە.
5. باشنىڭ بىر تەرىپى ئاغرىپ بىر تەرەپتىكى قۇلاق غوڭۇلدىسا ھەمدە بويۇندا مونەك پەيدا بولسا4-,5-ئىككى تۈردىكى ئەھۋاللار كۆرۈلسە بۇرۇن-يۇتقۇنچاق راكىنىڭ بار يوقلۇقىنى كۆزدە تۇتۇش لازىم.
6. بىر تەرەپتىكى بادام تەنچىسى چوڭىيىپ تەنچىسى تەدرىجىي چوڭىيىپ، قىزىش، ۋە ئاغرىشى ئالامەتلىرى بولمىسا، باكتېرىيەگە قارشى دورىلار بىلەن داۋالىسىمۇ ئۈنۈمى بولمىسا بادام تەنچە راكىنىڭ بار يوقلۇقىنى كۆزدە تۇتۇش لازىم.
7. سۈنئىي چىش ۋە چىرىگەن قالدۇق چىش دائىم تىل گىرۋىكىنى غىدىقلىغانلىقتىن يەرلىك ئورۇندا يارا قاتتىق تۈگۈن پەيدا بولۇپ داۋالىسىمۇ ساقايمىسا تىل راكىنى كۆزدە تۇتۇش لازىم
8. يۆتىلىپ يېقىندىن بۇيان يۆتەل تەرتىپى ئۆزگەرسە ياكى پات-پات قېقىلسا ھەم بەلغەمدىن قان كېلىپ كۆكرەكنىڭ مۇقىم بىر جايى ئاغرىسا ئۆپكە راكىنى كۆزدە تۇتۇش لازىم.
9. سەۋەبسىزلا ئاۋازى پۈتۈپ كۈنسايىن ئېغىرلاشسا داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى بولمىسا بوغۇز راكىنى ياكى باشقا ئورۇندىكى راك يۆتكىلىپ بوغۇز قايتقۇچى نېرۋىسىنى باسقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇش لازىم .
10. يۇتقاندا يېمەكلىك قىزىلئۆڭگەچتىن ئۆتكەندە سەل تۇرۇپ ئۆتسە ياكى راۋان بولماي ئاستا-ئاستا تەرەققىي قىلىپ قۇرغاق قاتتىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئۆتۈشى قىيىنلاشسا قىزىلئۆڭگەچ راكىنى كۆزدە تۇتۇش لازىم .
11. ئەسلىدە ئاشقازان كېسىلى بولۇپ ئاغرىق تەرتىپى تۇيۇقسىز ئۆزگەرسە ھەمدە ئاشقازان كۆيۈپ ئىشتىھاسىز بولۇپ ياداپ كەتسە .
12. ئەسلىدە ئاشقازان كېسىلى بولماي يېقىندىن بۇيان ئاشقازىنى يېقىمسىز بولسا 11-، 12-، تۈرلەردىكى ئەھۋاللار كۆرۈلسە ئاشقازان راكىنى كۆزدە تۇتۇش لازىم .
13. سەۋەبسىزلا تەدرىجىي ھالدا چىرايى تاتارسا (قان ئازلىق) ئاشقازان – ئۈچەي راكى، ئاق قان كېسىلى، ياكى كۆپ ئورۇندا پەيدا بولىدىغان يىلىك ئۆسمىسىنى كۆزدە تۇتۇش لازىم .
14. ئەسلىدە جىگەر كېسىلى بىلەن ئاغرىپ ياكى ھاراققا خۇمار بولۇپ قالغان، يېقىندىن بۇيان جىگەر رايونى يېقىمسىزلانسا، قورساقنىڭ ئوڭ يۇقىرى تەرىپىدە قاتتىق مونەك سىزىلسە جىگەر راكىنى كۆزدە تۇتۇش لازىم .
15. قورساقنىڭ يۇقىرى قىسمى جاھىل خاراكتېرلىك ئاغرىسا تۈز ياتقاندا ئاغرىق ئېغىرلىشىپ، ئولتۇرۇپ ئالدىغا ئېڭىشسە ياكى پۇتىنى يىغسا ئاغرىق پەسەيسە، ئاشقازان ئاستى بېزى ياكى باشقا ئورۇندىكى راكنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزىگە يۆتكەلگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك.
16. قىزىماي، ئاغرىماي، جىگەر ياللۇغى ئالامەتلىرىمۇ بولماي، كۆز ۋە تېرىگە سېرىق چۈشسە، ھەمدە بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، بىر ئايدىن ئارتۇق داۋاملاشسا ئاشقازان ئاستى بېزى راكىنى كۆزدە تۇتۇش لازىم .
17. چوڭ تەرەت ئادىتى ئۆزگىرىپ قېتىم سانى كۆپەيسە، ھەم تەرىتىدە شىللىق سۇيۇقلۇق ۋە قان بولسا ياكى چوڭ تەرىتىنىڭ شەكلى ئىنچىكە بولۇپ داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولمىسا ”S“ سىمان بوغماق ئۈچەي راكى ياكى تۈز ئۈچەي راكىنى كۆزدە تۇتۇش لازىم .
18. قىزىماي، ئاغرىماي قان سىيىش، ئارىلاپ قوزغالسا بۆرەك راكى ياكى دوۋساق راكىنى كۆزدە تۇتۇش لازىم.
19. جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كىيىن جىنسىي يول قانىسا .
20. ھەيز توختاپ بىر ئىككى يىلدىن كىيىن جىنسىي يولدىن قان كەلسە .
21. ئاق خۇن قان ئارىلاش كەلسە ياكى جىنسىي يولدىن گۈرۈچ يۇيغان سۇدەك سۇيۇقلۇق كەلسە 19-،20-21-تۈرلەردىكى ئەھۋاللار كۆرۈلسە بالىياتقۇ بوينى راكى ياكى بالىياتقۇ تېنى راكىنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك.
22. ئەسلىدە خەتنىلىكى قىسىۋېلىش ۋە خەتنىلىكى بەك ئۇزۇن بولۇپ، زەكەر بېشى قېلىنلاپ يىرىكلەشسە ياكى تۈگۈنسىمان مونەك شەكىللەنسە، ئاغرىمىسا زەكەر راكىنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك .
23. ياشانغان كىشىلەرنىڭ سىيىشى قىيىنلاشسا سۈيدۈك ئېقىمى ئىنچىكلىسە، پات-پات سىيگۈسى كېلىپ، كېچىسى كۆپ قېتىم سىيسە مەزى بېزى راكىنى كۆزدە تۇتۇش لازىم.
24. ئاياللارنىڭ سىرتقى جىنسىي ئەزاسى ئۇزۇن مەزگىل قىچىشىپ، شەلۋەرەپ، كىيىن تەرەققىي قىلىپ يارا پەيدا بولسا ياكى تۈگۈنسىمان چېچەك سەيدەك مونەك پەيدا بولسا ئاياللار سىرتقى جىنسىي ئەزاسى راكىنى كۆزدە تۇتۇش لازىم.
25. تۇز ياتقاندا بولۇپمۇ ئەتىگەندە ئويغانغاندىن كىيىن قورساقنىڭ تۆۋەن قىسمىدا مونەك سىزىلسە، تۇخۇمدان ئۆسمىسىنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك.
26. پۇت-قولنىڭ مەلۇم بىر چوڭ بوغۇمىغا يېقىن مۇقىم بىر ئورنى ئاغرىپ، كېيىن شۇ ئورۇن ئىششىسا ۋە مونەك پەيدا بولسا، داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى بولمىسا سۆڭەكنىڭ يامان سۈپەتلىك ئۆسمىسىنى كۆزدە تۇتۇش لازىم.
27. ئەمچەكتە مونەك پەيدا بولۇپ، تەدرىجىي چوڭايسا، تېرىگە يېپىشسا، تېرە تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولۇپ، ئاپلىسىن شۆپۈكىدەك ئۆزگەرسە.
28. ئەمچەك تۈگمىسى ئىچىگە كىرىپ، ئەمچەكنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ئۆزگىرىپ مونەك تومپىيىپ چىقسا.
29. ئەمچەك توپچىسى ئەمچەك دېغى شەلۋەرەپ ئۇزۇنغىچە ساقايماي ئەتراپقا كېڭەيسە، قىسقىسى27-،28-،29-دىن ئىبارەت بۇ ئۈچ تۈردىكى ئەھۋاللار كۆرۈلسە ئەمچەك راكىدىن گۇمان قىلىش كېرەك.
30. باش جاھىل خاراكتېرلىك ئاغرىسا، توڭلاش، قىزىش، ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىسە، ئۆرە تۇرسا ئاغرىق پەسىيىپ، ياتقاندا ئېغىرلاشسا، يۆتەلسە، تەرەت قىلسا، چۈشكۈرسە، ئاغرىق ئېغىرلاشسا مېڭە ئۆسمىسىنى كۆزدە تۇتۇش لازىم.
31. يېرىم قارىغۇلۇق ياكى بارغانسېرى كۆرەلمەس بولۇپ قالسا، پۇراش سېزىمى، تەم سېزىمى ئۆزگىرىپ مېڭىشى تۇراقسىز بولسا مېڭە ئۆسمىسىنى كۆزدە تۇتۇش لازىم.
32. تېرە ۋە شىللىق پەردە قايتا-قايتا قاناپ ياكى ئېغىز بوشلۇقى يارىلىنىپ ۋە بارغانسېرى قان ئازلىق قىزىتما پەيدا بولسا ئاق قان كېسىلىنى كۆزدە تۇتۇش لازىم.
يۇقىرىدىكى ئالامەتلەر ۋە بەدەن بەلگىلىرى، ھەرخىل راكلارنىڭ سىگنالى، بىراق بۇ ئالامەتلەر بولسا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىلەن باراۋەر ئەمەس، چۈنكى ئۇنىڭدىن باشقا، ياخشى سۈپەتلىك كىسەللىكلەردىمۇ بۇخىل ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ، شۇڭا ۋاقتىدا دوختۇرغا تەكشۈرتۈپ، دىياگنوزنى ئېنىقلىتىش لازىم.