ساغلاملىق بىلىملىرى
ئەيدىزنىڭ تارقىلىش يوللىرى
1. ئەيدىز جىنسىي ئالاقە، قان ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇش يوللىرى ئارقىلىق تارقىلىدۇ.
2.ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەت ئالاقىسى قىلغاندا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانمايدۇ.
ئەيدىز بولسا نۆۋەتتە دۇنيا ئەللىرى ئورتاق دۇچ كەلگەن ساقايتىش مۇمكىن بولمايدىغان ئەڭ خەتەرلىك كىسەل. نۆۋەتتە بۇ كىسەل 1-2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى بالايى-قازادىنمۇ ئارتۇق بالايى-قازا ئېلىپ كەلگۈچى ئاپەت بولۇپ كىلىۋاتىدۇ، پەقەت ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى بويىچە ھازىرقى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ كىلىۋاتقان بۇ كىسەلگە نىسبەتەن ئۇنىڭ يۇقۇش يۇلىنى بىلىش ۋە ئۇنىڭ زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىلىرى بويىچە خەلقىمىزنى تەربىيلەش ئىنتايىن مۇھىم بولماقتا.