رىئاكسىيەساغلاملىق بىلىملىرى

مېڭىگە زىيانلىق ئامىللار

مېڭىگە زىيانلىق ئامىللار

 

1 . تولا ئاچچىقلىنىش ، روھىي چۈشكۈنلۈك ، ھەسەتخورلۇق ، غەيۋەتخورلۇق ، ئىشىق مۇھەببەت ، ئاشىق – بىقارارلىق ، شەھۋانىي فىلىم ۋە رەسىملەرنى كۆرۈش قاتارلىق ناچار روھىي كەيپىياتلار مېڭىگە ناھايىتى زىيانلىق بۇلۇپ ، ئۇ مېڭىدىكى قۇۋۋىت شەۋقىيە (ئىنتىلدۈرگۈچى قۇۋۋەت) بىلەن قۇۋۋىتى مۇتتەخەييىلە(خىيال قىلىش قۇۋۋىتى)نى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ، مېڭىنىڭ قۇۋۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ  . نەتىجىدە ئادەمنى ئۆز – ئۆزىگەئاچچىقلايدىغان ، ئۆز – ئۆزىگە سۆزلەيدىغان ، جۇنۇن قاتارلىق كېسەللەكلەرگە مۇپتىلا قىلىپ قويىدۇ  .
2 . بىر كۈنلۈك خىزمەت جەريانىدا ئادەم مېڭىسىنىڭ سەرپ قىلىدىغان قۇۋۋىتى ناھايىتى كۆپ بولىدۇ ھەم چارچاشمۇ ناھايىتى ئېغىر بۇلۇپ ،نەتىجىدە مېڭىنىڭ قۇۋۋىتى ئاجىزلايدۇ  .شۇڭىلاشقا يېتەرلىك ئۇخلاپ ، مېڭىنى ئارام ئالدۇرۇش ، مېڭىنىڭ قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لازىم .
3 . ئاز ھەركەت قىلىش ۋە ھورۇنلۇق قىلىش يۈرەكتىكى روھىي ھايۋانىينى ئاجىزلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە مېڭىدىكى روھي نەپسانىي ۋە قۇۋۋىتى نەپسانىينى ئاجىزلاشتۇرىدۇ . نەتىجىدە مېڭىنىڭ تەپەككۇر قىلىش قۇۋۋىتى ، گۇمانقىلىش – قوغدىنىش قۇۋۋىت ۋە ئەستە ساقلاش قۇۋۋىتى قاتارلىقلار ئاجىزلاپ ، مېڭىسى ئىشلىمەيدىغان ، ئەقلىي تەپەككۇرى ئاجىز ، ئىنكاسى سۇس بۇلۇشتەك ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ . شۇڭىلاشقا مۇۋاپىق ھەركەتلەرنى قىلىپ تۇرۇش بەدەندىكى بارلىق ئەزالار ئۈچۈن پايدىلىق . ھەممىگە مەلۇم بولسۇنكى ھەركەتنىڭ ئاز بۇلۇشى ئادەمگە ناھايىتى زىيانلىق . «ھەركەت دېمەك بەرىكەت دېمەكتۇر» . ئادەم ھاياتلا بولىدىكەن ،چۇقۇم ھەركەت قىلىپ تۇرۇشى لازىم .
4 . پىچاقنى ئىشلەتمىسە دات باسقانغا ئوخشاش مېڭىنى ئىشلەتمەسلىكمۇ مېڭىدىكى قۇۋۋىتى نەپسانىينى ئاجىزلاشتۇرۇپ ، ئەقلىي تەپەككۇرنى سۇسلاشتۇرۇپ ، ئادەم مېڭىسىنى ئىشلىمەس قىلىپ قويىدۇ .
5 . مۇۋاپىق ئوزۇقلانماسلىق مېڭىنى قان ۋەئوزۇقلۇق بىلەن تۇلۇق تەمىنلەپ بېرەلمەي ، مېڭىدىكى روھىي نەپسانىي بىلەن قۇۋۋىتى نەپسانىينى ئاجىزلاشتۇرۇپ ، مېڭىنىڭ بالدۇر قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ  .
6 . جىنسىي تۇرمۇشنىڭ كۆپ بۇلۇشى ، پاھىشۋازلىق ،جەلەقنىڭ كۆپ بۇلۇشى ، كۆپ ئېھتىلام بۇلۇش قاتارلىقلار بەدەندىكى قۇۋۋەتلەرنى كۆپلەپ سەرپ قىلىپ قۇۋۋەتلەرنىڭ خورىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇنىڭ بىلەنبەدەننىڭ تەبىئىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ – دە ، يۈرەكتىكى روھىي ھايۋانىي بىلەن مېڭىدىكى روھىي نەپسانىي ۋە قۇۋۋىتى نەپسانىينى ئاجىزلاشتۇرۇپ ، ھەر خىل نېرۋا ئاجىزلىقلىرى ۋە باشقا پۈتۈن بەدەنلىك ئەگەشمە كېسەللەكلەرنى پەيدا قىلىدۇ . شۇڭىلاشقا ، جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ نۇرمال بۇلۇشى ئادەمگە ناھايىتى پايدىلىق .
7 . يوقىرى مايلىق ، يوقىرى ئېنېرگىيىلىك يېمەكلىكلەرنى ئۇزاق مۇددەت ئىستىمال قىلغاندا قاندىكى ماي ماددىسى ۋە خولېستىرىن ئېشىپ كېتىپ ، قاننىڭ ئېقىش سۈرئىتى ئاستىلىشىدۇ . شۇنىڭ بىلەن مېڭە قان تۇمۇرلىرى تۇسۇلۇش ، مېڭىگە قان چۈشۈش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ ، ئېغىر بولغاندا ئۆلۈپ كېتىش خەۋىپى كىلىپ چىقىدۇ .
8 . مېڭىگە زىيادە سوغۇقلۇق ياكى زىيادە ئىسسىقلىقتەسىر قىلىش سەۋەبىدىن مېڭىدە ماددىسىز مىزاج بۇزۇلۇش بولىدۇ . زىيادە سوغۇقلۇق تەسىر قىلسا مېڭە قان تۇمۇرلىرى قۇرۇپ ، مېڭە قان ئايلىنىشى ياخشى بولمىغانلىقتىن قان ۋە ئوكسېگىن بىلەن تەمىنلەش تۇلۇق بولمايدۇ . زىيادە ئىسسىقلىق تەسىر قىلىشتىن مېڭە ئىچكى بېسىمى ئېشىپ كېتىدۇ . شۇ سەۋەبتىن ھەرخىل باش ئاغرىقلىرى پەيدا بولىدۇ.
9 . ئاپتاپ ئۆتۈپ كېتىش مېڭىگە ناھايىتى زىيانلىق بۇلۇپ ، مېڭىدە ماددىسىز ئىسسىقتىن مىزاج بۇزۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، مېڭىنىڭ ئىچكى بېسىمىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ  .شۇنىڭ بىلەن باش ئاغرىش ۋە ھەرخىل قىزىتمىلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ .
10 . ھاۋاسى شالاڭ تاغلىق رايۇنلاردا ئۇزۇن مۇددەتياشىغاندا (بۇنداق جايلاردا ئوكسېگىن شالاڭ بولغاچقا) ، مېڭىنىڭ ئوكسېگىن بىلەنتەمىنلىنىشى يېتەرلىك بولماي ، مېڭىدىكى روھىي نەپسانىي ۋە قۇۋۋىتى نەپسانىيلارئاجىزلاپ كۆز قاراڭغۇلىشىش ، ئېغىر بولغانلاردا شۈك بۇلۇپ قېلىش كۆرىلىدۇ . ئېگىزجايلار ۋە ھاۋاسى شالاڭ جايلارغا چىققاندا كۆز قاراڭغۇلىشىش ۋە ھوشىدىن كېتىشنىڭسەۋەبى مانا مۇشۇ .
11 . كەسپىي ئامىللار ، مەسىلەن : داۋاملىق ئەقلىيئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار يەنىي ئالىم – مۇتەخەسىسلەر ، تەتقىقاتچى ، كاسىر، ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچى قاتارلىقلاردا مېڭىنىڭ ئىشلەش ۋاقتى ناھايىتى ئۇزۇن ،سەرىپ قىلىدىغان قۇۋۋەت ۋە كۈچمۇ كۆپ بولغاچقا ، مېڭىدىكى روھىي نەپسانىي ۋەقۇۋۋىتى نەپسانىي ئاجىزلايدۇ . نەتىجخدە خىيال قىلىش قۇۋۋىتى بىلەن تەپەككۇر قىلىشقۇۋۋىتى ئاجىزلىشىپ ، ئەقلىدىن ئادىشىش ، نېرۋا ئاجىزلىق ، نېرۋىنىڭ خىزمىتىقالايمىقانلىشىش ، ئۇندىن باشقا ھەر خىل ئەگەشمە كېسەللىكلەر كىلىپ چىقىش بىلەنبىرگە مېڭە بالدۇر قېرىيدۇ  .
12 . غەرب تىبابىتى ئىشلىتىپ كەلگەن رەئىسئەزالارنى قۇۋۋەتلىگۈچى ، قوزغاتقۇچى ، ھاياجانلاندۇرغۇچى ، كۈچلەندۈرگۈچى ۋە جىنسىيەت دۇرىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىھورمۇن تەركىبلىك دۇرىلار بولغاچقا ، بۇنداق دۇرىلارنى كۆپ ئىشلەتكەندا روھىينەپسانىينى ئاجىزلاشتۇرۇپ ، نېرۋىنىڭ خىزمىتىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپچىقىرىدۇ  .
13 . يېمەكلىكلەرنىڭ خېمىيىلىك بۇلغىنىشى(خېمىيىلىك ئوغۇت ، دېھقانچىلىق دۇرىلىرى كۆپ ئىشلىتىلگەن يېمەكلىكلەر) ،خېمىيىلىك دۇرىلا قاندا ئوفۇنەتلىنىش ۋە زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇ خىلقان مېڭىگە يىتىپ بارغاندا مېڭىنى نۇرمال ئۇزۇقلۇق ۋە ئوكسېگىن بىلەنتەمىنلىيەلمەي ھەم مېڭە ھۈجەيرە تۇقۇلمىلىرىنى زەھەرلەپ ، مېڭىدىكى روھىينەپسانىينى سۇسلاشتۇرىدۇ ياكى يوق قىلىدۇ . شۇ سەۋەبتىن ئايلىنىپ كېتىش ، ساراڭبۇلۇپ قېلىش ۋە ئۆلۈپ كېتىشتەك خەتەرلىك ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىدۇ .
14 . ئەقلىي ئەمگەكنىڭ كۆپلىكى مېڭىگە بولغانبېسىمنى يوقىرىلىتىۋېتىپ ، قۇۋۋىتى نەپسانىينى ئاجىزلاشتۇرۇپ ، مېڭىنى چارچىتىدۇھەم مېڭىنىڭ بالدۇر قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
15 . پاكىز بولمىغان مۇھىت ئادەمنىڭ روھىيكەيپىياتىغا تەسىر قىلىش ئارقىلىق ئادەمنىڭ مېڭىسىنى قاراڭغۇلاشتۇرۇپ ، روھىينەپسانىينى سۇسلاشتۇرۇپ قويىدۇ ھەم ئەقلىي تەپەككۇرنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ .

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button