توربېكەت ھەققىدە


نۇرلۇق تېببى بىلىملەر تورى ھەققىدە

نۇرلۇق تېببىي بىلىملەر توربىكىتى نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ئامبۇلاتورىيىسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى كەسپىي تور بېكەت بولۇپ، مەزكۇر تور بېكەت مەخسۇس تېببىي خادىملار تەرىپىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، جەمئىيىتىمىزدىكى تونۇلغان تېببىي مۇتەخەسسىسلەر كەسپىي جەھەتتىن نازارەت قىلىدىغان، شۇنداقلا، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومىدىكى پىشقەدەم ئۇستازلارنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشكەن، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى تېببىي تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە مۇتەخەسسىس دوختۇرلار بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان، ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى بىردىنبىر كەسىپلەشكەن ساغلاملىق تور بېكىتىدۇر.

 

نۇرلۇق تېببىي بىلىملەر تورىنىڭ تەرەققىيات نىشانى

* «خەلقىمىزنىڭ ساغلاملىقى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ غايىمىز!» دېگەن ئۇلۇغۋار مەقسەتنى نىشان قىلىپ، ئۇيغۇر تور ئاممىسىنى ئەڭ كەسپىي، ئەڭ نوپۇزلۇق، تۇرمۇشقا ئەڭ يېقىن ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلنىڭ ساقلىقى ئۈچۈن تىگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇش.

* خەلقىمىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن بەجانىدىل خىزمەت قىلىۋاتقان دوختۇرلار ۋە تەتقىقاتچىلار ۋە تېببىي مۇتەخەسسىلەرنىڭ ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلىدىغان ئەڭ ياخشى سورۇن ھازىرلاش.

تېببىي بىلىملەر ۋە ساغلاملىققا ئالاقىدار توربىكەتلەرنىڭ ئەۋزەللىكى

زامانىۋى جەمئىيەتلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ساغلام تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن ساغلاملىق ئۇچۇرلىرىغا دەل ۋاقتىدا ئېرىشىش ئىنتايىن مۇھىم. ھازىر تورنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە تارقىلىشى ساغلاملىق ئۇچۇرلىرىنى تېخىمۇ ئاسان ۋە تېز زىيارەت قىلالايدىغان مۇھىم مەنبەگە ئايلاندى. ساغلاملىق ئۇچۇرلىرىنى ھەمبەھىرلەيدىغان تور بېكەتلەر شەخسلەرنىڭ ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىش ، كېسەللىك ئالامەتلىرى ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىش ۋە ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى توغرىسىدا مەسلىھەت ئېلىش قاتارلىق نۇرغۇن پايدىلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئۆگىنىش ۋە ئاڭلىقلىقنى ئاشۇرۇش:

ئوخشىمىغان كېسەللىك، كېسەللىك ئالامەتلىرى ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى ھەققىدە كەڭ بىلىملەر بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرالايدۇ . بۇنداق بولغاندا كىشىلەر مول بىلىم مەنبەسىگە ئېرىشىپ، ساغلاملىق مەسىلىسىنى تىپ يىلتىزىدىن تونۇپ يېتەلەيدۇ ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنەلەيدۇ. ئۇ يەنە ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك بىلىم جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تۈگىتىش ۋە ساغلاملىق ئېڭىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى:

ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.ئوزۇقلۇق، چېنىقىش، روھى بېسىمنى يېنىكلىتىش قاتارلىق تېمىلاردا مەسلىھەت بېرىدۇ ۋە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇنداق بولغاندا بىمارلار ساغلام ھاياتى بىلەن تىزراق ئۇچرىشالايدۇ .

داۋالاش ۋە دورا ئۇچۇرى:

ساغلاملىق ۋە تېببىي ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلەش تور بېكەتلىرى ئوخشىمىغان كېسەللىكلەرنىڭ داۋالاش ئۇسۇللىرى، دورىلار ۋە ئەكىس تەسىرلىرى ھەققىدە كۆپلىگەن ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ ئۇچۇرلار كېسەل كىشىلەرنىڭ داۋالاش ئۇسۇللىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى ۋە ساقلىقنى ساقلاش خادىملىرى بىلەن تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

سوزۇلما ۋە جىددى خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى ئىز قوغلاش ۋە باشقۇرۇش:

سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرگە نىسبەتەن بۇ خىل تور بېكەتلەر كېسەللىكلەرنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشتىكى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇلار ئىشلىتىۋاتقان دۇرىللىرنى نازارەت قىلىش، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى بىلىپ تۇرۇش ۋە دوختۇر تاللاش قاتارلىق مەسىلىلەردە بىمارلارغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

ئىجتىمائىي ئورتاقلىشىش ۋە قوللاش:

ساغلاملىق مەسىلىلىرىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇش ئۇچۇرغا ئېرىشىشلا ئەمەس، بەلكى قوللاش ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك. بۇ خىل تور بېكەتلەر بىمارلار توپى، مۇنبەر ۋە ۋاتساپ گۇرۇپپىلىرىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق شەخسلەرنىڭ ئۆز ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشقا قولايلىق يارىتىدۇ.

قانداقلا بولمىسۇن ساغلاملىق ئۇچۇرلىرىنى ھەمبەھىرلەيدىغان تور بېكەتلىرىنى ئىشلەتكەندە ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىش كېرەك. چۈنكى توردا ئېلان قىلىنغان ياكى ئىشەنچسىز ئۇچۇرلار ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدۇ . ساغلاملىق ئۇچۇرلىرىنىڭ ئىشەنچلىكىنى تەكشۈرۈش ۋە كەسپىي خادىملاردىن مەسلىھەت سوراش بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ .

ساغلاملىق ئۇچۇرلىرىنى ھەمبەھىرلەيدىغان تور بېكەتلەر شەخسلەرگە ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تېخىمۇ تېز ۋە ئاسان زىيارەت قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ تور بېكەتلەر كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ۋە باشقۇرۇش ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي ساغلاملىق ئېڭىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم بايلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ھەرقانداق ۋاقىتتا، ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن ئۇچۇرغا ئېرىشىش ۋە دوختۇرنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سېلىش ئەڭ ياخشى تاللاش .

ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدا ساغلاملىققا مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردا ماقالىلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەپ باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق ھەمكارلىق پۇرسىتى يارىتىشقا تىرىشىڭ. بارلىق زىيارەتچىللىرىمىزنىڭ توربىكتىمىزنى قوللىشىنى ۋە تەلەپ پىكىر بېرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !

ھۆرمەت بىلەن :


Back to top button